مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەن جېڭ خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

2021.07.09 10:08 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، مەسىلىنى تۈزىتىشنى چىڭ تۇتۇپ، خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئىشنى ياخشى قىلىش كېرەك

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى خەن جېڭ 7-ئاينىڭ 6-كۈنى جىنەندە خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئالاقىدار مۇھىم سۆزى ۋە يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئالدىنقى باسقۇچتىكى خىزمەت ئەھۋالى خۇلاسىلەندى، ئالاقىدار ھۆججەتلەرگە قاراپ چىقىلدى، كېيىنكى باسقۇچتىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەر تەتقىق قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.

  يىغىندىن ئىلگىرى، خەن جېڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى ۋە مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىدىن كۈچ تەشكىللەپ، ئاز كەم ئۈچ ئاي ۋاقىت سەرپ قىلىپ، 52 ۋىلايەت، شەھەرنى قاپلاپ، 300 مىڭ كىلومېتىرغا يېقىن مۇساپىنى بېسىپ، خۇاڭخې دەرياسى بويىدىكى توققۇز ئۆلكە، ئاپتونوم رايونغا چوڭقۇر چۆكۈپ، يوشۇرۇن تەكشۈرۈش، يوشۇرۇن سۈرەتكە ئېلىشنى قانات يايدۇرۇپ، خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىغا دائىر ئاگاھلاندۇرۇش فىلىمىنى تەھرىرلەپ ئىشلەپ، خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنى بىر قېتىم كەسىپلەشتۈرۈپ «سالامەتلىك تەكشۈرۈش»نى تەلەپ قىلدى. يىغىندا ئاگاھلاندۇرۇش فىلىمى قويۇلدى، خۇاڭخې دەرياسى بويىدىكى توققۇز ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى كۆرگەندىن كېيىن سۆز قىلدى.

  خەن جېڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىدىيەۋى تونۇشنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۆستۈرۈپ، خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ خۇاڭخې دەرياسىنى قوغداش ۋە تۈزەشنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى چوڭ ئىش قىلىپ، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە دەريا بويىدىكى ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلارنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى كۆپ قېتىم نەق مەيداندا تەكشۈردى ھەم بىر قاتار مۇھىم سۆز قىلدى ۋە يوليورۇق بەردى، تەستىق سالدى. شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداشنى مۇتلەق ئورۇنغا قويۇپ، خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تىرىشىپ تۈرتكە بولۇش كېرەك.خەن جېڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە جەزمەن مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، مەسىلىنى بايقاش، مەسىلىگە بىۋاسىتە يۈزلىنىش، مەسىلىنى ۋاقتىدا ھەل قىلىش كېرەك. ئالدى بىلەن مەسىلىنى بايقاش كېرەك، مەسىلىنى بايقىيالماسلىق ئەڭ چوڭ مەسىلە. خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن، سۇ بايلىقى ئېغىر دەرىجىدە كەمچىل، شەھەرنى سۇغا قاراپ بېكىتىش، يەرنى سۇغا قاراپ بېكىتىش، ئادەمنى سۇغا قاراپ بېكىتىش، مەھسۇلاتنى سۇغا قاراپ بېكىتىش تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سۇ بايلىقىنى ئەڭ چوڭ قاتتىق چەكلىمە قىلىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ سۇ ئېلىش، سۇ ئىشلىتىشنى قەتئىي توسۇش كېرەك. يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ ۋە ئەلالاشتۇرۇپ، «ئىككى يۇقىرى» تۈرنى قارىغۇلارچە تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قەتئىي توسۇش كېرەك. خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراش ۋە مۇھىتى بۇلغىنىش مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتىنى سىجىل ياخشىلاش كېرەك. مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئىگىلىۋېلىش ياكى بۇزۇۋېتىشتەك گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىپ، خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىدىكى مەدەنىيەت مىراسلىرى بايلىقىنى قوغداشنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك.خەن جېڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى چىڭ تۇتۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ھەقىقىي ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. خىزمەت مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، مەسىلىنى بايقىغاندا مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىش، مەسىلىنى ھەل قىلىشتىمۇ مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىش كېرەك. سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلار بېسىمنى دەرىجىمۇ دەرىجىدە يەتكۈزۈپ، تۈزىتىش ۋەزىپىسىنى ھەر دەرىجىلىك يەرلىك پارتىيە كومىتېتى، خەلق ھۆكۈمىتى ۋە مەسئۇل تارماقلارغىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. ھەيدەكچىلىك قىلىش ۋە يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، شەكىلۋازلىق ۋە بىيۇروكراتلىقنى تۈگىتىپ، تۈزىتىشتە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مۇھىتقا دائىر قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى قانۇن بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىپ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش بەدىلى تۆۋەن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش كېرەك. تۈزۈمدىكى يوچۇقلارنى شۇ جاينىڭ شارائىتىغا قاراپ تولۇقلاپ، تۈزىتىشنى ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا يىرىك پىلان ۋە سىياسەت سىستېمىسىنى تېز مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. جەمئىيەت ۋە ئاممىنى پائال قاتنىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، تاراتقۇلار، ئامما قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىپ، خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئىشنى ياخشى قىلىش كېرەك.

  خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى ھەم ئالاقىدار تارماقلار، ئورۇنلاردىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ