مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان بىلەن تېلېفونلاشتى

2021.07.15 08:50 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7 - ئاينىڭ 13 - كۈنى كەچتە تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان بىلەن تېلېفونلاشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇلتۇردىن بۇيان، جۇڭگو - تۈركىيە ئىككى دۆلەتنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىدا خۇشاللىنارلىق ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، كۈچلۈك ئېلاستىكلىق ۋە غايەت زور يوشۇرۇن كۈچ نامايان قىلىندى، ئىككى تەرەپ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشتا زىچ ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە يېڭى يارقىن نۇقتا قوشتى. جۇڭگو - تۈركىيە پات ئارىدا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى كۈتۈۋالىدۇ، جۇڭگو تەرەپ تۈركىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو - تۈركىيە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىككى تەرەپ بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلىرىگە ھۆرمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ تۈركىيە تەرەپنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، مۇستەقىللىقى، زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغدىشىنى، ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى قوللايدۇ، تۈركىيە تەرەپ بىلەن تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، خەۋپسىزلىك قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسى بىلەن تۈركىيە تەرەپنىڭ «ئوتتۇرا كارىدور» پىلانىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىككى تەرەپ سودا قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇشنىڭ يېڭى پىكىر يولى، يېڭى تەدبىرى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىككى دۆلەت ئەمەلىي ھەمكارلىقىدا تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ تۈركىيە تەرەپ بىلەن ۋاكسىنا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، تۈركىيە تەرەپنىڭ يۇقۇم ئۈستىدىن بالدۇرراق غەلىبە قىلىشىغا كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ مەنبەنى سۈرۈشتۈرۈشنى سىياسىيلاشتۇرۇش، ۋىرۇسنى بەلگىلەشتۈرۈشكە ئورتاق قارشى تۇرۇپ، ئىنسانىيەت سەھىيە - ساغلاملىق ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  ئەردوغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى يەنە بىر قېتىم تەبرىكلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل يەنە تۈركىيە بىلەن جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى، بۇ، تۈركىيە - جۇڭگو ئىككى دۆلەتكە نىسبەتەن ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە. تۈركىيە تەرەپ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن قويۇق بېرىش - كېلىش قىلىپ، كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى پائال ئورتاق قۇرۇپ، ئىقتىساد - سودا، ئۇل ئەسلىھە قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشنى خالايدۇ، جۇڭگو تەرەپ كارخانىلىرىنىڭ تۈركىيەگە بېرىپ مەبلەغ سېلىشى، ھەمكارلىشىشىنى قارشى ئالىدۇ. جۇڭگو تەرەپنىڭ تۈركىيە تەرەپنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشىنى قىممەتلىك مەدەت بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن. جۇڭگو ۋاكسىنىسىنىڭ بىخەتەرلىكى، ئۈنۈمدارلىقى دۇنيانىڭ ئېتىراپ قىلىشى ۋە ئىشەنچىسىگە ئېرىشتى، تۈركىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ۋاكسىنا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. تۈركىيە تەرەپ ئىلگىرى، ھازىر ۋە كەلگۈسىدىمۇ بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگونىڭ مۇستەقىللىقى، ئىگىلىك ھوقۇقى، زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغدىشى، تېررورلۇققا زەربە بېرىشىنى قوللايدۇ، ھەرقانداق كىشىنىڭ تۈركىيە زېمىنىدىن پايدىلىنىپ جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قويمايدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ