مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى جەنشۇ 2021-يىللىق ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى گۇيياڭ خەلقئارا مۇنبىرىگە قاتناشتى ھەم ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى

2021.07.13 12:11 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:2021-يىللىق ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى گۇيياڭ خەلقئارا مۇنبىرى 7-ئاينىڭ 12-كۈنى گۇيياڭدا ئېچىلدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى.

  لى جەنشۇ ئالدى بىلەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە، رەئىس شى جىنپىڭغا ۋاكالىتەن بۇ نۆۋەتلىك مۇنبەرنىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.

  لى جەنشۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزۈپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش ئەمەلىيىتىدە شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈردى. بۇ ئىدىيە تەبىئەت قانۇنىيىتى، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگونىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى نەزەرىيە يېتەكچىلىكى ۋە ھەرىكەت كۆرسەتمىسى بىلەن تەمىنلىدى. جۇڭگو ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئومۇمىيىتى يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرۈپ تونۇپ، بايلىق تېجەش ۋە مۇھىت ئاسراشنى تۈپ دۆلەت سىياسىتى قىلىپ بېكىتىپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى دۆلەت ئىستراتېگىيەسى قىلىپ بېكىتىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشتا تارىخىي خاراكتېرلىك، بۇرۇلۇش خاراكتېرلىك، ئومۇمىيەت خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش بولۇشقا تۈرتكە بولدى.

  لى جەنشۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: دۇنيا چوڭ ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو ئىزچىل مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەتتە بولۇشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ كەلدى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشى خەلقئارا ھەمكارلىقىغا پائال قاتنىشىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يېتەكچىلىكىدىكى مۇھىم خەلقئارا ئەھدىنامىنى تەستىقلاپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كىلىمات ئۆزگىرىشى «پارىژ كېلىشىمى»نىڭ ئىمزالىنىشى، كۈچكە ئىگە بولۇشى، يولغا قويۇلۇشىغا پائال تۈرتكە بولدى. جۇڭگو ئەزەلدىن ۋەدىسىدە تۇرىدۇ، بىز بېكىتىلگەن نىشاننى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى ساقلاش، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىمىز.

  لى جەنشۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ يىل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇپ چىقىشتىن ئىبارەت ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنى تەنتەنىلىك جاكارلىدى. رەئىس شى جىنپىڭ 75-نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ ئادەتتىكى مۇنازىرىسىدە، جۇڭگو دۆلەتنىڭ ئۆز ئالدىغا تۆھپە قوشۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ كۈچلۈك سىياسەت ۋە تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، كاربون (IV) ئوكسىدى قويۇپ بېرىشنى 2030-يىلىدىن بۇرۇن چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈشكە تىرىشىپ، 2060-يىلىدىن بۇرۇن كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بىز ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە يەر شارىۋى كىلىمات مۇھىتى خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇش، يەر شارىنىڭ ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشىمىز. بىرىنچىدىن، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئىشلەپچىقىرىش راۋاجلانغان، تۇرمۇش باياشات، ئېكولوگىيە ياخشى بولغان مەدەنىي تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي ماڭىمىز؛ ئىككىنچىدىن، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتىنى ياخشىلاشنى سان ئۆزگىرىشىدىن سۈپەت ئۆزگىرىشىگە ئايلاندۇرىمىز؛ ئۈچىنچىدىن، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقى، مۇھىت سۈپىتى تۆۋەن چېكى، بايلىقتىن پايدىلىنىش يۇقىرى چېكىنى قاتتىق ساقلايمىز؛ تۆتىنچىدىن، قانۇن-تۈزۈم سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇن ئىدارە قىلىش كۈچى ئارقىلىق ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداپ، يېشىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىمىز؛ بەشىنچىدىن، خەلقئارا ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرىمىز.

  لى جەنشۇ مۇنداق دېدى: گۇيجوۋنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى جۇڭگونىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ ئىخچام كارتىنىسى. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى گۇيياڭ خەلقئارا مۇنبىرى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ خەلقئارا ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم سۇپىغا، دۇنيانىڭ جۇڭگونىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى چۈشىنىشىدىكى مۇھىم كۆزنەككە ئايلاندى. بۇ نۆۋەتلىك مۇنبەردە «تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىش، يېشىل تەرەققىيات __ ئادەم بىلەن تەبىئەت ھاياتلىقى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش» باش تېما قىلىندى، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش تەدبىرلىرىنى ئورتاق كېڭىشىپ، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق بىللە ياشاش يولىنى ئورتاق كۆزلەپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ھاياتلىقى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا پائال تۆھپە قوشۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.

  سېربىيە زۇڭلىسى بۇرنابىچ، تونگا باش ۋەزىرى تۇئىئونېتوئا، فىرانسىيە ئاساسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ رەئىسى فابىئۇس، پولشا كېڭەش پالاتاسىنىڭ باشلىقى گروزكى، تايلاند مەلىكىسى شىلىنتون، ھىندونېزىيە زۇڭتۇڭىنىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى لۇخۇت قاتارلىقلار ئېچىلىش مۇراسىمىدا سىنلىق سۆز قىلدى، تەخمىنەن 500 ئەزىز مېھمان ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ