خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يىل 3-ئاينىڭ 8-كۈنى خەلقئارا ئاياللار بايرىمىنىڭ 104 يىللىق خاتىرە كۈنى. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن، كورلا شەھىرىدىكى ھەرقايسى ئىدارە-ئورگان، مەكتەپ، يېزا-مەيدانلار ئۆتكەن بىر يىلدا خىزمەتتىكى ئەمەلىي نەتىجىسى گەۋدىلىك بولغان «ئىلغار كوللېكتىپ» «مۇنەۋۋەر ئايال خىزمەتچى» « ئۈچتە ئۆگىنىش، ئۈچتە بەسلىشىش» «ئىناق ئائىلە» «بەشتە ياخشى مەدەنىيەتلىك ئائىلە»لەرگە شەرەپ گۇۋاھنامىسى بەردى. ھەمدە يېڭى مەدەنىيەت، يېڭى ئۇسلۇبنى تەشەببۇس قىلىپ، گۈزەللىكنى نامايان قىلىش'' ئەدەبىيات-سەنئەت، ئارقان تارتىشىش ، قىزىل ناخشا ئېيتىش، دېھقان ئاياللىرىنىڭ قول ھۈنەر بۇيۇملىرىنى كۆرگەزمە قىلىش، پىلانلىق تۇغۇت بىلىملىرىدىن سۇئال سوراش، مۇقىملىق، پارتىيە نىزامنامىسى بىلىملىرى بويىچە سوئال سوراش، قىز-ئاياللارنىڭ ئۇزۇن چاچ قويۇش ئەنئەنىسىنى نامايان قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىپ، بۇ كۈننى قۇتلۇقلىدى. (ئەخمەتجان ھوشۇر خەۋرى، فوتوسى)
سۈرەتتە: پائالىيەتلەردىن كۆرۈنۈشلەر