مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ۋاڭ ياڭ «يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش» بويىچە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى

2021.07.16 09:03 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بىرلىك سەپ بۆلۈمى 7-ئاينىڭ 15-كۈنى بېيجىڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، ئالاقىدار دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلارنىڭ مەركىزىي كومىتېتلىرى ۋە پارتىيە-گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرى قانات يايدۇرغان «يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش» توغرىسىدىكى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى كېڭەشتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  ۋاڭ ياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى، ئومۇمىيەت ۋە كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك سىستېمىلىق، چوڭقۇر قاتلاملىق ئىسلاھات. «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننىڭ باشلىنىش يىلىدا، دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلارنىڭ مەركىزىي كومىتېتلىرى، پارتىيە-گۇرۇھسىز زاتلارنىڭ بۇ تېمىنى چۆرىدەپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشى، كېڭىشىپ چارە-تەدبىر كۆرسىتىشى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم سىياسەت، فاڭجېنلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، نېمە ئۈچۈن يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش، قانداق يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى قانداق بەرپا قىلىش قاتارلىق زور مەسىلىلەرگە بولغان تونۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، بەزى مۇھىم نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى تاللاپ داۋاملىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئۆتكەلگە مەركەزلىك ھۇجۇم قىلىش كېرەك. مەۋقەنى پارتىيە-گۇرۇھلار، تەشكىلاتلارنىڭ ئەمەلىيىتى ۋە ئالاھىدىلىكىگە قويۇپ، ئۆزىنىڭ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشقا مۇلازىمەت قىلىشتىكى ئەۋزەل ساھەسىنى توغرا تېپىپ، دەل جايىدا چارە-تەدبىر كۆرسىتىش، ئاچقۇچلۇق مەسىلىلەر توغرىسىدا كېڭىشىش كېرەك.

  جۇڭگو دېموكراتىيە ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى دىڭ جۇڭلى، جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى خاۋ مىڭجىن، جۇڭگو ئادالەتچىلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋەن گاڭ، تەيۋەن دېموكراتىك ئاپتونومىيە ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى سۇ خۇي، پارتىيە-گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىلى لىن يىفۇ سۆھبەت يىغىنىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى تونۇشتۇرۇپ، ئوخشاش بولمىغان نۇقتىدىن ئەمەلىي، سەمىمىي پىكىر-تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. دېموكراتىيە ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى چوڭ چېگرا بويىدىكى ئېچىۋېتىلگەن دۆلەت ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، چېگرا بويىدىكى ئېچىۋېتىلگەن سۇپا ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، كەسىپ ۋە نوپۇسنىڭ توپلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چېگرانى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش تەكلىپىنى بەردى. دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتى دۆلەت ئىچىدە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇش توغرىسىدا يېتەكچى پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازارنى كۆزىتىش سۇپىسى ۋە باھالاش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ئامىل بازىرى تۈزۈمىنىڭ تەپسىلىي قائىدىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرۇش تەكلىپىنى بەردى. ئادالەتچىلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى قوش ئايلانما ھالقىلىق رايونلارنىڭ باشلامچىلىق ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، رەقەملىك تېخنىكىنىڭ ئەمەلىي كارخانىلارغا ئېنېرگىيە بېرىش ئۈنۈمىنى كۈچەيتىپ، كاربون ئىزى، كاربون پېرېۋوتىنى ئۆلچەش قاتارلىق ئاساسىي تەتقىقاتنى تېزدىن قانات يايدۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ئارقىلىق تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تەڭشەشكە يېتەكچىلىك قىلىش تەكلىپىنى بەردى. تەيۋەن دېموكراتىك ئاپتونومىيە ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى ياڭپۇ خەلقئارا سۇ تىرانسپورت تۈگۈنى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، خەينەن ئەركىن سودا پورتىنىڭ تاموژنا پېچىتى بىلەن يۈرۈشۈشىنى قېلىپلاشتۇرۇش كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، تەيۋەن مەبلىغىدىكى كارخانىلارنى سىرتقا ئېچىۋېتىش سۇپىسى قۇرۇلۇشىغا تېخىمۇ كۆپ قاتنىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈش تەكلىپىنى بەردى. پارتىيە-گۇرۇھسىز زاتلار دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پەن-تېخنىكا كۈچى ۋە بازار كۈچىدىن بىرتۇتاش ياخشى پايدىلىنىپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ كەسىپ زەنجىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تىرەك بولۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدە ئىككى بازار، ئىككى خىل بايلىقتىن پايدىلىنىپ يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرىنى تولۇقلاپ، كۈچەيتىپ، ئىختىساسلىقلار زەنجىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش تەكلىپىنى بەردى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى يوۋ چۈەن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. چېن شياۋگۇاڭ، گۇ شېڭزۇ يىغىنغا قاتناشتى. دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى، قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقى، سودا مىنىستىرلىقى، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسىدىكى مەسئۇل يولداشلار پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار بىلەن كېڭىشىپ پىكىر ئالماشتۇردى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ