بېيجىڭ 2022 - يىللىق قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك يېپىلدى

​شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ چىشەن، خەلقئارا مېيىپلەر ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى پارسونس يېپىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى

2022.03.15 10:16 مەنبە: خەلق تورى

  3 - ئاينىڭ 13 - كۈنى كەچتە، بېيجىڭ 2022 - يىللىق قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمى دۆلەت تەنتەربىيە مەيدانىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. سۈرەتتە: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ رەئىس سەھنىسىدە كۆپچىلىككە قول ئىشارىسى قىلىپ ئېھتىرام بىلدۈرمەكتە.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى

  3 - ئاينىڭ 13 - كۈنى كەچتە، بېيجىڭ 2022 - يىللىق قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمى دۆلەت تەنتەربىيە مەيدانىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ چىشەن قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى يېپىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى پاڭ شىڭلېي فوتوسى

  بېيجىڭ 2022 - يىللىق قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمى 3 - ئاينىڭ 13 - كۈنى كەچتە دۆلەت تەنتەربىيە مەيدانىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ چىشەن قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى، خەلقئارا مېيىپلەر ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى پارسونس يېپىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  ئىككى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئوخشاشلا قالتىس بولدى. بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەندىن كېيىن، بېيجىڭ قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى قالتىس بولغان مۇسابىقە ئىشلىرىنى تەشكىللەش، مۇكەممەل بولغان توسالغۇسىز ئەسلىھەلەر، ئادىمىيلەشكەن مۇلازىمەت بىلەن تەنھەرىكەتچىلەر، تىرېنېرلار ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كەڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى. ئۆتكەن توققۇز كۈندە، 46 دۆلەت(رايون)تىن كەلگەن 600گە يېقىن مېيىپ تەنھەرىكەتچى ھاياجانلىق مىنۇتلاردىن بەھرىمەن بولۇپ، جاسارەت بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىپ، توختىماي ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزىدىغان، ئۈمىدۋار، ئالغا ئىنتىلىدىغان روھنى نامايان قىلدى. جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى 18 ئالتۇن مېدال، جەمئىي 61 مېدالغا ئېرىشىپ، ئالتۇن مېدال تىزىملىكى ۋە مېدال سانىدا 1 - ئورۇندا تۇرۇپ، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشقاندىن بۇيانقى ئەڭ ياخشى نەتىجىنى ياراتتى.

  تۈن پەردىسى ئاستىدىكى دۆلەت تەنتەربىيە مەيدانىدا رەڭگارەڭ نۇرلار چاقناپ تۇرغان بولۇپ، ئايرىلىشقا كۆزى قىيماسلىقتەك چوڭقۇر دوستلۇق مېھرىگە تولغانىدى.

  «تىنچلىق − تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى» ناملىق مۇزىكا ساداسى ئىچىدە، شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن پارسونس قاتارلىقلار بىلەن بىللە رەئىس سەھنىسىگە چىقىپ، تاماشىبىنلارغا قول ئىشارىسى قىلىپ ئېھتىرام بىلدۈردى. پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

  يېقىملىق مۇزىكا ساداسىغا ئەگىشىپ، يېپىلىش مۇراسىمى «شانلىق پەيت» ناملىق مۇقەددىمە نومۇر بىلەن باشلاندى. تەنتەربىيە مەيدانىنىڭ مەركىزىدىكى غايەت زور يەر ئېكراندا بىر پاتېفون كۆرۈندى، مېيىپلەر ۋە ساغلام كىشىلەردىن تەشكىللەنگەن نومۇر ئورۇنلىغۇچىلار پاتېفون يىڭنىسىنى بىرلىكتە ئاستا - ئاستا ئالدىغا ئىتتىرىپ، ئالتۇن رەڭلىك نۇر چاقناپ تۇرغان ناخشا پىلاستىنكىسىنى ئايلاندۇرۇپ قوزغاتتى. توققۇز كۈنلۈك مۇسابىقىدىكى قالتىس پەيتلەر بىر - بىرلەپ نامايان بولدى.

  ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇردى. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە، قىپقىزىل بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق ئاستا - ئاستا كۆتۈرۈلدى.

  پاتېفوندىكى ئالتۇن رەڭلىك ناخشا پىلاستىنكىسى چاقناپ تۇرغان يۇلتۇزلار ئالىمىدىكى كۆك رەڭلىك يەر شارىغا ئۆزگەردى. مۇسابىقىگە قاتناشقان ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى بايراق كۆتۈرۈپ مەيدانغا كىردى، رەڭگارەڭ بايراقلار شادلىق دېڭىزىنى ھاسىل قىلدى.

  خەلقئارا مېيىپلەر ئولىمپىك كومىتېتى تەنھەرىكەتچىلەر كومىتېتىنىڭ يېڭىدىن سايلانغان ئىككى ئەزاسى مەيدان مەركىزىگە كېلىپ، بېيجىڭ قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئالتە پىدائىيلار ۋەكىلىگە گۈل تەقدىم قىلىپ ھۆرمەت بىلدۈردى، پىدائىيلارنىڭ جاپالىق ئەجرىگە رەھمەت ئېيتتى. چوڭ ئېكراندا پىدائىيلارنىڭ قىزغىن، ئەتراپلىق مۇلازىمەت قىلغان تەسىرلىك كۆرۈنۈشلىرى نامايان بولدى.

  يېقىملىق مۇزىكا ياڭرىدى، مېيىپلەر ۋە ساغلام كىشىلەردىن تەشكىللەنگەن ئارتىسلار بىرلىكتە ئورۇنلىغان «مۇھەببەت چاقىرىقى» كىشىلەرنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى. مېيىپ باس ئىسكىرىپكا ئورۇنلىغۇچى خەلقئارا مېيىپلەر ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ مۇسابىقە ناخشىسىنى ئورۇنلىدى، خەلقئارا مېيىپلەر ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ مۇسابىقە بايرىقى ئاستا - ئاستا چۈشۈرۈلدى.

  خەلقئارا مېيىپلەر ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ مۇسابىقە بايرىقىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش - ئۆتكۈزۈۋېلىش مۇراسىمى باشلاندى. بېيجىڭ شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى چېن جىنىڭ خەلقئارا مېيىپلەر ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ مۇسابىقە بايرىقىنى پۇلاڭلىتىپ، خەلقئارا مېيىپلەر ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى پارسونسقا تاپشۇرۇپ بەردى. پارسونس بايراقنى كېلەر نۆۋەتلىك قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزىدىغان شەھەر ئىتالىيەنىڭ مىلان شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى سىكارۋۇزو ۋە كورتىنا دامپېززو شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى گەيدىناغا تاپشۇرۇپ بەردى.

  نەق مەيداندا ئىتالىيەنىڭ دۆلەت شېئىرى ئورۇنلىنىپ، ئىتالىيەنىڭ دۆلەت بايرىقى چىقىرىلدى. چوڭ ئېكراندا كېلەر نۆۋەتلىك قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزىدىغان شەھەرنىڭ «بىز نۇر» ناملىق قىسقا فىلىمى قويۇلدى.

  ئارقىدىن، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى سەي چى سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ ئۇنتۇلغۇسىز توققۇز كۈندە، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن تەنھەرىكەتچىلەر كۈچلۈك ئىرادىسى بىلەن مېيىپلەر ئولىمپىك ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئۈمىدۋار، ئالغا ئىنتىلىدىغان كىشىلىك ھايات پوزىتسىيەسى، باراۋەر، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزىدىغان ھاياتلىق ئىززەت - ھۆرمىتى، قەيسەرلىك بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىدىغان مەنىۋى كۈچنى نامايان قىلىپ، پۈتۈن دۇنياغا قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئۆزگىچە سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدۇردى. مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئەزالىرى ئىتتىپاقلىشىپ، ھەمكارلىشىپ، تاراتقۇلار كۆڭۈل قويۇپ ئۇلاپ تارقىتىپ خەۋەر قىلىپ، پۈتۈن يەر شارىغا قالتىس مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكىتىنى نامايان قىلدى. بارلىق مۇلازىمەت كاپالەت خادىملىرىغا رەھمەت ئېيتىمەن، كۆپچىلىكنىڭ تىرىشچانلىقى قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تېجەشلىك، بىخەتەر، قالتىس بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇردى. بىز «جاسارەت، ئىرادە، رىغبەت، باراۋەرلىك»تىن ئىبارەت مېيىپلەر ئولىمپىك قىممەت قارىشىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، مېيىپلەر ئىشلىرىنىڭ تېخىمۇ زور تەرەققىياتىغا قول تۇتۇشۇپ تۈرتكە بولۇپ، بىرلىكتە گۈزەل كېلەچەككە يۈزلىنىمىز.

  خەلقئارا مېيىپلەر ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى پارسونس سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: بېيجىڭ قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان، بىخەتەر، ئىشەنچلىك، قالتىس، ئالاھىدە مۇسابىقە بولدى، شۇنداقلا، كەلگۈسىدىكى قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۈچۈن ئۈلگە تىكلەپ بەردى. جۇڭگونىڭ قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت كۈچلۈك دۆلىتى بولغانلىقىنى تەبرىكلەيمەن، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتى، جۇڭگو مېيىپلەر ئولىمپىك كومىتېتى، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە بارلىق جۇڭگو خەلقىگە رەھمەت ئېيتىمەن. ئاخىرىدا، پارسونس بېيجىڭ 2022 - يىللىق قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ يېپىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى ھەم تەنھەرىكەتچىلەرنى تۆت يىلدىن كېيىن مىلان − كورتىنا دامپېززودا يەنە بىر قېتىم جەم بولۇشقا چاقىردى.

  نۇرغۇن مېيىپ كىشىنىڭ كۈلۈمسىرىگەن دەقىقىلىرى كىرىشتۈرۈپ ئىشلەنگەن قىسقا فىلىم بىلەن ئەڭ ئاخىرقى خوشلىشىش پەيتى باشلاندى. ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆرۈنۈشلەر پاتېفوندا قايتا ئەكس ئەتتى. «قار ئۇچقۇنى»نىڭ تەسىرلىك مېلودىيەسىگە ئەگىشىپ، «چوڭ قار ئۇچقۇنى» شەكلىدىكى بېيجىڭ قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئاساسىي مەشئىلى ئاستا - ئاستا ئۆچۈرۈلدى.

  ئەما بالىلار خور ئۆمىكىدىكى بالىلارنىڭ ساپ، سۈزۈك ناخشا ساداسى ئىچىدە، «北京2022» خەت شەكلىدىكى ساليۇتلار تەنتەربىيە مەيدانى ئاسمىنىدا جۇلالاندى.

  بېيجىڭدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن كومىتېت باشلىقلىرى، دۆلەت كومىسسارلىرى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى، بېيجىڭدىكى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى ھەمدە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرى يېپىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  خەلقئارا مېيىپلەر ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ مەسئۇللىرى قاتارلىقلار يېپىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ