مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى

«14-بەش يىل»دىكى دۆلەتنىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش، رەقەملىك ھۆكۈمەت قۇرۇشنى تېزلىتىش، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش يىرىك پىلانى قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى؛ كۆمۈردىن پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشقا مەدەت بېرىدىغان مەخسۇس تەكرار قەرز پۇل تەسىس قىلىپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش قارار قىلىندى

2021.11.19 17:05 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 19-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 11-ئاينىڭ 17-كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا دۆلەتنىڭ «14-بەش يىل»دىكى ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش، رەقەملىك ھۆكۈمەت قۇرۇشنى تېزلىتىش، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش يىرىك پىلانى قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى؛ كۆمۈردىن پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشقا مەدەت بېرىدىغان مەخسۇس تەكرار قەرز پۇل تەسىس قىلىپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش قارار قىلىندى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: مەمۇرىيەتنى ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش — ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇش ئۈنۈمى ۋە مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، «13-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان مەزگىلىدە «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىشقا بىرلەشتۈرۈلۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇر سىستېمىسى قۇرۇلۇشىدا قوللىنىشتا تېز ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلۈپ، «ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم قاتراش»، «يۈز كۆرۈشمەي تەكشۈرۈپ تەستىقلاش»، «ئالقاندا ئىش بېجىرىش» قاتارلىق مۇلازىمەت يېڭى ئەندىزىسى ئۈزلۈكسىز بارلىققا كېلىپ، كارخانا ۋە ئاممىنىڭ ئىش بېجىرىش قولايلىق دەرىجىسى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈلدى. «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان مەزگىلىدە، كارخانىلارنىڭ ئېھتىياجى ۋە ئاممىنىڭ ئارزۇسىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇشقا يۈزلىنىپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، توردىكى ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى چىڭ تۇتۇپ، رەقەملىك ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، بازارنىڭ ئادىل رىقابىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  بىرىنچى، بىرلىككە كەلگەن دۆلەت ئېلېكتىرونلۇق مەمۇرىيەت تورى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، يەرلىك، تارماقلارنىڭ تۈرلۈك مەمۇرىيەت مەخسۇس تورىنى بىرلىككە كەلگەن ئېلېكتىرونلۇق مەمۇرىيەت تورىغا بىرىكتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئۇچۇر يېگانە ئارىلىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئۇلاشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق ئۇلاش، ئۇچۇردىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  ئىككىنچى، مەملىكەت بويىچە بىر گەۋدىلەشكەن ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت سۇپىسىنىڭ ئىقتىدارىنى بېيىتىپ، بىرلىككە كەلگەن ئېلېكتىرونلۇق كىنىشكا ئامبىرى بەرپا قىلىپ، ئېلېكتىرونلۇق توختام، ئىمزا-تامغا قاتارلىقلارنى قوللىنىشنى كېڭەيتىپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا، داۋالاش، مائارىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە تېخىمۇ قولايلىق ئاممىۋى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى بىر توردا بېجىرىش، ئۆلكە ھالقىپ بىر تۇتاش بېجىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  ئۈچىنچى، دۆلەتنىڭ نوپۇس، قانۇنىي ئىگە، تەبىئىي بايلىق، ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇمات قاتارلىق ئاساسىي ئۇچۇر ئامبىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سانلىق مەلۇمات بايلىقىنى ئېچىپ پايدىلىنىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. رەقەملىك تېخنىكىنىڭ ئاممىۋى ساغلاملىق، تەبىئىي ئاپەت، ھادىسە-ئاپەت قاتارلىق زور تاسادىپىي ۋەقەلەرنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىشتا قوللىنىلىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك.

  تۆتىنچى، مەمۇرىيەت سانلىق مەلۇماتلىرىنى مەمۇرىيەتنى ئاشكارىلاش قائىدىسىگە ئاساسەن قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە جەمئىيەتكە ئېچىۋېتىشكە تۈرتكە بولۇپ، كارخانىلارنى تىزىملاش ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، سەھىيە، مائارىپ، قاتناش، مېتېئورولوگىيە قاتارلىقلاردا سانلىق مەلۇماتلارنى ئېچىۋېتىشكە ئالدىن تۈرتكە بولۇش كېرەك. تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سودا مەخپىيىتى ۋە كىشىلەرنىڭ شەخسىيىتىنى قاتتىق قوغداش كېرەك.

  بەشىنچى، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، «قوش ئىختىيارىي بولۇش، بىرنى ئاشكارىلاش» بويىچە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، «ئالاقە تورى + نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش»، ئىناۋەتنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قاتارلىق مېخانىزملارنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېمەكلىك-دورا، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، ئالاھىدە جابدۇق قاتارلىقلارنى ھەمكارلىشىپ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  ئالتىنچى، تور بىخەتەرلىكى كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، دەرىجىگە ئايرىپ قوغداش تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەمۇرىيەتنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئۇل ئەسلىھەسى ۋە سىستېمىسى، سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: دۆلىتىمىزنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى ئەۋزەللىكى كۆمۈرنى ئاساس قىلىدۇ، دۆلەت ئەھۋالى ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىپ، كۆمۈردىن پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، پىشقان تېخنىكىلارنى سودىلاشتۇرۇپ قوللىنىشنى تېز كېڭەيتىش كېرەك. يىغىندا مۇنۇلار قارار قىلىندى: ئالدىنقى مەزگىلدە تەسىس قىلىنغان كاربون قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش پۇل مۇئامىلىسىنى قوللاش قورالى ئاساسىدا، يەنە 200 مىليارد يۈەن تەسىس قىلىپ، كۆمۈردىن پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش مەخسۇس تەكرار قەرز پۇلىنى قوللاپ، سىياسەت كۆلىمىنى شەكىللەندۈرۈپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. بۇ قېتىم تەسىس قىلىنغان 200 مىليارد يۈەنلىك مەخسۇس تەكرار قەرز پۇلدا، دىققەتنى مۇھىم نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرۈش، تېخىمۇ مەشغۇلاتچانلىققا ئىگە بولۇش تەلىپى ۋە بازارلاشتۇرۇش پىرىنسىپى بويىچە كۆمۈرنى بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، يېشىل، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئېچىش، كۆمۈرنى پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پىششىقلاش، كۆمۈردىن پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش، سانائەتتە پاكىز كۆيدۈرۈش ۋە پاكىز پار بىلەن تەمىنلەش، پۇقرالارنى پاكىز ئىسسىنىش، كۆمۈر بايلىقىدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش ۋە كۆمۈر قاتلىمى گازىدىن ئېچىپ پايدىلىنىشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىشقا مەخسۇس مەدەت بېرىلىدۇ. كونكرېت ئۇسۇلى مۇنداق: مەملىكەت خاراكتېرلىك بانكىلار قوللاش دائىرىسىدىكى ئۆلچەمگە ئۇيغۇن تۈرلەرگە ئۆز ئالدىغا ئېتىبارلىق قەرز پۇل تارقىتىدۇ، ئۆسۈم نىسبىتى ئوخشاش مەزگىلدىكى قەرز پۇلنىڭ بازاردىكى مەلۇم قىلىنغان باھا ئۆسۈم نىسبىتى بىلەن ئاساسەن تەڭ بولىدۇ، خەلق بانكىسى قەرز پۇلنىڭ دىرى قاتارلىق سوممىسى بويىچە تەكرار قەرز پۇل بىلەن تەمىنلەيدۇ. يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: تۈر مەبلىغى نىسبىتىنى مۇۋاپىق تۆۋەنلىتىش، باجدا مۇۋاپىق ئېتىبار بېرىش، ھۆكۈمەتنىڭ مەخسۇس قەرز مەبلىغىنى قوللاشنى كۈچەيتىش، ئامورتىزاتسىيەنى تېزلىتىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى بىر تۇتاش تەتقىق قىلىپ، كۆمۈردىن پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش تۈرلىرىنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

  يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇزاكىرە قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ