باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

چەتئەللىكلەر نەزىرىدىكى ئۇزۇن سەپەر: تەڭداشسىز قەھرىمانلىق داستانى

2016.08.09 09:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سۈرەتتە: قىزىل ئارمىيە بېسىپ ئۆتكەن سازلىق (سىچۇەننىڭ غەربىي شىمالى)

  ئىنسانىيەتنىڭ ئۇرۇش تارىخىدىكى مۆجىزە بولغان ئۇزۇن سەپەر ئۆزگىچە مەنىۋىي سېھرىي كۈچى بىلەن دۆلىتىمىز خەلقى قەلبىدە چوڭقۇر ئىز قالدۇرۇپلا قالماستىن، يەنە دەۋر ۋە دۆلەت چېگراسىدىن ھالقىپ ئۆتكەن بۈيۈك ۋەقە بولۇپ، دۇنيادا كەڭ تارقىلىپ، زور خەلقئارا تەسىر پەيدا قىلدى.

  80 يىلدىن بۇيان، نۇرغۇن خەلقئارا دوستلار ئۇزۇن سەپەرگە قارىتا قىززىقىشىنى ئىپادىلەپ، قىزىل ئارمىيەنىڭ ئۇزۇن سەپىرىنى مەدھىيلىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە داڭلىق داھىيلار، ھەربىي قوماندانلار بار، يەنە مەخسۇس جۇڭگوغا كېلىپ زىيارەت قىلىپ خەۋەر قىلغان مۇخبىرلار، يازغۇچىلار بار، يەنە بىر قىسىم چەتئەللىكلەر جۇڭگوغا كېلىپ، ئۇزۇن سەپەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئۇزۇن سەپەر روھىنى ھېس قىلدى.

  چەتئەل سىياسىيونلىرىنىڭ ئۇزۇن سەپەرگە بەرگەن باھاسى: تەڭداشسىز بۈيۈك داستان

  ئۇزۇن سەپەرنىڭ خەلقئارادا پەيدا قىلغان زور تەسىرى نۇرغۇن چەتئەللىك سىياسىيونلارنى ھەيران قالدۇردى. ئۇلار مەدھىيە سۆزلىرىنى ئايىماي، ئۇزۇن سەپەرنىڭ دۇنيا تارىخىدىكى مۆجىزىۋىي تەسىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.

  ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشىدا زور نەتىجە قازانغان ئەنگىلىيە مارشالى مونتگومېرىي ئۇزۇن سەپەرنى «بۇ ئەسىردىكى ئەڭ ئۇلۇغ ھەربىي داستان، تەۋرەنمەس روھنى نامايان قىلغان بىر قېتىملىق كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان نەتىجە»، دېدى.

  ئۇزۇن سەپەر بىر ئۇلۇغ داستان، «ھەرگىزمۇ بىر تەڭداشسىز قەھرىمانلىق داستانى بولۇپلا قالماستىن، ئۇنىڭ ئەھمىيىتى ئىنتايىن چوڭقۇر. ئۇ دۆلەتنىڭ بىرلىك روھىنىڭ ئىپادىسى، ھەمدە قالاق نەرسىلەرنى يېڭىشتىكى زۆرۈر ئامىل». خەلقئارادىكى داڭلىق ئىستراتېگىيەچى، ئىلگىرى ئامېرىكا زوڭتوڭىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى ياردەمچىسى بولغان بېرژىنىسكي 1981- يىلى 7- ئايدا ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىرگە گۇيجۇ، سىچۇەنگە بېرىپ، ئۇزۇن سەپەرنىڭ بىر بۆلىكىنى قايتا ماڭدى.

  قىزىل ئارمىيە ئاساسىي كۈچىنىڭ مەركىزىي سوۋېت رايونىدىن چېكىنىپ، خەتەرگە تولغان ئۇزۇن مۇساپىلىق ئىستراتېگىيەلىك يۆتكىلىشىنى خالىمىغان سىتالىنمۇ ئۇزۇن سەپەر غەلبىلىك ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى گومىنداڭ بىلەن ئوننەچچە يىل كۈرەش قىلدى، ئۇزۇن سەپەر ئارقىلىق شەنشىنىڭ شىمالىدىكى تايانچ بازىغا يېتىپ كەلدى، بۇ بىر خوشاللىنارلىق تارىخىي ۋەقە بولدى»، دەپ تەرىپلىدى.

  چەتئەللىك دوستلار قەلىمىدىكى ئۇزۇن سەپەر: قىزىل ئارمىيە روھى ئۆچمەس تۆھپىنى مەيدانغا كەلتۈردى

  قىزىل ئارمىيەنىڭ ئۇزۇن سەپەر غەلبىسى دۇنيادا زور تەسىر پەيدا قىلغانلىقتىن، نەچچە ئون يىلدىن بېرى، نۇرغۇن مۇخبىر، يازغۇچى، دوستانە زاتلار ئۇزۇن سەپەرنى زىيارەت قىلىپ، كىتاب يازدى، باھا بەردى. دەسلەپتە نۇرغۇن چەتئەللىكلەر قىزىقىش تۈرتكىسىدە ئۇزۇن سەپەرگە نەزەر سالغان ئىدى، بىراق ئىنچىكىلىك بىلەن تەكشۈرۈش ۋە ئويلىنىشتىن كېيىن، ئۇلار ئۇزۇن سەپەرنى مەدھىيلىگۈچىلەر، چوقۇنغۇچىلار ۋە ئۇزۇن سەپەر روھىنى تارقاتقۇچىلار بولۇپ قالدى.

  شۇ چاغدىكى يەنجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئاخبارات فاكۇلتېتىنىڭ پرافېسسورى، ئامېرىكىلىق خەۋەر مۇخبىرى ئېدگار پاركس سنوۋ 1936- يىلى 6- ئايدىن 10- ئايغىچە ماۋ زېدوڭ ۋە قىزىل ئارمىيەگە قارىتا چوڭقۇرلاپ زىيارەت قىلدى. 1937- يىلى 10- ئايدا سىنوۋ ئەنگىلىيەدە «قىزىل يۇلتۇزلار جۇڭگونى يورۇتتى» ناملىق كىتابنى نەشىر قىلدۇردى. كىتابتا سىنوۋ ئۇزۇن سەپەرنى «بۈگۈنكى دەۋردىكى تەڭداشسىز بىر قېتىملىق داستان كەبى يىراق سەپەر»، «تارىختىكى ئەڭ تەنتەنىلىك قوراللىق سەييارە تەشۋىقات»، دەپ تەرىپلىدى.

  40 نەچچە يىلدىن كېيىن، سىنوۋنىڭ كونا دوستى، ئامېرىكىلىق داڭلىق مۇخبىر ۋە يازغۇچى خاررىسون سالىسبۇري 300 مىڭ خەتلىك «ئۇزۇن سەپەر - مىسلىسىز ھېكايە» ناملىق كىتابنى نەشىر قىلدۇردى. بۇ كىتابتا، سالىسبۇري ئۇزۇن سەپەرنى «جۇڭگو قىزىل ئارمىيەسىدىكى ئەر-ئايال جەڭچىلەرنىڭ ئىرادىسىنى، جاسارىتىنى ۋە قۇدرىتىنى سىنايدىغان ئۇلۇغ داستان»، «ئىنسانىيەتنىڭ مەۋجۇتلۇق ئىستەشتىكى زەپەر ناخشىسى، ئىنسانىيەتنىڭ يازما خاتېرىسى بار بولغاندىن بۇيانقى كىشىنى ئەڭ ھاياجانلاندۇرىدىغان قورقۇمسىز ئىش»، دەپ تەرىپلىدى. كىتابتا، «ئۇزۇن سەپەر ئاخىرى ماۋ زېدوڭ ۋە كوممۇنىستىك پارتىيەنى جۇڭگوغا ئېرىشتۈردى. بۇ ئەسىردە ئۇزۇن سەپەردىنمۇ بەكرەك كىشىنى ئىنتىلدۈرىدىغان ۋە دۇنيانىڭ كەلگۈسىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدىغان ۋەقە يوق»، دېيىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر