مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى زېلېنسكى بىلەن تېلېفونلاشتى

2021.07.15 08:48 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7 - ئاينىڭ 13 - كۈنى كەچتە تەكلىپ بويىچە ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى زېلېنسكى بىلەن تېلېفونلاشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن ئۇكرائىنا ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقان ئون يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىش ۋەزىيىتىنى ساقلاپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقتا پائال نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە ئەمەلىي نەپ يەتكۈزدى. بۇلتۇردىن بۇيان، ئىككى تەرەپ قول تۇتۇشۇپ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇپ، ۋاكسىنا قاتارلىق جەھەتلەردە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ دوستلۇقىنى چوڭقۇرلاشتۇردى. جۇڭگو تەرەپ ئۇكرائىنا تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۆزئارا چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، كېلەر يىلىدىكى ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، جۇڭگو - ئۇكرائىنا مۇناسىۋىتىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆز تەرەققىيات نىشانىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھازىر، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يەنىلا قايتىلىنىۋاتىدۇ، خەلقئارا جەمئىيەت ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلاشقاندىلا، ئاندىن ئىنسانلارنىڭ ۋىرۇس بىلەن بولغان بۇ مۈشكۈل كۈرىشىنى ياخشى قىلالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ ئۇكرائىنا تەرەپ بىلەن ۋاكسىنا، جۇڭيى دورىگەرلىكى ساھەسى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ئۇكرائىنا تەرەپنىڭ يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشىغا كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق قۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، ئۇل ئەسلىھە، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى قاتارلىق تۈر ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئادىمىيەت ئالاقىسى ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىشى كېرەك.

  زېلېنسكى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپ يېقىندا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق تۇغۇلغان كۈنىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلىدى، ئۇكرائىنا تەرەپ بۇنى تەبرىكلەيدۇ ھەم جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جۇڭگو خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ تېخىمۇ كۆپ ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرىدۇ. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ھۇجۇمى ئالدىدا، جۇڭگو تەرەپ ئۇكرائىنا تەرەپنى قىممەتلىك ياردەم بىلەن ۋاقتىدا تەمىنلەپ، ئۇكرائىنا تەرەپنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىدا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى، ئىككى تەرەپنىڭ ۋاكسىنا، تېببىي دورا قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئۇكرائىنا تەرەپ تېخىمۇ قويۇق بولغان ئۇكرائىنا - جۇڭگو ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ ھەم كۈچ چىقىرىدۇ. ئۇكرائىنا تەرەپ بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنىڭ ئون يىللىقى ۋە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى ئالغا سىلجىتىشنى خالايدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ