جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، مەركەز تەكشۈرۈش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ چىشەن 16-ئىيۇل 2014-يىللىق مەركەزنىڭ 2-نۆۋەتلىك تەكشۈرۈش خىزمىتىنى سەپەرۋەر قىلىش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى
شىنخۇا تورى، بېيجىڭ، 16-ئىيۇل تېلېگراممىسى: جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، مەركەز تەكشۈرۈش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ چىشەن 16-ئىيۇل 2014-يىللىق مەركەزنىڭ 2-نۆۋەتلىك تەكشۈرۈش خىزمىتىنى سەپەرۋەر قىلىش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى.
ۋاڭ چىشەن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تەكشۈرۈش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەرمەكتە، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقاندا بۇ ھەقتىكى دوكلاتلارنى كۆپ قېتىم ئاڭلاپ، تەكشۈرۈش خىزمىتىگە يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى. چىرىكلىكنىڭ يامراپ كېتىشىنى قەتئىي توسۇپ، يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلاپ، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ئېچىلغاندىن كېيىنكى، مەركەزنىڭ ‹‹سەككىز بەلگىلىمە››سىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋە تەربىيەنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيانقى ئېقىم بىلەن قارشىلىشىپ ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈپ، ئىنتىزامغا قاتتىق رىئايە قىلىپ، ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىشقا پېتىنالمايدىغان قىلىش كېرەك. چىرىكلىك مەسىلىسىدە، كان مەھسۇلاتلىرى بايلىقى، يەرنى ئۆتۈنۈپ بېرىش، ئۆي-زېمىنچىلىق، قۇرۇلۇش تۈرى، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش مەبلىغى ۋە مەخسۇس خىراجەتنى ئىشلىتىشنى باشقۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. ‹‹تۆت خىل ناتوغرا ئىستىل›› مەسىلىسىدە، راھەتپەرەسلىك، ھەشەمەتچىلىك قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەسىلىلەرگە، شەكىلۋازلىق، بيۇروكراتلىق مەسىلىسىگە دىققەت قىلىپ، ئېقىم بىلەن قارشىلىشىپ ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىلىرىنى؛ ئىنتىزام مەسىلىسىدە، سىياسىي ئىنتىزام، تەشكىلىي ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، بۇيرۇقنى ئىجرا قىلماسلىق، چەكلەپ تۇرسىمۇ ئۆز بېشىمچىلىق قىلىش، تەشكىلىي جەھەتتە چېچىلاڭغۇ بولۇش، ئىنتىزام جەھەتتە بوشاڭ بولۇش مەسىلىلىرىنى نۇقتىلىق بايقاش لازىم. ئادەم تاللاش، ئىشلىتىش مەسىلىسىدە، ئەمەل سودىسى، نۇقسان بار كادىرلارنى ئۆستۈرۈش، ئىشتاتتىن ئاشۇرۇپ كادىر سەپلەش، تەنھا ئەمەلدارلار مەسىلىسىنى نۇقتىلىق بايقاپ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئالاقىدار ئىشلىرى دوكلاتىنى ئارىلاپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، سىياسىيدا چىڭ، ئىستىلى قاتتىق، ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئېلىشقا جۈرئەت قىلالايدىغان تەكشۈرۈش قوشۇنى بەرپا قىلىش كېرەك. تەكشۈرۈش كادىرلىرى ئۆزلىرىنىڭ نوپۇزىنى قەدىرلەپ، پرىنسىپتا چىڭ تۇرۇشى، خىزمەتتە ئەستايىدىل بولۇپ، مەسىلىلەرنى بايقاشتىكى ئاۋانگارتلاردىن بولۇشى كېرەك.
مەركەز تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى مەركەزنىڭ تەستىقلىشى بىلەن گۇاڭشى، شاڭخەي، چىڭخەي، شىزاڭ، جېجياڭ، خېبېي، شەنشى، خېيلۇڭجياڭ، سىچۈەن، جياڭسۇدىن ئىبارەت 10 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردە دائىملىق تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرىدۇ، دۆلەتلىك تەنتەربىيە باش ئىدارىسى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى، بىرىنچى ئاپتوموبىل گۇرۇھىنى مەخسۇس تەكشۈرىدۇ.