مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ گوۋۇيۈەن پەرمانىغا ئىمزا قويدى

«يەر ئاستى سۈيىنى باشقۇرۇش نىزامى» ئېلان قىلىندى

2021.11.10 21:40 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 10-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ يېقىندا گوۋۇيۈەن پەرمانى ئىمزالاپ، «يەر ئاستى سۈيىنى باشقۇرۇش نىزامى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «نىزام» دېيىلىدۇ)نى ئېلان قىلدى، بۇ نىزام 2021-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن يەر ئاستى سۈيىنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. يەر ئاستى سۈيى مۇھىم بايلىق خۇسۇسىيىتى ۋە ئېكولوگىيە ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ شەھەر-يېزىلىرىنى تۇرمۇش، ئىشلەپچىقىرىش، سۇ بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى قوللاش ۋە ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ساقلاشتا مۇھىم رول ئوينىماقتا.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا ئەگىشىپ، ئېلىمىزنىڭ يەر ئاستى سۈيىدىن پايدىلىنىش دەرىجىسى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، قىسمەن رايونلاردا يەر ئاستى سۈيى زىيادە تارتىلىش ۋە بۇلغىنىش مەسىلىسى گەۋدىلىك بولدى. يەر ئاستى سۈيىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، «نىزام»دا تەكشۈرۈش ۋە پىلانلاش، تېجەش ۋە قوغداش، زىيادە قېزىشنى تۈزەش، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە بەلگىلىمە چىقىرىلدى.

  بىرىنچى، يەر ئاستى سۈيىنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ باھالاش ۋە يىرىك پىلان تۈزۈش قېلىپلاشتۇرۇلدى. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى سۇ مەمۇرىي تارمىقى، تەبىئىي بايلىق تارمىقى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت تارمىقى قاتارلىق مەسئۇل تارماقلارنى تەشكىللەپ، يەر ئاستى سۈيى ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ باھالاش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشى، يەر ئاستى سۈيى ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ باھالاش نەتىجىسىگە ئاساسەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئېھتىياجى، يەر ئاستى سۈيى بايلىقى ئەھۋالى، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قاتارلىق ئامىللارنى بىرتۇتاش ئويلىشىپ، شۇ دەرىجىلىك يەر ئاستى سۈيىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش يىرىك پىلانىنى تۈزۈشى كېرەك.

  ئىككىنچى، يەر ئاستى سۈيىنى تېجەش ۋە قوغداشنى كۈچەيتىش كېرەك. يەر ئاستى سۈيىنى ئېلىش ئومۇمىي مىقدارىنى تىزگىنلەش ۋە سۇ ئورنىنى تىزگىنلەش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ. سۇ ئىشلىتىش جەريانىدىكى سۇنى تېجەپ ئىشلىتىش تەلىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، يەر ئاستى سۈيىنى تېجەش ۋە قوغداشنى ئىقتىسادىي ۋاسىتە ئارقىلىق تەڭشەش-تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، يەر ئاستى سۈيى بايلىقىدىن باج ئېلىش پىرىنسىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. ئالاھىدە ئەھۋالنى ھېسابقا ئالمىغاندا، يېڭىلاش تەس بولغان يەر ئاستى سۈيىنى ئېچىش مەنئى قىلىنىدۇ.

  ئۈچىنچى، يەر ئاستى سۈيىنى زىيادە تارتىشنى قاتتىق تۈزەش لازىم. يەر ئاستى سۈيىنى ئېچىش مەنئى قىلىنغان رايون ۋە ئېچىشقا چەك قويۇلغان رايوننى ئايرىشنى قېلىپلاشتۇرۇش لازىم. ئالاھىدە ئەھۋالنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئېچىش مەنئى قىلىنغان رايوندا يەر ئاستى سۈيى ئېلىش مەنئى قىلىنىدۇ، ئېچىشقا چەك قويۇلغان رايوندا يەر ئاستى سۈيىنى يېڭىدىن ئېلىش مەنئى قىلىنىدۇ ھەمدە يەر ئاستى سۈيى ئېلىش مىقدارى تەدرىجىي ئازايتىلىدۇ. ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردىن شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ يەر ئاستى سۈيىنى زىيادە تارتىشنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش لايىھەسىنى تۈزۈپ، تىزگىنلەش نىشانى، تىزگىنلەش تەدبىرى، كاپالەت تەدبىرى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئايدىڭلاشتۇرۇش تەلەپ قىلىندى.

  تۆتىنچى، يەر ئاستى سۈيىنىڭ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. يەر ئاستى سۈيى بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشتىكى نۇقتىلىق رايونلارنى ئايرىش تۈزۈمىنى ئورنىتىش كېرەك. يەر ئاستى سۈيىنى بۇلغاش قىلمىشلىرىنى باشقۇرۇش-تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتىن قېچىش ئۇسۇلى بىلەن سۇ بۇلغىمىسى چىقىرىشنى مەنئى قىلىش، سىڭىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى بولمىغان ئېرىق-ئۆستەڭ، لەخمە قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ تەركىبىدە زەھەرلىك بۇلغىما بولغان كېرەكسىز سۇنى توشۇش ياكى ساقلاشنى مەنئى قىلىش كېرەك. ئىشلەپچىقىرىش، قۇرۇلۇش پائالىيەتلىرىنىڭ يەر ئاستى سۈيىنى بۇلغاشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تۈزۈمىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈش كېرەك. تۇپراقنىڭ بۇلغىنىشىنىڭ يەر ئاستى سۈيىنى بۇلغاشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تۈزۈمىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈش كېرەك.

  بەشىنچى، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش لازىم. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سۇ مەمۇرىيىتى، تەبىئىي بايلىق، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت تارمىقى قاتارلىق مەسئۇل تارماقلىرى مەسئۇلىيىتى بويىچە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەمكارلىشىش، ماسلىشىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك. يەر ئاستى سۈيىنى كۆزىتىش پونكىتى تورى ۋە كۆزىتىش ئۇچۇرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش مېخانىزمى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يەر ئاستى سۈيىنى ئېلىش قۇرۇلۇشىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سۇ ئېلىشقا تېگىشلىك يەر ئىسسىقلىقى ئېنېرگىيەسىدىن ئېچىپ پايدىلىنىش تۈرلىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك.

  بۇنىڭدىن باشقا، «نىزام»غا خىلاپ قىلمىشلارغا قارىتا قاتتىق قانۇن جاۋابكارلىقى بېكىتىلىپ، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش كۈچەيتىلدى.

  (بۇ يەرنى بېسىپ «نىزام»نىڭ تولۇق تېكىستىنى بۈگۈنكى خەلق گېزىتىنىڭ 10-بېتىدىن كۆرۈڭ)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ