خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ يەر ۋاقتى 11-فېۋرال كانادا ۋانكوۋېردا، زەھەر چەككۈچىلەرنىڭ بىر قېتىملىق پاكىز زەھەر چېكىش ئەسۋابلىرىنى سېتىۋېلىپ، ئەيدىز س تىپلىق جىگەر ياللۇغى قاتارلىق ۋىرۇسلاردىن يوقۇملىنىش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن، زەھەر چەككۈچىلەر بايلىق مەركىزى زەھەر چېكىش ئەسۋابلىرىنى ئاپتوماتىك سېتىش ئۈسكۈنىسىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى. بۇ تۈرنى كېڭەيتكۈچى كەيلىننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، زەھەر چېكىش سەۋەبلىك ئەيدىز ياكى س تىپلىق جىگەر ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغان ھەربىر بىمار ئۈچۈن، ھۆكۈمەت پۇقرا تاپشۇرغان باجدىن 250 مىڭ دوللار خەجلەيدۇ. ۋاھالەنكى ئاپتوماتىك سېتىش ماشىنىسىدىكى ھەر بىر يۈرۈش ئەسۋابنىڭ باھاسى ئارانلا 25 سېنت.
تەرجىمە مۇھەررىرى: مۇسا ھەيدەر
مەنبە: خەلق تورى