مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ: ئاياللارنى ئالداپ سېتىش قىلمىشىنى قىلچە كەڭچىلىك قىلماي قاتتىق جازالاش كېرەك!

2022.03.14 15:16 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 14-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن 13 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5 ـ يىغىنى يېپىلغاندىن كېيىن، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ خەلق سارىيىنىڭ 3 ـ قەۋىتىدىكى ئالتۇن رەڭلىك زالىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا قاتناشتى ھەم جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

  لى كېچياڭ: خەلق ئاممىسىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىشتا، خەلق ھۆكۈمىتى چوقۇم مەسئۇلىيەتنى زېممىسىگە ئېلىشى كېرەك. يېقىندا بەزى جايلاردا ئاياللارنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزۈش ۋەقەلىرى يۈز بەردى، بىز زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ئۈچۈن ئېچىنىپلا قالماي، بۇ ئىشتىن قاتتىق غەزەپلەندۇق. ئاممىنىڭ ھوقۇق ـ مەنپەئەتىگە ئېتىبارسىز قارىغانلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي سۈرۈشتۈرۈپ، ئاياللار ۋە بالىلارنى ئالداپ سېتىش جىنايى قىلمىشلىرىغا قاتتىق زەربە بېرىپ، قىلچە كەڭچىلىك قىلماي قاتتىق جازالاش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش بىلەن خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈشنى ئايرىۋەتكىلى بولمايدۇ، شۇڭا ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر پۈتۈن كۈچى بىلەن خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، پۈتۈن كۈچى بىلەن تىنچلىقنى ساقلاشنى ئۆزىنىڭ ئاساسىي مەسئۇلىيىتى قىلىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ