يېڭى ئىچكى كابېنتنىڭ قىسمەن ئەزالىرى: (بىرىنچى رەت سولدىن ئوڭغا) بەخت مىنىستىرى ئاۋخۇد رۇمى، فېدېراتسىيە خەلق پارلامېنتى ئىشلىرى مىنىستىرى نۇرە كابى، ياشلار ئىشلىرى مىنىستىرى ساما مازىلۇي، مائارىپ مىنىستىرى جەمىلە مۇھەلى؛
ئىككىنچى رەت سولدىن ئوڭغا: مەھەللە تەرەققىيات مىنىستىرى ناجىلە ئاۋار، كىلىمات ئۆزگىرىشى ۋە مۇھىت مىنىستىرى سانى زىيۇد، ئالىي مائارىپ پەن-تەتقىقات مىنىستىرى ئەھمەد فالاش، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى مۇھەممەد بوۋارد.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى 10-فېۋرال بىر ئايالنى دۆلەتنىڭ تۇنجى «بەخت مىنىستىرى» قىلىپ تەيىنلەپ، بۇ يېڭى لايىھەلەنگەن ئىچكى كابېنت ۋەزىپىسىنىڭ دۆلەتكە «خوشاللىق ئاتا قىلىشى»نى ئۈمىد قىلدى.
پارس قولتۇقىدىكى قوشنا دۆلەتلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا ، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە ئاياللارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتى ۋە ئورنى نىسبەتەن يۇقىرىراق. بۇ قېتىمقى كابىنېتنى قايتا تەشكىللەشتە، 29ئىچكى كابىنېت مىنىستىرلىرى ئىچىدە ئاز دېگەندە بەش نەپەر «ساھىبجامال مىنىستىر» بار بولۇپ، كىشىلەرگە ئۆزگىچە تەسىر بەردى.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى