مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ۋاڭ ياڭ تەيۋەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى

2022.03.10 15:34 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 10-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ 9-چېسلا چۈشتىن بۇرۇن 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5- يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان تەيۋەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. چېن جۈن، فۇ جىگۇەن، لياڭ جىچياڭ قاتارلىق ۋەكىللەرنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ۋاڭ ياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئۆتكەن بىر يىلدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، تەيۋەن خىزمىتى ئۈنۈملۈك، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلىدى. ھازىر دۇنيادا 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېزلەشتى، تەيۋەن بوغۇزى يۆنىلىشىدە ئېنىقسىز مۇقىمسىزلىقلار كۆپەيدى، لېكىن ۋاقىت، كۈچ، ھەققانىيەت باشتىن-ئاخىر بىز تەرەپتە، بىزنىڭ ھەر خىل مۇرەككەپ ۋەزىيەتكە تاقابىل تۇرۇش ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچىمىز ۋە جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىمىز بار. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئومۇمىي تەدبىرى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەيۋەن خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، كۈرەش قىلىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ۋە «92 ئورتاق تونۇش»تا چىڭ تۇرۇپ، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىگە، تاشقى كۈچلەرنىڭ ئارىلىشىشىغا قەتئىي قارشى تۇرۇش كېرەك. ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتى، يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلار تارىخىي چوڭ يۈزلىنىشنى ئىگىلەپ، مىللىي ھەققانىيەتتە چىڭ تۇرۇپ، قېرىنداشلارنى بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرۈش تەدبىرلىرى ئۈستىدە كۆپرەك ئىزدىنىپ، ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدىغان ئىشلارنى كۆپرەك قىلىپ، قەلبلەرنى ماسلاشتۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى كۆپرەك ئىلگىرى سۈرۈپ، ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار ئىشنى، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئىشنى قول تۇتۇشۇپ ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ