مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ھەمكارلىقىغا ياردەم بېرىش فوندى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ھەمكارلىقى ۋە تەرەققىياتى شۆيۈەنى قۇرۇلغانلىقىنىڭ بەش يىللىقىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2021.07.09 11:37 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 8- ئىيۇل تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ھەمكارلىقىغا ياردەم بېرىش فوندى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ھەمكارلىقى ۋە تەرەققىياتى شۆيۈەنى قۇرۇلغانلىقىنىڭ بەش يىللىقىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بەش يىلدىن بۇيان، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ھەمكارلىقىغا ياردەم بېرىش فوندى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ 2030-يىلىغىچە بولغان ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسىگە تاقابىل تۇرۇشى، نامراتلارنى ئازايتىشى ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى پائال قوللىدى، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ھەمكارلىقى ۋە تەرەققىيات شۆيۈەنى جۇڭگو ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىلىرىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشقا كۈچ چىقىرىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەللەرگە ھۆكۈمەت باشقۇرۇش يۇقىرى دەرىجىلىك ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈپ بەردى. فوند ۋە شۆيۈەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ھەمكارلىقىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى يەنىمۇ قويۇپ بېرىپ، تەرەققىيات پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى خالايدۇ. تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ھەمكارلىقىغا ياردەم بېرىش فوندىنىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا داۋاملىق ياردەم بېرىشىنى، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ھەمكارلىقى ۋە تەرەققىيات شۆيۈەنىنىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش بازىسى ۋە تەتقىقات ئالماشتۇرۇش سۇپىسىنى داۋاملىق ياخشى قۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ھەمكارلىقىغا ياردەم بېرىش فوندى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ھەمكارلىقى ۋە تەرەققىيات شۆيۈەنىنىڭ بەش يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى شۇ كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى، پائالىيەتنى دۆلەتلىك خەلقئارا تەرەققىيات ھەمكارلىق مەھكىمىسى بىلەن سودا مىنىستىرلىقى بىرلىكتە ئۆتكۈزدى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ