بۇ خىل داۋالاش ئۇسۇلى قاننىڭ ئېقىشىنى تىزگىنلەيدىكەن، مەقسىتى بەدەندىكى « بۇلغانغان قان» نى چىقىرىۋېتىش ئىكەن. قاننىڭ ئېقىپ چىقىشىنى تېزلىتىش ئۈچۈن، بىمار ئادەتتە ئىسسىقراق يەردە يېرىم سائەت ئۆرە تۇرىدىكەن ھەم ئارقان بىلەن باغلىنىدىكەن، ئاندىن قان ئاقتۇرغان جاينى قان چىقىشتىن توختىغىچە ھەرىكەتلەندۈرىدىكەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، ھىندىستاندا بۇنداق قەدىمىي داۋالاش ئۇسۇلى مەۋجۇت بولۇپلا قالماي، بەلكى يەنە كوچىلاردا كەڭ تارقالغان ئىكەن. گەرچە ھىندىستاننىڭ تېببىي داۋالاش سەۋىيەسى زور دەرىجىدە ئۆسكەن بولسىمۇ، ئەمما نۇرغۇن كىشىلەر زامانىۋى داۋالاش ۋاستىلىرىنى ياقتۇرمايدىكەن، ئەكسىچە ئەنئەنىۋى داۋالاش ئۇسۇللىرىنى بەكرەك ئېتىراپ قىلىدىكەن، شۇڭلاشقا بۇ خىل «قان چىقىرىپ داۋالاش» يەنىلا بەك قارشى ئېلىنىدىكەن.