مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

كولومبىيە زۇڭتۇڭى دۇك سىن شەكلى ئارقىلىق رەئىس شى جىنپىڭغا سالام يوللىدى

2021.07.13 08:49 مەنبە: خەلق تورى

  يېقىندا، كولومبىيە زۇڭتۇڭى دۇك سىن شەكلى ئارقىلىق رەئىس شى جىنپىڭ ۋە جۇڭگو ھۆكۈمىتى ھەم جۇڭگو خەلقىگە رەھمەت ئېيتتى ۋە سالام يوللىدى.

  دۇك مۇنداق دېدى: كولومبىيە تەرەپ ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان جۇڭگو تەرەپنىڭ باشتىن - ئاخىر قوللىغانلىقى ۋە ياردەم بەرگەنلىكىگە چوڭقۇر مىننەتدارلىق بىلدۈرىدۇ، بولۇپمۇ يېقىندىن بۇيان جۇڭگو تەرەپ كولومبىيەنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنى ئەملەش مۇساپىسىنى قوللاپ، ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتى، رىشتىنى يەنىمۇ چىڭىتتى، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇقى سىجىل تەرەققىي قىلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ كۆپ تەرەققىيات پۇرسىتى يارىتىپ بەردى. كولومبىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ كولومبىيەگە ماددىي ئەشيا ئىئانە قىلغانلىقى، تېخنىكا جەھەتتىن ياردەم بەرگەنلىكى ھەمدە كولومبىيەنىڭ ۋاكسىنا سېتىۋېلىشىغا ھەمكارلاشقانلىقى ۋە قولايلىق يارىتىپ بەرگەنلىكىگە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتىدۇ.

  دۇك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ بۇ يىل 3 - ئايدا كولومبىيە خەلقىگە سەمىمىي سۆز قىلدى، كولومبىيە خەلقى بۇنى مەڭگۈ ئېسىدە ساقلايدۇ. گەرچە يۇقۇم ئارىلىقىمىزنى ئايرىپ تۇرسىمۇ، لېكىن ئىككى تەرەپ خەلقلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇردى، كولومبىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتى يۇقۇمدىن كېيىنكى دەۋردە يېڭىچە قىياپىتىنى نامايان قىلىدۇ. دەل رەئىس شى جىنپىڭ ئېيتقاندەك، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلىدۇ. جۇڭگونىڭ گۈللەپ ياشنىشىغا، خەلقىنىڭ ئامان - ئېسەن بولۇشىغا، جەمئىيىتىنىڭ ئىناق بولۇشىغا سەمىمىي تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن!

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ