مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ 4 - نۆۋەتلىك دۇنيا تاراتقۇلار ئۇچرىشىش يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2021.11.23 22:50 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  11 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 4 - نۆۋەتلىك دۇنيا تاراتقۇلار ئۇچرىشىش يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھازىر، دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى ۋە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ پۈتۈن يەر شارىدا كەڭ تارقىلىشى ئۆزئارا گىرەلىشىپ، بىر - بىرىگە تەسىر كۆرسەتمەكتە، خەلقئارا ئەندىزىنىڭ ئۆزگىرىشى چوڭقۇر، مۇرەككەپ بولماقتا. قانداق قىلىپ دەۋر تېمىسىغا توغرا جاۋاب بېرىپ، دۇنياۋى ئورتاق تونۇشنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەشتە، تاراتقۇلار مۇھىم ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالغان. يىغىنغا قاتناشقان ئەزىز مېھمانلارنىڭ ئۇچرىشىش يىغىنىنىڭ باش تېمىسىنى چۆرىدەپ چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلىپ، ئورتاق تونۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تىرىشىپ خەلق رىشتىنى تۇتاشتۇرىدىغان تارقاتقۇچىلاردىن، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرگۈچىلەردىن بولۇپ، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  4 - نۆۋەتلىك دۇنيا تاراتقۇلار ئۇچرىشىش يىغىنى شۇ كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى، باش تېمىسى «يۇقۇم زەربىسى شارائىتىدىكى تاراتقۇلارنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى» بولۇپ، شىنخۇا ئاگېنتلىقى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ