13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 - يىغىنى بۈگۈن يېپىلىدۇ
زۇڭلى لى كېچياڭ مۇخبىرلار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ
2022.03.14 08:52 مەنبە: خەلق تورى
13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 - يىغىنى 3 - ئاينىڭ 11 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9دا خەلق سارىيىدا يېپىلىش يىغىنى ئۆتكۈزىدۇ، تۈرلۈك بېكىتمە لايىھەسى، قارار لايىھەسى ۋە چارە لايىھەسىنى ئاۋازغا قويىدۇ.
يېپىلىش يىغىنىدىن كېيىن، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ خەلق سارىيىنىڭ 3 - قەۋىتىدىكى ئالتۇن رەڭلىك زالدا مۇخبىرلار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ ھەم جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىدۇ. شۇ چاغدا مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى نەق مەيداندىن بىۋاسىتە تارقىتىدۇ، شىنخۇا تورى نەق مەيداندىن سۈرەت ۋە يېزىق شەكلى ئارقىلىق بىۋاسىتە تارقىتىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ