مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«جۇڭگو - چاۋشيەن دوستانە، ھەمكارلىق، ئۆزئارا ياردەم بېرىش شەرتنامىسى» ئىمزالانغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن

شى جىنپىڭ چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى جىن جېڭئېن بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2021.07.13 08:52 مەنبە: خەلق تورى

  7 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقى، چاۋشيەن قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ئالىي سىلىڭگۇەنى جىن جېڭئېن بىلەن «جۇڭگو - چاۋشيەن دوستانە، ھەمكارلىق، ئۆزئارا ياردەم بېرىش شەرتنامىسى» ئىمزالانغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: 1961 - يىلى، جۇڭگو بىلەن چاۋشيەننىڭ پېشقەدەم بىر ئەۋلاد رەھبەرلىرى ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىپ، «جۇڭگو - چاۋشيەن دوستانە، ھەمكارلىق، ئۆزئارا ياردەم بېرىش شەرتنامىسى»نى ئىمزالاشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر چىقىرىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئىسسىق قېنى بىلەن ئورناتقان جەڭگىۋار دوستلۇقىنى مۇستەھكەملەش، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك دوستانە ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن مۇھىم سىياسىي، قانۇن ئاساسى سالدى. 60 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن چاۋشيەن ئىككى تەرەپ شەرتنامە روھىغا ئەمەل قىلىپ، ئۆزئارا قەتئىي قوللاپ، قول تۇتۇشۇپ مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىپ، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ قېرىنداشلارچە ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى كۈچەيتىپ، ئۆزلىرىنىڭ سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رايون ھەتتا دۇنيا تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغدىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەن يولداش باش شۇجى بىلەن كۆپ قېتىم ئۇچرىشىپ، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانىنى تۈزۈپ، جۇڭگو - چاۋشيەن دوستلۇقىنىڭ دەۋر ئىچكى خاس مەزمۇنىنى بېيىتىپ، بىر قاتار مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدۇق. بۈگۈنكى دۇنيادا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە. مەن يولداش باش شۇجى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو - چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنىڭ ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ياخشى ئىگىلەپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستانە ھەمكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىز يېقىندا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق تۇغۇلغان كۈنىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلىدۇق. ھازىر، چاۋشيەن خەلقى بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى 8 - قۇرۇلتىيىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىزچىللاشتۇرماقتا. جۇڭگو تەرەپ چاۋشيەن تەرەپنىڭ ئىقتىساد، خەلق تۇرمۇشىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئىشلىرىنى كۈچلۈك ئالغا سىلجىتىشىنى قەتئىي قوللايدۇ. يولداش باش شۇجىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، چاۋشيەن پارتىيەسى ۋە خەلقىنىڭ چوقۇم يېڭى، تېخىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.

  جىن جېڭئېن تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «چاۋشيەن - جۇڭگو دوستانە، ھەمكارلىق، ئۆزئارا ياردەم بېرىش شەرتنامىسى»نى ئىمزالاپ، پۈتۈن دۇنياغا چاۋشيەن - جۇڭگو ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ۋە خەلقلىرىنىڭ مۇستەھكەم قانۇن ئاساسىدا، ئىسسىق قېنى بىلەن ئورناتقان چاۋشيەن - جۇڭگو دوستلۇقىنى ئۇزاق مۇددەت راۋاجلاندۇرۇش قەتئىي ئىرادىسىنى نامايان قىلدۇق. 60 يىلدىن بۇيان، چاۋشيەن بىلەن جۇڭگو ئىككى دۆلەت ئۆزئارا قوللاپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، پەخىرلىنىشكە ئەرزىيدىغان دوستلۇق تارىخىنى پۈتۈپ چىقتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان خەلقئارا ۋەزىيەت ئالدىدا، چاۋشيەن بىلەن جۇڭگو ئىككى دۆلەتنىڭ يولداشلارچە ئىشەنچى ۋە جەڭگىۋار دوستلۇقى كۈنسېرى چوڭقۇرلاشتى، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى تەرەققىي قىلىپ تېخىمۇ يۇقىرى باسقۇچقا يەتتى.

  جىن جېڭئېن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: چاۋشيەن - جۇڭگو دوستانە، ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش چاۋشيەن پارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ قەتئىي تەۋرەنمەس مەيدانى. چاۋشيەن پارتىيەسى، ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق قىممەتلىك بايلىقى بولغان چاۋشيەن - جۇڭگو دوستلۇقىنى تېخىمۇ قەدىرلەپ، سوتسىيالىزم، كوممۇنىزم قۇرۇش مۇقەددەس مۇساپىسىدە قەتئىي تۈردە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقى بىلەن قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى يەنە بىر قېتىم تەبرىكلەيمەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە خەلقىنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىشلىرىدا تېخىمۇ زور غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تىلەكداشمەن.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ