​شى جىنپىڭ تەبرىكلەش پائالىيىتىگە تەييارلىق كۆرۈش خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدىكى ۋەكىللەر بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى

2021.07.15 08:44 مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنى خۇلاسىلەش يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى​

  شى جىنپىڭ تەبرىكلەش پائالىيىتىگە تەييارلىق كۆرۈش خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدىكى ۋەكىللەر بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى​

  يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ تەبرىكلەش پائالىيىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى يەتكۈزۈلدى سۆزنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشقا قارىتا ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى​

  لى كېچياڭ، ۋاڭ ياڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى ۋاڭ خۇنىڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى ھەم خۇلاسىلەش يىغىنىدا سۆز قىلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنى خۇلاسىلەش يىغىنى 7 - ئاينىڭ 13 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدا تەبرىكلەش پائالىيىتىگە تەييارلىق كۆرۈش خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدىكى ۋەكىللەر بىلەن سەمىمىي كۆرۈشۈپ، ئۇلارغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى ۋە ئۇلاردىن سەمىمىي ئەھۋال سورىدى، ئۇلارنىڭ جاپالىق خىزمىتى ۋە ئەلا نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، كۆپچىلىكنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يەنە ئەلا نەتىجىلەرنى يارىتىشقا ئىلھاملاندۇردى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن لى كېچياڭ، ۋاڭ ياڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ۋاڭ خۇنىڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى ھەم خۇلاسىلەش يىغىنىدا سۆز قىلدى.

  7 - ئاينىڭ 13 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي چوڭ زالىدا چىراغلار چاقناپ تۇراتتى، كەيپىيات قىزغىن ئىدى. سائەت 11لەردە، شى جىنپىڭ قاتارلىقلار بۇ يەرگە يېتىپ كەلدى، پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى. شى جىنپىڭ قاتارلىقلار ۋەكىللەر ئارىسىغا بېرىپ، كۆپچىلىك بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى ھەم سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى.

  يېقىندا، شى جىنپىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، تەبرىكلەش پائالىيىتىنى خۇلاسىلەش دوكلاتىنى مەخسۇس ئاڭلىدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلەش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۈتۈن ۋەزىيەت ۋە ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ چىقارغان مۇھىم، زور ئورۇنلاشتۇرمىسى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى زور ئىش. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى ۋە ھەر دەرىجىلىك، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، تەبرىكلەش پائالىيىتى كاتتا، تەنتەنىلىك، كۆرۈنۈشى ھەيۋەتلىك بولۇپ، قائىدە - يوسۇن نامايان قىلىنغان، شاد - خۇراملىق، ئىناقلىققا تولغان بولۇپ، مۇراسىم تۇيغۇسى، قاتنىشىش تۇيغۇسى، زامانىۋى تۇيغۇ تولۇق نامايان قىلىنىپ، جۇڭگوچە خاسلىق، جۇڭگوچە سالاپەت، جۇڭگوچە خىسلەت يارىتىلىپ، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، كۈچنى مۇجەسسەملەش، قەلبنى روھلاندۇرۇش، جەڭگىۋارلىق روھىغا ئىلھام بېرىش رولىنى ئويناپ، كۆزلىگەن مەقسەتكە تولۇق يەتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇ قېتىمقى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە چېتىلىدىغان ئورۇنلار كۆپ، قاتناشقان خادىملار كۆپ، ۋاقىت ئارىلىقى ئۇزۇن، ماسلاشتۇرۇشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى زور، تەبرىكلەش پائالىيىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ۋە ئۇنىڭ ھەرقايسى خىزمەت ئاپپاراتلىرى، ھەرقايسى ئالاقىدار تەرەپلەر ۋە ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى ئۆلچەمدە پىلانلاپ، يۇقىرى يۈكسەكلىكتە ماسلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەدە يولغا قويۇپ، نەتىجە - ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك خىزمەتلەرنى ئىشلەپ، تەبرىكلەش پائالىيىتىنى پارتىيەنىڭ كاتتا مۇراسىمى، خەلقنىڭ بايرىمى قىلىپ ئۆتكۈزدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ ئاساسىي گەۋدە خىزمىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى، لېكىن پائالىيەت نەتىجىلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، كېڭەيتىشتە يەنە نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلەشكە توغرا كېلىدۇ. تەبرىكلەش پائالىيىتى قوزغاتقان جۇشقۇن قىزغىنلىق ۋە قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچتىن تولۇق پايدىلىنىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ قۇدرەتلىك ئۇلۇغ كۈچىنى مۇجەسسەملەش كېرەك. 100 يىللىق پارتىيە تارىخىنىڭ ئىجابىي، سەلبىي ئىككى جەھەتتىكى تەجرىبىلىرىنى چوڭقۇر يەكۈنلەپ، تارىخىي ئەقىل - پاراسەتنى ئۆگىنىش، تەتبىقلاش جەريانىدا تارىخىي ئاڭلىقلىقنى ئۆستۈرۈش، تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى ئىگىلەش كېرەك. تارىخ ۋە پۈتۈن ۋەزىيەت يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ پارتىيەنى تېخىمۇ مۇستەھكەم، كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، پارتىيەنىڭ باشتىن - ئاخىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ رەھبەرلىك يادروسى بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا دۇنياغا يۈزلىنىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، پارتىيەمىز ۋە دۆلىتىمىزنىڭ خەلقئارادىكى تەسىر كۈچىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش كېرەك. تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىنى ياخشى يەكۈنلەپ، ياخشى تەتبىقلاپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك چوڭ پارتىيە، چوڭ دۆلەتنىڭ مۇراسىم تۈزۈمىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىش، مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ داۋاملاشما خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەشكە بىرلەشتۈرۈپ، تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كېڭەيتىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى جاسارەت بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان ۋە ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىدا ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى يەتكۈزۈلدى.

  ۋاڭ خۇنىڭ يىغىندا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتى چوڭقۇر شەرھلىنىپ، تەبرىكلەش پائالىيىتىگە تەييارلىق كۆرۈش خىزمىتى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ، تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ نەتىجىلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، كېڭەيتىشكە قارىتا ئېنىق تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بىز ئەستايىدىل ئۆگىنىشىمىز، ئۆزلەشتۈرۈشىمىز، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇشىمىز كېرەك. تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەنلىكى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىنىڭ نەتىجىسى، ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار، جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ساھەلەر ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، ھەرقايسى خىزمەت ئاپپاراتلىرى ۋە بارلىق قاتناشقۇچى خادىملارنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىنىڭ نەتىجىسى، مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇسۇل ۋە تەجرىبىلەرنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ، تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە تارىخى باش تېما كۆرگەزمىسى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى سىجىل ياخشى ئۆتكۈزۈپ، تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ نەتىجىلىرىنى تەشۋىق قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئاممىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى قوزغىغان قىزغىنلىقنى مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىش، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇشقا يېتەكلەش كېرەك.

  تەبرىكلەش پائالىيىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقلىرىدىن دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، جاڭ يوۋشيا، چېن شى، خۇاڭ كۇنمىڭ، سەي چى، شياۋ جيې، جاۋ كېجى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى ھەم يىغىنغا قاتناشتى. تەبرىكلەش پائالىيىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، ھەرقايسى خىزمەت ئاپپاراتلىرى ۋە ئالاقىدار تەرەپلەردىكى مەسئۇل يولداشلار ھەمدە خىزمەتچى خادىملار، ئازادلىق ئارمىيە ھەربىي ئوركېستىرى، ھۆرمەت قاراۋۇللىرى، ئۇچقۇچىلار پەلەمپەيسىمان ئەترىتى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئەزالىرى ۋە پىيونېرلار، خور ئۆمىكى، ئارتىسلار، ئامانلىق ساقلاش بىرىنچى سېپىدىكى ۋەزىپە ئىجرا قىلغۇچىلار، پىدائىيلار، مۇلازىمەت - كاپالەت خادىملىرى، تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ۋەكىللىرى قاتارلىقلار پائالىيەتكە قاتناشتى.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ