مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ چېخ زۇڭتۇڭى زېمان بىلەن تېلېفونلاشتى

2021.07.08 14:59 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7-ئىيۇل كەچتە چېخ زۇڭتۇڭى زېمان بىلەن تېلېفونلاشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نۆۋەتتە، خەلقئارا ۋەزىيەت مۇرەككەپ بولۇپ، چوڭقۇر ئۆزگىرىۋاتىدۇ، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى قاتارلىق ئورتاق خىرىسلارغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ، جۇڭگو-چېخ مۇناسىۋىتىنى ياخشى قوغداش، ياخشى راۋاجلاندۇرۇش — تىنچ تەرەققىي قىلىش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشنىڭ دەۋر ئېقىمىغا، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئورتاق ئارزۇسىغا ئۇيغۇن. سىز كۆپ يىللاردىن بۇيان جۇڭگو-چېخ مۇناسىۋىتىگە ئومۇملۇق ۋە يىراقنى چىقىش قىلىپ مۇئامىلە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ كەلدىڭىز، مەن بۇنى يۈكسەك قۇۋۋەتلەيمەن. چېختىكى تېخىمۇ كۆپ ئەربابلارنىڭ جۇڭگو ۋە جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا توغرا مۇئامىلە قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشىگە كۈچ چىقىرىپ، ئالاقىدار مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، جۇڭگو-چېخ مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلاملىقى ۋە ھاياتىي كۈچىنى ساقلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئىككى تەرەپ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش قاتارلىق سۇپىلاردىن ياخشى پايدىلىنىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىش ۋە ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قوش يۆنىلىشلىك مەبلەغ سېلىش ۋە سودىغا ئىلھام بېرىپ، تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىق يارقىن نۇقتىسىنى تىرىشىپ يارىتىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو-ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرى تۈرلەر بويىچە ئەمەلىيلىشىۋاتىدۇ، مەن چېخنىڭ جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىغا تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت يارىتىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. چېخنىڭ جۇڭگو-ياۋروپا سۆزلىشىشى ۋە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىشى ئۈچۈن پائال رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  زېمان مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەن جۇڭگو كومپارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى سەمىمىي تەبرىكلەيمەن، جۇڭگونىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلىكىدە تېخىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تىلەكداشمەن. مەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ چېخ-جۇڭگو مۇناسىۋىتى ھەققىدىكى قارىشىنى قۇۋۋەتلەيمەن. چېخ جۇڭگو بىلەن بولغان دوستانە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە كۈچ چىقىرىدۇ، جۇڭگو بىلەن قويۇق پىكىر ئالماشتۇرۇپ، توسالغۇلارنى تۈگىتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، ئوڭۇشلۇق راۋاجلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى خالايدۇ. مەن ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن. مەن ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ۋە ھەمكارلىشىپ، تېررورلۇق قاتارلىق دۇنياۋى خىرىسلارغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشىنى تەشەببۇس قىلىمەن. چېخ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگونىڭ ئالاقە قىلىشتىكى كۆۋرۈكى بولۇشنى خالايدۇ. مەن بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا تىلەكداشمەن.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ