مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەلق سەنئەتكارلىرى باج ئوغرىلاپ، باجدىن قېچىپ بىر تەرەپ قىلىنسا، ھەر قانچە داڭلىق بولغان تەقدىردىمۇ «سەپتىن چۈشۈپ قالىدۇ»

2022.03.16 14:01 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 16-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يەنە بىر ئارتىس باج ئوغرىلاش باجدىن قېچىش سەۋەبىدىن جازالاندى.

  خەۋەر قىلىنىشىچە، دېڭ لۇن 2019-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە يالغاندىن كەسىپ ئالماشتۇرۇپ كىرىم خاراكتېرىنى ساختا مەلۇم قىلىپ، شەخسىي تاپاۋەت بېجىدىن 47 مىليون 658 مىڭ 200 يۈەندىن قاچقان، ئۇنىڭدىن باشقا 13 مىليون 993 مىڭ 200 يۈەن ئاز باج تاپشۇرغان. باج تارماقلىرى باجنى كېچىكتۈرگەنلىك پۇلىنى قوشۇپ جەرىمانە قويۇپ، جەمئىي 106 مىليون تاپشۇرۇشنى ئۇقتۇرغان.

  نۇرغۇن كىشىلەر دېڭ لۇننى ئانچە چۈشىنىپ كەتمەيدۇ، لېكىن بۇنداق بىر ياش ئارتىسنىڭ قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە باج ئوغرىلاش، باجدىن قېچىش، باجنى ئاز تاپشۇرۇش سوممىسى 60 مىليون يۈەندىن ئېشىپ، كىشىنى چۆچۈتكەن.

  دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، دېڭ لۇندا «باج ئورگانلىرى ئەسكەرتىپ، ھەيدەكچىلىك قىلىغان بولسىمۇ يەنىلا ئۈزۈل-كېسىل تۈزەتەسلىك»، «يالغاندىن كەسىپ ئالماشتۇرۇش كىرىم خاراكتېرىنى ئويدۇرۇپ ساختا مەلۇم قىلىپ باج ئوغرىلىغان ھەم تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزىنى ئۆزى تەكشۈرۈپ، كەم قىسمىنى تولۇقلاپ تاپشۇرماسلىق، خاراكتېرى قەبىھ بولۇش» قاتارلىق مەسىلىلەر ساقلانغان. بۇ ئالاقىدار تارماقلارنىڭ دېلو تۇرغۇزۇپ، باج ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر تەكشۈرۈپ، ئاخىرىدا دېڭ لۇنغا ئېغىر جازا بەرگەنلىكى، قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە جازالانغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئالاقىدار تارماقلار مەدەنىيەت، كۆڭۈل ئېچىش ساھەسىدىكى كەسىپكارلارنىڭ باج تاپشۇرۇشىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتتى، بۇ ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ھەم ۋەزىپە، مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلغانلىقىنىڭ ھەم مەدەنىيەت، كۆڭۈل ئېچىش تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرغانلىقنىڭ ئىپادىسى. باج ئوغرىلاش، باجدىن قېچىش ئەھۋاللىرىنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش قانداقتۇ بىرەر ئارتىس بىلەن چىقىشالمىغانلىقتىن ئەمەس، بەلكى باج ئوغرىلاش، باجدىن قېچىش قىلمىشلىرى بىلەن چىقىشالمىغانلىق. كىم دۆلەت مەنپەئەتىگە زىيان سالسا، قانۇننى كۆزگە ئىلمىسا، كىم مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش كەسپىنىڭ ئوبرازىغا بۇزغۇنچىلىق قىلسا، شۇ جازادىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ باج ئوغرىلاش، باجدىن قېچىش قىلمىشلىرىنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى ھەم دۆلەت ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغانلىق ھەم مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش كەسپىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزۇنغىچە تەرەققى قىلىشى ئۈچۈندۇر.

  ئارتىس، سەنئەتچىلەردىن باج ئوغرىلاپ، باجدىن قېچىش سەۋەبلىك جازالانغانلىرىدىن، دېڭ لۈن بىرىنجىسى ئەمەس ھەم ئەڭ ئاخىرقىسىمۇ ئەمەس. سۈرۈشتۈرۈشكە ئەرزىيدىغىنى شۇكى، شۇنچە كۆپ ئارتىسقا جازا بېرىلگەن تۇرۇقلۇق، نېمىشقا يەنە بەزىلەر باج ئوغرىلايدۇ،باجدىن قاچىدۇ؟باج ئوغرىلاش، باجدىن قېچىش سېپى ئۆزىدىن قانۇنغا خىلاپ قىلمىش. نام-ئاتىقى چوڭ بولسا، جازادىن قۇتۇلۇپ قالالايمەن، دەپ تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولۇپ، كۆز بوياپ ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ. قانۇن بويىچە باج تاپشۇرۇش پۇقرالارنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيىتى، بەلگىلىك نامى بار داڭدار ئەرباب بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئالاقىدار ئارتىسلارنىڭ قانۇن-ئىنتىزامغا رېئايە قىلىشى ئۆز نامىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ تۆۋەن چېكى، شۇنداقلا جەمئىيەتنىڭ ياخشى ئۈلگىسى بولۇشنىڭ ئاساسىي ئالدىنقى شەرتى. ئەگەر بىر تەرەپتىن باج ئوغرىلاپ، باجدىن قېچىپ يەنە بىر تەرەپتىن ياخشى ئادەم بولماقچى بولسا، ئوبرازى ھامىنى غۇلاپ چۈشىدۇ.ئەڭ يېڭى خەۋەردە دېيىلىشىچە، دېڭ لۇن «مەن باج ئورگىنىنىڭ بارلىق قارارىنى قوبۇل قىلىمەن، مەن مۇناسىۋەتلىك بارلىق مەسئۇلىيەت ۋە ئاقىۋەتنى ئۈستۈمگە ئېلىشنى خالايمەن» دېيىش ئارقىلىق قىلمىشى ئۈچۈن ئاشكارا كەچۈرۈم سورىغان. قانۇنغا ھۆرمەت قىلغاندىلا، ئاندىن قۇتقۇزۇۋېلىشقا ئېرىشىدۇ. بۇ ئېغىر ساۋاق، دېڭ لۇننىڭ ھەقىقىي ساۋاق ئېلىشىنى، باشقا سەنئەتكارلارنىڭمۇ بۇنىڭدىن ساۋاق ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ