مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو بىلەن جەنۇبىي سۇدان دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 10 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن

شى جىنپىڭ جەنۇبىي سۇدان زۇڭتۇڭى كېر بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2021.07.13 08:50 مەنبە: خەلق تورى

  7 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ جەنۇبىي سۇدان زۇڭتۇڭى كېر بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 10 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن جەنۇبىي سۇدان دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 10 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى باشتىن - ئاخىر ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى مول نەتىجىلىك بولدى، ئىككى تەرەپ بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلەردە ئىزچىل ئۆزئارا قەتئىي قوللىدى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن كېيىن، ئىككى دۆلەت قول تۇتۇشۇپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇپ، قېرىنداشلارچە چوڭقۇر دوستلۇقنى نامايان قىلدى. مەن جۇڭگو - جەنۇبىي سۇدان مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ كېر بىلەن بىرلىكتە ئورتاق تىرىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 10 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، ئىككى تەرەپنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشىنى مۇستەھكەملەپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش رامكىسىدا ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالاقە، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىشنى خالايمەن.

  كېر تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو جەنۇبىي سۇداننىڭ ھەقىقىي دوستى. دۆلەت بولۇپ قۇرۇلغانلىقىغا ئەمدىلا ئون يىل بولغان ياش دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، جەنۇبىي سۇدان ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى، دۆلەت ئىچى تىنچلىق مۇساپىسى، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە جۇڭگو تەرەپنىڭ ئەمەلىي ياردىمىگە ئېرىشتى، جەنۇبىي سۇدان تەرەپ بۇنىڭغا رەھمەت ئېيتىدۇ ۋە بۇنى ئالقىشلايدۇ. جەنۇبىي سۇدان تەرەپ ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ