مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 20 - قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ مۇنداق تەكىتلىدى

يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۇرۇقچىلىق كەسپىنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، چىڭخەي - شىزاڭ ئېگىزلىكىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداش ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

لى كېچياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ قاتناشتى

2021.07.13 08:47 مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شى جىنپىڭ 7 - ئاينىڭ 9 - كۈنى چۈشتىن كېيىن مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 20 - قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا «يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»، «ئۇرۇقچىلىق كەسپىنى گۈللەندۈرۈش ھەرىكەت لايىھەسى»، «چىڭخەي - شىزاڭ ئېگىزلىكىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداش ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات لايىھەسى»، «ئەركىن سودا سىناق رايونىدا سودا، سېلىنمىنى قولايلاشتۇرۇش جەھەتتىكى ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى بىرقانچە تەدبىر» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى.

  شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش بىزنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتتا تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى ئىگىلىشىمىزدىكى ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر، تۈرلۈك ئالدىن مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان ۋە ئالدىن مۆلچەرلەش قىيىن بولغان دەھشەتلىك دولقۇندا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش كۈچىمىز، رىقابەت كۈچىمىز، تەرەققىيات كۈچىمىز، سىجىللىق كۈچىمىزنى كۈچەيتىشىمىز ئۈچۈندۇر، قەيسەرانە كۈرەش ئىرادىسى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلايدىغان بىر مەيدان ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى، ئۇزاققا سوزۇلىدىغان جەڭ بولۇپ، ئاڭلىق ھالدا ئۆز رايونى، ئۆز تارمىقىنىڭ خىزمىتىنى يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشقا كىرگۈزۈپ بىرتۇتاش ئويلىشىپ ۋە پىلانلاپ، تېخىمۇ قەتئىي ئىدىيە ئاڭلىقلىقى، دەل جايىدا بولغان ئەمەلىي تەدبىر، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش غەيرىتى بىلەن، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتا ئەمەلىي نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتا ئۇرۇقلۇق ئاساس، جەزمەن مىللەتنىڭ ئۇرۇقچىلىق كەسپىنى ياخشى قىلىپ، ئۇرۇق مەنبەسى بىخەتەرلىكىنى دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئەۋزەللىكلەرنى كۈچەيتىپ، خەۋپ - خەتەرنى تىزگىنلەپ، ئۇرۇقچىلىق پەن - تېخنىكىسىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئۇرۇق مەنبەسىنى ئۆز ئالدىغا كونترول قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلىش تارىخىي يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، تارىخقا مەسئۇل بولۇش، خەلققە مەسئۇل بولۇش، دۇنياغا مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، چىڭخەي - شىزاڭ ئېگىزلىكىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداش ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى يولغا قويۇشنى چۆرىدەپ، خەلقئارا، دۆلەت ئىچىدىن ئىبارەت ئىككى بازار، ئىككى خىل بايلىقتىن تولۇق پايدىلىنىپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك خەلقئارا ئىقتىساد - سودا قائىدىسىگە توغرىلىنىپ، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشقا پائال تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ زور سالماق بىلەن ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى پىلانلاش ۋە ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى كېچياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش توغرىسىدا تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرما چىقارغاندىن بۇيان، ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار پائال ئىزدىنىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى تېزلىتىش، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنىڭ راۋانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش، يېشىل تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى يولغا قويۇش قاتارلىق جەھەتلەردە نۇرغۇنلىغان خىزمەتلەرنى ئىشلىدى، ئىشنىڭ باشلىنىشى ياخشى بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە چىڭ تۇتۇپ ھەل قىلىشقا ۋە يېڭىشكە تېگىشلىك ئاز بولمىغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە دۇچ كەلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، قاراتمىلىق ۋە مەشغۇلاتچانلىقنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ھەقىقىي مۇھىم نۇقتا، توسۇق نۇقتا، قىيىن نۇقتىلارنى تاللاپ ئۆتكەلگە مەركەزلىك ھۇجۇم قىلىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ ۋە بىرىكمە مۇشتنى ياخشى ئېتىپ، مۇھىم نۇقتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئارقىلىق تەرەققىيات ئەندىزىسىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تىپ ئۆزگەرتىشىگە تۈرتكە بولۇش، يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك. تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مۇھىم ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى ئىسلاھاتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، بايلىق تەقسىملەش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق بولغان، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاشقا پايدىلىق بولغان مۇھىم، زور ئىسلاھاتلارنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. ئىچكى ئېھتىياجنى قاندۇرۇش، خەلقنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ياخشىلاشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا تېخىمۇ كۆپ ئېتىبار بېرىش كېرەك. پۈتۈن مەملىكەت بىر تاختا شاھمات بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مەركەز، يەرلىك ۋە ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئاكتىپلىقىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، تارماقلارنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىشى، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. بىرتۇتاش پىلانلاپ يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، يەرلىك ۋە تارماقلارنىڭ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە سىڭىشىشتىكى كىرىش نۇقتىسىنى توغرا تېپىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش ۋە سىڭىشىش كېرەك، ئەمەلىيەتتىن ئايرىلىپ قارىسىغا ئىشلەشكە ھەرگىز بولمايدۇ، سىياسىي نەتىجە يارىتىش ئۈچۈن شارائىتقا قارىماي ھەممىنى قىلىشنى ئويلاشقا تېخىمۇ بولمايدۇ. تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنىڭ بىخەتەرلىك تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلاش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يېقىنقى يىللاردا، دۆلىتىمىزنىڭ ئۇرۇقچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتى ناھايىتى زور ئىلگىرىلەشكە ئېرىشىپ، ئاشلىق ۋە مۇھىم دېھقانچىلىق مەھسۇلاتىدا ھوسۇلنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەمىناتقا كاپالەتلىك قىلىشقا مۇھىم تۆھپە قوشتى، لېكىن ئۇرۇقچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىيات ئاساسى يەنىلا مۇستەھكەم ئەمەس، ئۇرۇق مەنبەسىنى ئۆز ئالدىغا كونترول قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش ئىلگىرىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەكرەك تەخىرسىز بولماقتا، ئاشلىق بىخەتەرلىكىدىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى ئىلگىرىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەكرەك چىڭىتىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئۇرۇقلۇق پىلازمىسى بايلىقى ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، بايلىقنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش، يىغىش، باھالاپ بېكىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ھەقىقىي تۈردە ياخشى قوغداش، ياخشى پايدىلىنىش كېرەك. ئۇللۇق، ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان تەتقىقاتنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىكىدە بىيولوگىيەلىك سورت يېتىشتۈرۈش بويىچە مۇھىم، زور پەن - تېخنىكا تۈرلىرىنى يولغا قويۇشنى تېزلىتىپ، ئۇرۇق مەنبەسىگە ئائىت ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، جەنۇبتا كۆپەيتىش كىرېمنىي جىلغىسى قاتارلىق يېڭىلىق يارىتىش بازىسى قۇرۇلۇشلىرىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشتىكى سۇبيېكتلىق ئورنىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، بايلىق، تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار، كاپىتال قاتارلىق مۇھىم ئامىللارنى نۇقتىلىق ئەۋزەل كارخانىلارغا توپلىنىشقا يېتەكلەش كېرەك. قانۇن، ئىقتىساد، تېخنىكا، مەمۇرىيەت قاتارلىق كۆپ خىل ۋاسىتىلەردىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىپ، پۈتۈن زەنجىرلىك، پۈتۈن جەريانلىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، ساختا، ناچار مەھسۇلات، كۆز بوياپ ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلىش قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە قارىتا قاتتىق تەدبىر قوللىنىپ زەربە بېرىپ، ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلغۇچىلارنى ئېغىر بەدەل تۆلەتكۈزۈش كېرەك. تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، يىراق كەلگۈسى يىرىك پىلاننى ياخشى قىلىپ، ئۇزاق مۇددەت مۇقىم قوللاپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى زورايتىپ، تەكرار قۇرۇشتىن ساقلىنىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىز شىزاڭ ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقى، ئۈچ دەريا مەنبەسى، چىليەنشەن تېغى قاتارلىق نۇقتىلىق رايونلارنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش تولۇقلىمىسى ۋە يۆتكەپ چىقىم قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، چىڭخەي - شىزاڭ ئېگىزلىكى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، چىڭخەي - شىزاڭ ئېگىزلىكى ئېكولوگىيەسىنىڭ ناچارلىشىش يۈزلىنىشىنى ئۈنۈملۈك توستۇق، رايوننىڭ سىجىل مۇقىملىقى ۋە تېز تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردۇق.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: قوغداشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى رايون تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي ئالدىنقى شەرتى ۋە قاتتىق چەكلىمىسى قىلىپ، تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇق، مۇزلۇقنى سىستېمىلىق تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك قىزىل چېكىنى قاتتىق ساقلاش كېرەك. يېشىل تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى چىڭخەي - شىزاڭ ئېگىزلىكىنىڭ ئۆزىگە خاس بايلىق ئالاھىدىلىكىگە قويۇپ، مۇۋاپىق كېلىدىغان ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەندىزىسىنى توغرا تېپىپ، ئېگىزلىك خاس كەسىپلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنى پائال يېتىلدۈرۈپ، ئېكولوگىيە بىلەن دوستانە ئۆتىدىغان، يېشىل - تۆۋەن كاربونلۇق بولغان، ئېگىزلىك خاسلىقىغا ئىگە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىنى ئېچىش كېرەك. خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئىشقا ئورۇنلىشىش، كىرىم تەقسىماتى، مائارىپ، داۋالىنىش، ياشانغانلار كۈتۈنۈش قاتارلىق مەسىلىلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ھەل قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى توغرا دۆلەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇش كېرەك. تۆۋەن چەكنى ياخشى ساقلاشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە چېتىلىدىغان تۈرلۈك خەۋپ - خەتەرنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، ئالدىنى ئېلىپ، تۈگىتىپ، چېگرا رايوننىڭ تىنچ ۋە ئىتتىپاق بولغان، تەرەققىي قىلغان ياخشى ۋەزىيىتىنى ھەقىقىي قوغداش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىز ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 21 ئەركىن سودا سىناق رايونى ئورۇنلاشتۇرۇپ، تەسىس قىلىپ، ھەممە تەرەپنى قاپلىغان نۇقتىدا سىناق قىلىش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردۇق، زور تۈركۈمدىكى يۇقىرى سەۋىيەلىك تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردۇق، دۇنيادا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان بىر تۈركۈم كەسىپلەر توپىنى قۇرۇپ چىقىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتۇق. يۇقىرى سەۋىيەلىك تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئەركىن سودا سىناق رايونىغا تېخىمۇ چوڭ ئىسلاھ قىلىش، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش ھوقۇقى بېرىپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى سىستېمىلىق توپلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئېچىۋېتىش ۋە خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەجرىبىلەرنى ۋاقتىدا يەكۈنلەپ ھەم ئۆرنەك قىلىپ، كېڭەيتىپ، خەلقئارا تەسىر كۈچىگە ۋە رىقابەت كۈچىگە ئىگە ئەركىن سودا باغچە رايونىنى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش باشلامچىلىرىنىڭ ئۈلگىلىك، يېتەكلەش رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

  مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلاردىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ