جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قارارىغا ئاساسەن چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق تۆۋەندىكى باش ئەلچىلەرنى ۋەزىپىگە تەيىنلىدى - قالدۇردى:
1. شياۋ چيەننى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھىندونېزىيە جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى؛
لۇ كاڭنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھىندونېزىيە جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلىدى.
2. جىن جىجيەننى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىسلاندىيە جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى؛
خې رۇلۇڭنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىسلاندىيە جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلىدى.
3. چېڭ جىڭيېنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاۋسترالىيە فېدېراتسىيەسىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى؛
شياۋ چيەننى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاۋسترالىيە فېدېراتسىيەسىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلىدى.
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ