13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 - يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

2022.03.07 12:02 مەنبە: خەلق تورى

  شى جىنپىڭ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىقلار رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى

  لى كېچياڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەردى لى جەنشۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدىيەرلىك تەشكىلىي قانۇننىڭ تۈزىتىلمە لايىھەسى، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ سانى ۋە سايلام مەسىلىسىگە ئائىت قارار لايىھەسى توغرىسىدا ئىزاھات قاتارلىقلار ئاڭلاپ ئۆتۈلدى

  3 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 - يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىقلار قاتناشتى، لى جەنشۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى

  3 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 - يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن يىغىنغا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەردى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ياۋ داۋېي فوتوسى

  3 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 - يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى، ئىجرائىيە رەئىسى لى جەنشۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى

  13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 - يىغىنى 3 - ئاينىڭ 5 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. 3000غا يېقىن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى زىممىسىگە ئېلىپ يىغىنغا قاتنىشىپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا يۈكلەنگەن مۇقەددەس مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىدۇ.

  خەلق سارىيىنىڭ 10 مىڭ كىشىلىك چوڭ زالىدا كەيپىيات داغدۇغىلىق، قىزغىن ئىدى، رەئىس سەھنىسىدىكى پەردىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىدا دۆلەت گېربى قىپقىزىل بايراقلار ئارىسىدا چاقناپ تۇراتتى.

  يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى، ئىجرائىيە رەئىسى لى جەنشۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىرى، ئىجرائىيە رەئىسلىرىدىن ۋاڭ چېن، ساۋ جيەنمىڭ، جاڭ چۇنشيەن، شېن يۆيۆ، جى بىڭشۈەن، ئەركىن ئىمىرباقى، ۋەن ئېشياڭ، چېن جۇ، ۋاڭ دۇڭمىڭ، بەيماچىلىن، دىڭ جۇڭلى، خاۋ مىڭجىن، سەي دافېڭ، ۋۇ ۋېيخۇا، ياڭ جېنۋۇ رەئىس سەھنىسىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسلىرى ئورنىدىن ئورۇن ئالدى.

  شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن ۋە يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئەزالىرى رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.

  13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 - يىغىنىغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ۋەكىل 2951 كىشى. 3 - ئاينىڭ 5 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇنقى يىغىنغا قاتناشقانلار 2790 كىشى، قاتنىشالمىغانلار 161 كىشى، قاتناشقانلارنىڭ سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

  چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9دا، لى جەنشۇ: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 - يىغىنى ئېچىلدى، دەپ جاكارلىدى. يىغىن مەيدانىدىكى ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، دۆلەت شېئىرىنى ئۈنلۈك ئوقۇدى.

  يىغىن قارالمىسىغا ئاساسەن، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن يىغىنغا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەردى. دوكلات جەمئىي ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنگەن: بىرىنچى، 2021 - يىل ئىشلەنگەن خىزمەتلەرگە نەزەر؛ ئىككىنچى، 2022 - يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ۋە سىياسەت يۆنىلىشى؛ ئۈچىنچى، 2022 - يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىدىكى ۋەزىپىلەر.

  لى كېچياڭ دوكلاتتا مۇنداق كۆرسەتتى: ئۆتكەن بىر يىل پارتىيەمىز ۋە دۆلىتىمىز تارىخىدا ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بىر يىل بولدى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلەپ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنى غەلىبىلىك چاقىرىپ، پارتىيەنىڭ 3 - تارىخىي قارارىنى تۈزۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قەرەلىدە قولغا كەلتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتنى قەرەلىدە قۇرۇپ چىقىپ، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلىدى. بىر يىلدىن بۇيان، مۇرەككەپ، كەسكىن ئىچكى - تاشقى ۋەزىيەت، كۆپلىگەن خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسلار ئالدىدا، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، پۈتۈن يىللىق ئاساسلىق نىشان - ۋەزىپىلەرنى بىرقەدەر ياخشى ئورۇنداپ، «14 - بەش يىل»نى ياخشى باشلاپ، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىدا يەنە يېڭى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردۇق.

  لى كېچياڭ دوكلاتتا مۇنداق كۆرسەتتى: بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش»، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» خىزمىتىنى پۇختا ئىشلەپ، ماكرو سىياسەتنى دەۋرىيلىك ھالقىپ تەڭشەش ۋە تەتۈر دەۋرىيلىك تەڭشەشكە ئېتىبار بېرىپ، تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسلارغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، ئاساسلىقى تۆۋەندىكى خىزمەتلەرنى ئىشلىدۇق: بىرىنچى، ماكرو سىياسەتنىڭ ئىزچىللىقى ۋە قاراتمىلىقىنى ساقلاپ، ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشىنىڭ مۇۋاپىق دائىرىدە بولۇشىغا تۈرتكە بولدۇق؛ ئىككىنچى، كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىش سىياسىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىش ئاساسىنى مۇستەھكەملىدۇق؛ ئۈچىنچى، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى سىجىل ياخشىلىدۇق؛ تۆتىنچى، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يېتەكلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنى مۇقىملاشتۇردۇق؛ بەشىنچى، شەھەر - يېزا، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ جايلىشىشىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇردۇق؛ ئالتىنچى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈردۇق؛ يەتتىنچى، خەلق تۇرمۇشىنى كۈچەپ كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلەتتۇق؛ سەككىزىنچى، قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشى ۋە ئىدارە قىلىشتا يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلىدۇق.

  لى كېچياڭ دوكلاتتا مۇنداق كۆرسەتتى: نەتىجىلەرنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆزىمىز دۇچ كەلگەن مەسىلە ۋە خىرىسلارنىمۇ سەگەكلىك بىلەن كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز. كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، مەسىلىگە، خىرىسقا بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى ھەرگىز يەردە قويماسلىقىمىز كېرەك.

  لى كېچياڭ دوكلاتتا مۇنداق كۆرسەتتى: 2022 - يىللىق تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق كۆزلىمە نىشانى: ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى %5.5 ئەتراپىدا ئاشۇرۇش؛ شەھەر - بازارلاردا 11 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، شەھەر - بازارلاردا ئېنىقلانغان ئىشسىزلىق نىسبىتىنى پۈتۈن بىر يىلدا %5.5 ئىچىدە تىزگىنلەش؛ ئاھالە ئىستېمال باھاسىنىڭ ئېشىش ھەجىمى %3 ئەتراپىدا بولۇش؛ ئاھالە كىرىمى بىلەن ئىقتىسادنى ئاساسىي جەھەتتىن ماس قەدەمدە ئاشۇرۇش؛ ئىمپورت - ئېكسپورتنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، خەلقئارا كىرىم - چىقىمنى ئاساسىي جەھەتتىن تەڭپۇڭلاشتۇرۇش؛ ئاشلىق مەھسۇلاتىدا 1 تىرىليون 300 مىليارد جىڭدىن يۇقىرى سەۋىيەنى ساقلاش؛ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ سۈپىتىنى سىجىل ياخشىلاپ، ئاساسلىق بۇلغىما چىقىرىش مىقدارىنى داۋاملىق تۆۋەنلىتىش؛ ئېنېرگىيە سەرپىياتى سىجىللىقى نىشانىنى «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان مەزگىلى ئىچىدە بىرتۇتاش سىناش ھەمدە مۇۋاپىق ئېلاستىكلىققا ئىمكانىيەت قالدۇرۇش، يېڭىدىن كۆپەيگەن ھاسىلىي ئېنېرگىيە ۋە خام ئەشيا ئىشلىتىش ئىقتىدارىنى ئېنېرگىيە ئىستېمالى ئومۇمىي مىقدارىنى كونترول قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزمەسلىك.

  لى كېچياڭ دوكلاتتا مۇنداق كۆرسەتتى: 2022 - يىلى تۆۋەندىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەش كېرەك: ماكرو ئىقتىسادتىن ئىبارەت چوڭ دائىرىنى كۈچەپ مۇقىملاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ مۇۋاپىق دائىرىدە يۈرۈشۈشىنى ساقلاش؛ بازار ئاساسىي گەۋدىسىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كاپالەتلەندۈرۈشكە كۈچەپ، ماكرو سىياسەتنى يولغا قويۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇش؛ ئىسلاھاتنى قەتئىي تەۋرەنمەي چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە تەرەققىياتنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى تېخىمۇ زور دەرىجىدە ئۇرغۇتۇش؛ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ ئاساسىنى مۇستەھكەملەش ۋە زورايتىش؛ ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى قەتئىي يولغا قويۇپ، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتى ۋە يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش؛ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى زور كۈچ بىلەن ياخشى تۇتۇپ، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، تاشقى سودا ۋە تاشقى مەبلەغنىڭ تەكشى، مۇقىم تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش؛ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى سىجىل ياخشىلاپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش؛ خەلق تۇرمۇشىنى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىش.

  دوكلاتتا، لى كېچياڭ يەنە ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، مىللەت، دىن ۋە چياۋمىنلار ئىشلىرى خىزمىتى، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشى، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتى، ھەمدە دۆلىتىمىزنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتى قاتارلىقلارنى بايان قىلدى.

  يىغىن قارالمىسىغا ئاساسەن، يىغىندا گوۋۇيۈەننىڭ 2021 - يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى بىلەن 2022 - يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلات ھەم 2022 - يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى لايىھەسى، گوۋۇيۈەننىڭ 2021 - يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوتىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى بىلەن 2022 - يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوت لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلات ھەم 2022 - يىللىق مەركەز ۋە يەرلىكنىڭ خامچوت لايىھەسى تەكشۈرۈلىدۇ.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ چېن ئايرىم - ئايرىم ھالدا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تەشكىلىي قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى توغرىسىدا ئىزاھات، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ سانى ۋە سايلام مەسىلىسىگە ئائىت قارار لايىھەسى توغرىسىدا ئىزاھات، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلاش چارىسى لايىھەسى توغرىسىدا ئىزاھات، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلاش چارىسى لايىھەسى توغرىسىدا ئىزاھات بەردى.

  يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تەشكىلىي قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى توغرىسىدىكى ئىزاھاتتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تەشكىلىي قانۇنى − يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى، يەرلىك ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ تەشكىلىي ۋە خىزمەت تۈزۈمى توغرىسىدىكى تۈپ قانۇن، ئاساسىي قانۇندىكى يەرلىك ھاكىمىيەت قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەرنىڭ قانۇن چىقىرىپ يولغا قويۇلۇشى، يەرلىك ھەر دەرىجىلىك دۆلەت ھاكىمىيەت ئورگانلىرى، مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشى، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىنىڭ مۇھىم تۈزۈم كاپالىتى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دۆلەت ھاكىمىيەت ئورگانلىرىنىڭ خىزمىتى ۋە قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بىر قاتار مۇھىم، زور ئورۇنلاشتۇرمىلارنى قىلدى، بىر قاتار مۇھىم، زور خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتتى، بىر قاتار مۇھىم، زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە مەركەز خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ئەمەلىي تەجرىبىلەرنى ئەستايىدىل يەكۈنلەش ئاساسىدا، يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تەشكىلىي قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ مۇكەممەللەشتۈرۈش زۆرۈر. لايىھە جەمئىي 48 ماددا بولۇپ، ئاساسلىق تۈزىتىش كىرگۈزۈلىدىغان مەزمۇنلار تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: «ئومۇمىي پىرىنسىپ»تىن ئىبارەت بىر باب مەزمۇننى تولۇقلاش؛ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ھەم ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ تەشكىلى، خىزمەت ھوقۇقى قاتارلىقلارغا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تەشكىلى، خىزمەت ھوقۇقى قاتارلىقلارغا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ رېۋىزىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشىپ، ئالاقىدار مەزمۇنلارنى كۆپەيتىش؛ رايونلار تەرەققىياتى ھەمكارلىق مېخانىزمىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش؛ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش قاتارلىق مەزمۇنلارنى تولۇقلاش ھەم ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش.

  14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ سانى ۋە سايلام مەسىلىسىگە ئائىت قارار لايىھەسى توغرىسىدا ئىزاھاتتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئاساسىي قانۇن ۋە ئالاقىدار قانۇنلاردىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى 2023 - يىلى 3 - ئايدا توشىدۇ، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى 2023 - يىلى 1 - ئايدا سايلاپ چىقىلىدۇ. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى بىر چوڭ ئىش بولۇپ، پارتىيەنىڭ ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى مۇستەھكەملەش، دۆلەتنىڭ ھاكىمىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇش، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئاساسىي قانۇن، سايلام قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە، ھەرقايسى ئالاقىدار تەرەپلەردىن كەڭ دائىرىدە پىكىر ئېلىش ئاساسىدا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 - يىغىنىنىڭ 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ سانى ۋە سايلام مەسىلىسىگە ئائىت قارار لايىھەسىنى تۈزۈپ، 2021 - يىلى 12 - ئايدا 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 32 - قېتىملىق يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنغان، يىغىندا 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 - يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىنغان.

  شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلاش چارىسى لايىھەسى توغرىسىدا ئىزاھات ۋە ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلاش چارىسى لايىھەسى توغرىسىدا ئىزاھاتتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: سايلام قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا سايلىنىدىغان ۋەكىل سانى ۋە ۋەكىللەرنى بارلىققا كەلتۈرۈش چارىسىنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئايرىم بەلگىلەيدۇ. شۇڭا، بۇ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى توشۇشتىن ئىلگىرى، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلاش چارىسىنى تۈزۈشكە توغرا كېلىدۇ. ئالاقىدار خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇن خىزمىتى كومىتېتى، شياڭگاڭ - ئاۋمېننىڭ نېگىزلىك قانۇن كومىتېتى مەركەزدىكى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلاش چارىسى لايىھەسىنى مۇزاكىرە قىلىپ تەييارلىدى ھەم شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرىدىن، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرىدىن، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ۋە ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ۋە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىدىن پىكىر ئالدى.

  رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالغانلاردىن يەنە دىڭ شۆشياڭ، ليۇ خې، شۈ چىلياڭ، سۈن چۇنلەن، لى شى، لى چياڭ، لى خۇڭجۇڭ، ياڭ جيېچى، ياڭ شياۋدۇ، جاڭ يوۋشيا، چېن شى، چېن چۈەنگو، چېن مىنئېر، خۇ چۇنخۇا، گو شېڭكۇن، خۇاڭ كۇنمىڭ، سەي چى، يوۋ چۈەن، ۋېي فېڭخې، ۋاڭ يۇڭ، ۋاڭ يى، شياۋ جيې، جاۋ كېجى، جوۋ چياڭ، جاڭ جۈن، جاڭ چىڭلى، ليۇ چىباۋ، پابالا گېلىلاڭجيې، ۋەن گاڭ، خې خوۋخۇا، لۇ جەنگۇڭ، ما بياۋ، چېن شياۋگۇاڭ، لياڭ جېنيىڭ، شيا باۋلۇڭ، لى بىن، باتېر، ۋاڭ يۇڭچىڭ، خې لىفېڭ، سۇ خۇي، جېڭ جيەنباڭ، گۇ شېڭزۇ، ليۇ شىنچېڭ، خې ۋېي، شاۋ خۇڭ، گاۋ يۈنلۇڭ ھەم مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرىدىن لى زوچېڭ، مياۋ خۇا، جاڭ شېڭمىن قاتارلىقلار بار.

  ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى خې يىچېڭ يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى ھەم رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 5 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

  مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلار، ئازادلىق ئارمىيەدىكى ئالاقىدار ئورۇنلار، ھەرقايسى خەلق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى ياكى يىغىننى سىرتتىن قاتنىشىپ ئاڭلىدى.

  چەت ئەللەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى يىغىننى سىرتتىن قاتنىشىپ ئاڭلىدى.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ