مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى

داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مۇلازىمىتىنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك، خەلققە قولايلىق بولۇشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ يېڭى ئىشقا ئورۇنلىشىش ھالىتىدىكى ئەمگەكچىلەرنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتىشكە دائىر بىر قانچە سىياسەت-تەدبىرلەر بېكىتىلدى؛ پۇل مۇئامىلىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، كاربون قويۇپ بېرىشنى ئازايتىشنى قوللاش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇش قارار قىلىندى

2021.07.08 15:00 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 7-ئىيۇل گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مۇلازىمىتىنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك، خەلققە قولايلىق بولۇشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ يېڭى ئىشقا ئورۇنلىشىش ھالىتىدىكى ئەمگەكچىلەرنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتىشكە دائىر بىر قانچە سىياسەت-تەدبىرلەر بېكىتىلدى؛ پۇل مۇئامىلىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، كاربون قويۇپ بېرىشنى ئازايتىشنى قوللاش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇش قارار قىلىندى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، داۋالىنىش كاپالىتى بويىچە خەلققە قولايلىق يارىتىش مۇلازىمىتىنى ئەلالاشتۇرۇش — ئاممىنىڭ ساغلاملىقىغا تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلىپ، ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق.

  يىغىندا مۇنۇلار بېكىتىلدى: بىرىنچى، نۇقتىلىق ھالدا نەچچە يۈز مىليون كۆچمە ئاھالە، بولۇپمۇ دېھقان ئىشلەمچىلەر قاتارلىق ئاممىغا يۈزلىنىپ، بالنىستتا يېتىش، ئامبۇلاتورىيە ھەققىنى باشقا جايدا داۋالىنىش راسچوتى قىلىش مۇلازىمىتىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن ئۆلكىلەردىكى %60 تىن ئارتۇق ناھىيەدە ئاز دېگەندە بىر ئادەتتىكى ئامبۇلاتورىيە ھەققىنى ئۆلكە ئاتلاپ تورلاشتۇرۇش ئاپپاراتى بولۇشقا، كېلەر يىلنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن ھەر بىر ناھىيەدە ئاز دېگەندە بىر نۇقتىلىق داۋالاش ئاپپاراتى ئامبۇلاتورىيە ھەققىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان داۋالاش ھەققىنى ئۆلكە ھالقىپ بىۋاسىتە راسچوت قىلىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ئىككىنچى، بېكىتىلگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئومۇمىي سوممىسى خامچوتىنى باشقۇرۇشنى ئەلالاشتۇرۇپ، ھازىرقى نۇقتىدا سىناق قىلىشتا تەجرىبە شەكىللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، چىڭ تۇتۇپ كېڭەيتىش كېرەك. ئىجتىمائىي كۈچلەر قۇرغان داۋالاش ئاپپاراتلىرى بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتى بولۇشقا ئىلتىماس قىلسا، ئوخشاش مۇئامىلە قىلىش كېرەك. سودا سۇغۇرتا ئاپپاراتلىرىنى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مۇلازىمىتىگە قاتنىشىشقا كىرگۈزۈپ، سۇغۇرتا تۈرلىرىنى بېيىتىپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى ئىنچىكە ھېسابلاش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. داۋالاش سۇغۇرتىسى تۆلەشتىكى ئەركىن ئۆلچەم ھوقۇقىنى قېلىپلاشتۇرۇپ ۋە ئازايتىپ، داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ يىل ئاخىرىدا تۇيۇقسىز «ھەقنى كونترول قىلىش»ىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

  ئۈچىنچى، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى بېجىرىش تەرتىپىنى بىر تۇتاش قېلىپلاشتۇرۇش ۋە ئەلالاشتۇرۇش، بېجىرىش ھالقىسى ۋە ماتېرىياللىرىنى ئاددىيلاشتۇرۇش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى ئاتچوت قىلىشنى بىر قېتىمدىلا ئۇقتۇرۇش، بىر جەدۋەل بىلەنلا ئىلتىماس قىلىش، بىر كۆزنەكتە بېجىرىشنى يولغا قويۇش كېرەك. «ئالاقە تورى +» غا تايىنىپ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مۇلازىمىتىنى «توردا بېجىرىش»، «قولدا بېجىرىش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش لازىم.

  تۆتىنچى، پۈتۈن جەريانلىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، قانۇن-نىزاملارنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئالدامچىلىق، سۇغۇرتا ئالدامچىلىقى قىلىش، دوختۇرخانىدا يېتىشقا ئازدۇرۇش، تالوننى ساختا كېسىش، دورىنى قالايمىقان ئىشلىتىش قاتارلىق قىلمىشلارغا قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىپ، ئاممىنىڭ «جان ساقلاش پۇلى»نى ياخشى ساقلاش، ياخشى ئىشلىتىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يېڭى ئىشقا ئورۇنلىشىش ھالىتىدىكى ئەمگەكچىلەرنىڭ ئەمگەك كاپالىتى ھوقۇق-مەنپەئەتىنى ياخشى قوغداش — جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئورنى ۋە ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق.

  يىغىندا مۇنۇلار بېكىتىلدى: بىرىنچى، يېڭى ئىشقا ئورۇنلىشىش ھالىتىگە ماسلىشىپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ كۆپ خىل شەكىلدىكى ھوقۇق-مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈشكە پايدىلىق ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئەمگەك كۈچى ئەۋەتىش، سىرتقا ھۆددە بېرىش قاتارلىق ئادەم ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى قوللانغاندا، ئالاقىدار كارخانىلار ئەمگەكچىلەرنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى مۇۋاپىق كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.

  ئىككىنچى، كارخانا ئەمگەك ھەققىنى ۋاقتىدا، تولۇق بېرىشى، ئەمگەكچىلەرنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان باھالاش كۆرسەتكۈچىنى بېكىتمەسلىكى كېرەك. سۇپا كارخانىلىرىنىڭ زاكاز تەقسىماتى، ئۈلۈش نىسبىتى قاتارلىق تۈزۈم، قائىدە ۋە ھېسابلاش ئۇسۇللىرىنى تۈزۈشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ئەمگەكچىلەر ۋەكىللىرى قاتارلىقلارنىڭ پىكرىنى ئاڭلاپ ھەمدە نەتىجىنى ئېلان قىلىش لازىم. ئەمگەكچىلەرنىڭ كۆپ سۇپىدا ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى قانۇنغا خىلاپ ھالدا چەكلەشكە بولمايدۇ.

  ئۈچىنچىدىن، سەپەرگە چىقىش، تاماق يەتكۈزۈش، دەرھال يەتكۈزۈپ بېرىش قاتارلىق ساھەلەرنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ كەسپىي زەخىم كاپالىتى سىنىقىنى قانات يايدۇرۇش كېرەك.

  تۆتىنچى، يېڭى ئىشقا ئورۇنلىشىش ھالىتىگە ماس كېلىدىغان كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغانلارغا بەلگىلىمە بويىچە ياردەم پۇلى بېرىش كېرەك.

  بەشىنچى، جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشقان جايدا ئاساسىي كۈتۈنۈش، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشتىكى نوپۇس چەكلىمىسىنى قويۇۋېتىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار قارار قىلىندى: كۆپ مىقدارلىق تاۋارلار باھاسىنىڭ ئۆسۈشىنىڭ كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارىتىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىگە قارىتا، چوڭ سۇدىدا باستۇرۇپ سۇغىرىش بىلەن شۇغۇللانماسلىقتا چىڭ تۇرۇش ئاساسىدا پۇل سىياسىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق پۇل سىياسىتى قوراللىرىنى مۇۋاپىق پەيتتە ئىشلىتىپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىساد، بولۇپمۇ ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا بولغان قوللىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئۇنىۋېرسال مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخىنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا تۆۋەنلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، كاربون قويۇپ بېرىشنى ئازايتىشنى قوللايدىغان پۇل سىياسەت قورالى تەسىس قىلىپ، پۇختا، تەرتىپلىك، دەل جايىدا بىۋاسىتە يەتكۈزۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق پاكىز ئېنېرگىيە، ئېنېرگىيە تېجەش، مۇھىت ئاسراش، كاربون قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىش ھەم تېخىمۇ كۆپ ئىجتىمائىي مەبلەغنى قوزغىتىپ، كاربون قويۇپ بېرىشنى ئازايتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. نۇقتىدا سىناق قىلىش ئاساسىدا، بۇ يىل 7-ئايدا توك تارقىتىش ساھەسىدە مەملىكەت بويىچە كاربون قويۇپ بېرىش ھوقۇقى سودا بازىرى سودىسىنى توردا باشلاش لازىم. كېيىنكى قەدەمدە ساھەلەرنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى پۇختا قەدەم بىلەن كېڭەيتىپ، بازار مېخانىزمى ئارقىلىق پارنىك گازى قويۇپ بېرىشنى كونترول قىلىش ۋە ئازايتىش لازىم.

  يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇزاكىرە قىلىندى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ