شى جىنپىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى سودا-سانائەت رەھبەرلىرى يىغىنىغا قاتناشتى ھەم باش مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى

2021.11.12 15:49 مەنبە: خەلق تورى

  11-ئاينىڭ 11-كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تەكلىپكە بىنائەن بېيجىڭدا ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى سودا-سانائەت رەھبەرلىرى يىغىنىغا «ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلايلى» دېگەن تېمىدا سىنلىق باش مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى

  ◆ نۆۋەتتە، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يەنىلا پۈتۈن يەر شارىدا يامراۋاتىدۇ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىشى جاپالىق، ئەگرى-توقاي بولۇۋاتىدۇ. ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى دەۋر مەسئۇلىيىتىنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش نىشانىغا قاراپ قەتئىي قەدەم تاشلىشى كېرەك.

  بىرىنچى، يۇقۇمغا پۈتۈن كۈچ بىلەن تاقابىل تۇرۇش كېرەك؛ ئىككىنچى، ئېچىۋېتىش-ھەمكارلىشىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك؛ ئۈچىنچى، يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ تۆتىنچى، يېڭىلىق يارىتىشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  ◆ جۇڭگو ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىدۇ. جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى ۋە دۇنيا ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا تۆھپە قوشىدۇ. جۇڭگو ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ چىقىرىپ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشىدۇ.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 12-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-ئاينىڭ 11-كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تەكلىپكە بىنائەن بېيجىڭدا ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى سودا-سانائەت رەھبەرلىرى يىغىنىغا «ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلايلى» دېگەن تېمىدا سىنلىق باش مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى. (سۆزنىڭ تولۇق تېكىستىنى بۈگۈنكى خەلق گېزىتىنىڭ 2-بېتىدىن كۆرۈڭ)

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نۆۋەتتە، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يەنىلا يەر شارىدا يامرىماقتا، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى مۈشكۈل ۋە ئەگرى-توقاي بولماقتا. ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى دەۋر مەسئۇلىيىتىنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ، يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش نىشانىغا قاراپ قەتئىي ئىلگىرىلىشى كېرەك.

  بىرىنچى، پۈتۈن كۈچ بىلەن يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش لازىم. قىيىنچىلىق قانچە ئېغىر بولغانسېرى، ئىشەنچنى شۇنچە چىڭىتىش، تەمكىن، جاسارەتلىك بولۇش كېرەك. ئىنسانىيەتنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك بۇ ئەسىر سىنىقى ئالدىدا، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ھەر قايسى ئىقتىسادىي گەۋدىلەر ۋە جەمئىيەتنىڭ ھەر ساھەسى خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىلىم-پەن روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئۈزۈل-كېسىل غەلىبىسىنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈشى لازىم.

  ئىككىنچى، ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ھەر قايسى تەرەپلەر ئومۇملۇقنى ئىگىلەپ، ئېچىۋېتىشنى پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن كېڭەيتىپ، سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقى، راۋانلىقىنى قوغداپ، ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ھەمتۈرتكىلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشى؛ ئالدىغا قاراش، ئالغا قاراپ ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇشى لازىم. ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى قارشىلىشىش ۋە ئايرىمىچىلىق ھالىتىگە قايتسا بولمايدۇ، شۇنداقلا قايتماسلىقى كېرەك.

  ئۈچىنچى، يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. ئورتاق، ئەمما پەرقلىق مەسئۇلىيەت پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشتىكى «پارىژ كېلىشىمى» ۋە «جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئەھدىنامىسى»نى تۈزگۈچى تەرەپلەر كېڭىشى 15-قېتىملىق يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات يولىدا تەڭ مېڭىش؛ خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئېنېرگىيە تېجەپ بۇلغىما ئازايتىشنى ياخشى ماسلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش داۋامىدا يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېشىل تىپ ئۆزگەرتىش داۋامىدا تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  تۆتىنچى، يېڭىلىق يارىتىشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. پەن-تېخنىكا ۋە تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشنى تېزلىتىپ، پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئۆزلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى قۇۋۋىتىنى يېتىلدۈرۈش؛ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئەزالىرىنىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى ئۈچۈن ئېچىۋېتىلگەن، ئادىل، ھەققانىي، كەمسىتىش بولمىغان مۇھىت بەرپا قىلىش كېرەك؛ سودا-سانائەت ساھەسى تىرىشىپ، تەتقىقات سېلىنمىسى، نەتىجىلەرنى ئۆزلەشتۈرۈشتىكى ئاساسىي قوشۇنغا ئايلىنىشى لازىم.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ھەمكارلىق مۇساپىسىگە يۇغۇرۇلۇپ ۋە ھەمراھ بولۇپ كەلدى. جۇڭگو ھاللىق جەمئىيەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشنى ئۆز قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلىدى، بۇ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىغا تېخىمۇ زور پۇرسەت ئېلىپ كېلىدۇ.

  جۇڭگو ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىدۇ. جۇڭگو يۇقىرى ئۆلچەملىك بازار سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇھىم ساھەلەر ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنىڭ ئىسلاھاتىدا يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك، تۈزۈم تىپىدىكى سىرتقا ئېچىۋېتىش ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، تىجارەت-سودا مۇھىتىنى سىجىل ياخشىلاپ، بىر تۇتاش ئېچىۋېتىلگەن، تەرتىپلىك رىقابەتلىشىدىغان بازار سىستېمىسى ئورنىتىپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىيات ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلايدۇ ھەم ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى ۋە يەر شارى سودا-سانائەت ساھەسىنىڭ جۇڭگوغا مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشىنى تېخىمۇ ياخشى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى ۋە دۇنيانىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا تۆھپە قوشىدۇ. جۇڭگو ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرىدىغان دۆلەت ئىستراتېگىيەسىنى قەتئىي يولغا قويۇپ، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىش بىلەن خەلق تۇرمۇشى ئېھتىياجىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، كاربوننى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش نىشانىنى ئۆز قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرىدۇ. جۇڭگو ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى سودا-سانائەت ساھەسىنىڭ ئاكتىپ قاتنىشىپ، يېشىل تەرەققىياتنىڭ كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشىنى قارشى ئالىدۇ.

  جۇڭگو ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا ھەسسە قوشىدۇ. ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكتە چىڭ تۇرۇپ، يەر شارى ئىقتىسادىنى ئىدارە قىلىشقا پائال قاتنىشىپ، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولىدۇ. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە تەڭ قۇرۇشنى قەتئىي ئىلگىرى سۈرۈپ، يەر شارىدىكى نامراتلارنى ئازايتىش، ئاشلىق بىخەتەرلىكى، تەرەققىياتقا مەبلەغ توپلاش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇپ، يەر شارى تەرەققىياتى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ