ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 24-سېنتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، سۈرىيە ئىسلام دىنى سۈنئىي مەزھىپىنىڭ ئەڭ ئالى داھىيسى ئەھمەد بەدىردىن ھاسۇن (Ahmad Badreddin Hassoun) مۇفتىم يېقىندا ئەنگلىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن، مېنىڭ ئوغلۇم ئالدىنقى يىلى سۈرىيە ئۆكتىچىلىرىنىڭ قولىدا ئۆلتۈرۈلدى، بىراق مەن بۇنىڭغا يەنىلا ناھايىتى كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلدىم. زىيارەت جەريانىدا ئەھمەد بەدىردىن ھاسۇن مۇفتىم يەنە باشقىچە بىر تەرەپتىن سۈرىيە خىمىيىلىك قورال مەسىلىسىنى تەھلىل قىلدى.