مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ باربادوس زۇڭلىسى موتېللى بىلەن تېلېفونلاشتى

2021.07.15 08:51 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7 - ئاينىڭ 13 - كۈنى كەچتە باربادوس زۇڭلىسى موتېللى بىلەن تېلېفونلاشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: باربادوس جۇڭگونىڭ شەرقىي كارب رايونىدىكى ياخشى دوستى، ياخشى ھەمراھى. جۇڭگو بىلەن باربادوس دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 44 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقىرى قاتلام ئالاقىسى ئۈزۈلمىدى، ھەمكارلىقى مول نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن باربادوس جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى ئورتاق يەڭدى. ھازىر، يۇقۇم يەنىلا پۈتۈن يەر شارىدا يامرىماقتا، دوستىمىز ياردەمگە ئېھتىياجلىق بولسا، بىز باش تارتمايمىز. جۇڭگو تەرەپ داۋاملىق باربادوس تەرەپ بىلەن ۋاكسىنا، داۋالاش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، باربادوس تەرەپنىڭ يۇقۇم ئۈستىدىن بالدۇرراق غەلىبە قىلىشىغا كۈچ قوشىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو - باربادوس ئىككى دۆلەت بىردەك خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرىدۇ. جۇڭگو تەرەپ باربادوس تەرەپ بىلەن دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۇل ئەسلىھە قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، جۇڭگو - باربادوس مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ باربادوس تەرەپنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا داۋاملىق قۇربىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ خەلقئارا ئىشلاردىكى ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغدىشى كېرەك. «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى تېخىمۇ كۆپ ئورتاق تەرەققىيات پۇرسىتى ياراتتى، جۇڭگو تەرەپ باربادوس قاتارلىق كارب رايونىدىكى دۆلەتلەر بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى خالايدۇ، باربادوس تەرەپنىڭ جۇڭگونىڭ كارب ئورتاق گەۋدىسى بىلەن بولغان ھەمكارلىقى ۋە جۇڭگو - لاتىن ئامېرىكىسى مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا پائال تۆھپە قوشۇشقا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  موتېللى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى سەمىمىي تەبرىكلەيمەن. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يىراقنى كۆرەرلىكى ۋە كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشقا ئاشۇرۇپ، مۇتلەق نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگونىڭ ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە جەزمەن تېخىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن ۋە تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن. باربادوس تەرەپ جۇڭگودەك مۇشۇنداق دوستىنىڭ بولغانلىقىدىن پەخىرلىنىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئىككى تەرەپلىك ئەمەلىي ھەمكارلىق ۋە كۆپ تەرەپلىك ئالاقىلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇپ، باربادوس - جۇڭگو مۇناسىۋىتى ۋە لاتىن ئامېرىكىسى - جۇڭگو مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ زور تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپنىڭ باربادوس تەرەپنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشىنى قىممەتلىك ياردەم بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن. باربادوس تەرەپ ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈش مەسىلىسىنى سىياسىيلاشتۇرۇشقا قارشى تۇرىدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ ۋاكسىنىنىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردىكى ئادىل تەقسىملىنىشىگە تۈرتكە بولۇشقا قوشقان پائال تۆھپىسىنى ئالقىشلايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ۋاكسىنا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ