مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىككى يىغىندا «ئۆمەك، گۇرۇپپا»لارغا چۈشتى (ئىككى يىغىن نەق مەيدانىنى كۆزىتىش)

2022.03.08 09:02 مەنبە: خەلق تورى

  ۋاقىت: 3-ئاينىڭ 6-كۈنى چۈشتىن كېيىن

  كۈنتەرتىپ: باش شۇجى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش يىغىنىغا قاتناشقان يېزا ئىگىلىك ساھەسى، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ساھەسىدىكى ئەزالارنى يوقلىدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 7-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  «جۇڭگونى بېقىشتا ئۆزىمىزگە تايىنىشىمىز كېرەك»

  «سىز قانداق بولۇپ بۇ توپنىڭ باشلىقى بولدىڭىز؟» __ باش شۇجى شى جىنپىڭ كۈلۈپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ ئۇدۇلىدا ئولتۇرغان ئەزا ۋاڭ جىڭدىن سورىدى.

  ۋاڭ جىڭ جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ تەتقىقاتچىسى، شۇنداقلا مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ «يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش كىتاب ئوقۇش توپى»نىڭ توپ باشلىقى.

  ئۇ ئۈنلۈك ئاۋازدا جاۋاب بېرىپ: «ئامما تەۋسىيە قىلغان، چۈنكى ئاكتىپ بولغاچقا» دېدى.

  توپتا دائىم «ئاشلىق» تېمىسىدا پاراڭ بولىدۇ. بۇ قېتىم ئۇنىڭ سۆز تېمىسى يەنىلا «ئاشلىق» بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولدى: «يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى ئۇل تېشىنى مۇستەھكەملەش زۆرۈر».

  باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاڭلىغاچ خاتىرىلىدى.

  يېزا ئىگىلىكى دۆلەتنىڭ ئاساسى، ئاساس پۇختا بولسا، دۆلەت ئامان بولىدۇ. باش شۇجى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان «ئاشلىق بىخەتەرلىكىدە قىلچە بوشاڭلىق قىلىشقا بولمايدۇ» دەپ دائىم تاپىلىدى، ئاگاھلاندۇردى.

  بىر گۇرۇپپا سانلىق مەلۇماتقا قاراپ باقايلى: جاپالىق تىرىشىش ئارقىلىق، دۆلىتىمىز دۇنيا تېرىلغۇ يېرىنىڭ %9ىنى، تاتلىق سۇ بايلىقىنىڭ %6 ىنى ئىگىلەيدىغان بولسىمۇ، دۇنيادىكى 5/1 كە يېقىن نوپۇسنى بېقىپ، ئەينى يىللىرى 400 مىليون ئادەمنىڭ قورسىقى تويمىغان ھالەتتىن، بۈگۈنكى 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنىڭ تامىقى ياخشى بولۇپ، «جۇڭگونى كىم باقىدۇ» دېگەن مەسىلىگە كۈچلۈك جاۋاب بەردى.

  «جۇڭگونى كىم باقىدۇ؟ جۇڭگو ئۆز كۈچىگە تايىنىپ، ئۆزىنى ئۆزى بېقىشى كېرەك!» باش شۇجىنىڭ تەلەپپۇزى جاراڭلىق بولدى.

  تىنچ شارائىتتا خەۋپ-خەتەرنى ئويلاش لازىم. ئاشلىق بىخەتەرلىكى دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ چوڭ ھېساباتىغا، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىستراتېگىيەدۇر.

  «ئاشلىق بىخەتەرلىكى ‹دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى›، تاماق يېيىش ئەڭ مۇھىم ئىشتۇر، خەلق ئۈچۈن ئاشلىق ھەممىدىن مۇھىم.» باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: «ئاشلىقنىڭ كۆپ-ئاز بولۇشى تاكتىكا مەسىلىسى؛ ئاشلىق بىخەتەرلىكى بولسا ئىستراتېگىيە مەسىلىسى. دۆلىتىمىزنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى، كىشىلەر قەلبىنى خاتىرجەم قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرالىشىدىكى مۇھىم بىر سەۋەب شۇكى، قولىمىزدا ئاشلىق بار، كۆڭلىمىز خاتىرجەم.»

  كەڭ ئاشلىق ئېتىزىغا نەزەر سالساق، بەزى ھادىسىلەر ئادەمنىڭ ئىچىنى ئېچىشتۇرىدۇ. بۇ ئىشلارنى باش شۇجى كۆڭلىدە ساقلىدى. بۇ قېتىم بىر-بىرلەپ رەتلەپ چىققاندا، ئۇنىڭ چىرايى سالماق بولدى.

  «بۇ مەسئۇلىيەتنى چوقۇم ئۈستىگە ئېلىش كېرەك.» بۇ سۆزنىڭ مەنىسى: «پۇل تېپىش بىلەنلا بولۇپ كېتىپ، كۆكتات، ئاشلىقنىڭ مەسئۇلىيىتىنى پۈتۈنلەي بازارغا ئىتتىرىپ قويۇشقا بولمايدۇ» دېگەنلىك ئىدى. باش شۇجى سانائەتلەشتۈرۈشنى ئاشلىقسىزلاشتۇرۇشقا ئايلاندۇرۇپ قويۇشقا ھەرگىز بولمايدۇ، دەپ ئېنىق ئاگاھلاندۇردى!

  «چوقۇم ئۆز-ئۆزىگە خوجا بولۇشنى ساقلاش، كونترول قىلغىلى بولىدىغان ئۆزىنى تەمىنلەش مىقدارى، ئۆزىنى تەمىنلەش نىسبىتىگە كاپالەتلىك قىلىش لازىم.» بەزىلەر، خەلقئارادا مال مەنبەسى يېتەرلىك، تېرىغاندىن كۆرە سېتىۋالغان ياخشى، دېيىشىدۇ. دېمەككە ناھايىتى جايىدا دېيىلگەن گەپ. يەرگە ھازىر سېرىق پۇرچاق، قوناق، كېۋەز تېرىماي، ۋاقتى كەلگەندە خەلقئارا بازار ياخشى بولمىسا، ئۇ چاغدا تېرىيمىز دېسەك، دېمەككە ئاسان، قىلىش ئاسان ئەمەس! تۆت بەش يىل ۋاقىت سەرپ قىلغاندا، ئاندىن ئايلاندۇرۇپ كەلگىلى بولۇشى مۇمكىن.

  جاراڭلىق سادالار غەپلەتتىن ئويغاتتى!

  «بەزى جايلار تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلەش بىلەن تولۇقلاشنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشتا ساختىپەزلىك قىلىپ، ‹مولۇننى شاھزادىگە ئالماشتۇرۇش› ئويۇنى ئوينىدى؛ بەزى جايلار ئۆزلىرىدە كۆكەرتىشتىن ئىبارەت «خاننىڭ شەمشىرى» بار دەپ قاراپ، كۆل بولمىسا مۇنبەت ئېتىزلارنى ئىگىلەپ كۆل كولىدى؛ بەزىلەر 1 مىليارد 800 مىليون مودىن ئىبارەت ئۇنچە جىق تېرىلغۇ يەرنىڭ ھاجىتى يوق، پەن-تېخنىكا سەۋىيەسىنى ئۆستۈرسەكلا بولدى، دەپ قارىدى. «بۇ چوڭ گەپ قىلغانلىق! ئازراقمۇ ئالدىن قالدۇرۇلمىسا قانداق بولىدۇ؟ چوقۇم ئىنتايىن چوڭ بىخەتەرلىك كوئېففىتسېنتى بولۇشى كېرەك. بۇ دېگەن ‹دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى›! ‹چىش چىقىدىغان› قاتتىق تەدبىر قوللىنىش كېرەك»...

  1 مىليارد 800 مىليون مو تېرىلغۇ يەر قىزىل سىزىقتۇر، ئىستراتېگىيەلىك تۆۋەن چەكتۇر، دۆلەتنىڭ جان تومۇرىغا مۇناسىۋەتلىك بىخەتەرلىك سىزىقىدۇر.

  تېرىلغۇ يەرنى قوغداش تىلغا ئېلىنغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ تەلەپپۇزىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «تېرىلغۇ يەر ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنىڭ جان تومۇرى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەڭگۈلۈك تەرەققىياتىنىڭ ئاساسى. ئۇ يەردە ئازراق، بۇ يەردە ئازراقتىن ئىسراپ قىلغىلى تۇرساق، 1 مىليارد 800 مىليون مو تېرىلغۇ يەرنىڭ قىزىل سىزىقىنى قانداقمۇ ساقلاپ قالغىلى بولسۇن، 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنىڭ تاماق قاچىسىنى قانداقمۇ چىڭ تۇتقىلى بولسۇن؟» «ئېتىزنىڭ ئۆزى ئېتىز، ئېتىزنىڭ ئۆزى مۇنبەت ئېتىز بولۇشى شەرت. ھەرقانداق ئادەمنىڭ تېرىلغۇ يەرنى قوغداش جەھەتتە ھۈنەر ئىشلىتىشىگە، ساختىپەزلىك قىلىشىغا، ئىسراپچىلىق قىلىشىغا ھەرگىز يول قويۇلمايدۇ.»

  شىمالىي شەنشى ئېگىزلىكىدىكى يېزىدىن چىققان بولغاچقا، بۈگۈنكى كۈننىڭ ئاسان قولغا كەلمىگەنلىكىنى تېخىمۇ چوڭقۇر بىلگەن باش شۇجى جاپا-مۇشەققەت ۋە تاتلىق ئەسلىمىلەرنى ئەسلەپ، ئىلگىرىكى بەلنى چىڭ باغلايدىغان جاپالىق كۈنلەرنى تەسىرلىك ئەسلىدى. «بىزگە ئوخشاش چوڭ دۆلەت چوقۇم ئۆزىگە تايىنىشى كېرەك. قىيىنچىلىقتا قالغاندا ئاندىن «قوش ئايلىنىش»نى يولغا قويساق بولمايدۇ، ئادەتتىكى چاغلاردىمۇ «قوش ئايلىنىش» ئەڭ مۇقىم، ئەڭ ئىشەنچلىك ئىقتىسادىي ئورۇنلاشتۇرۇش ھېسابلىنىدۇ. بىزدە چوقۇم تۆۋەن چەك تەپەككۇرى بولۇشى لازىم، بىخەتەرلىكتە خەتەرنى ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەك. خەۋپ ئېڭى بارلار روناق تاپار، خەۋپ ئېڭى يوقلار ھالاك بولار.»

  «ئاممىنىڭ ھەربىر كىچىك ئىشىمۇ بىزنىڭ يۈرەك تارىمىزنى چېكىدۇ»

  يول — تىك يارلىق كەنتلەردىكى يۇرتداشلارغا نىسبەتەن مۆجىزە، ئۈمىدتۇر.

  سىچۈەن ئۆلكىلىك خەلق ئىشلىرى نازارىتىدىن كەلگەن ئەزا يىشى داۋا تىك يارلىق كەنت ھەققىدە يېڭى خەۋەر ئېلىپ كەلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۇ قولىغا ئالغان ئىككى پارچە سۈرەتنى تەپسىلىي كۆردى. بىر پارچە سۈرەت بۇرۇنقى كۈنلەردىكى تىك قىيا ئۈستىدە لىڭشىپ قالغان پەلەك شوتىسى ئىدى؛ يەنە بىر سۈرەتتە، بۈگۈنكى كۈندىكى پولات شوتا بۇلۇتقا تاقىشىپ تۇراتتى، يۇرتداشلار خاتىرجەم، مۇقىم مېڭىۋاتقان ئىدى.

  «يۇرتداشلارنىڭ ھەممىسى چۈشكەندۇ؟ بالىلار مەكتەپتە ئوقۇشتا، ياشانغانلار كېسەل كۆرسىتىشتە ھەممىسى تاغدىن چۈشۈپ تۇرىدىغاندۇ؟»

  يىشى داۋا يۇقىرى ئاۋازدا جاۋاب بېرىپ: بىر قىسمىنى يۆتكىدۇق، بىر قىسمىنى قالدۇردۇق. كەنتتە ساياھەتچىلىك تەرەققىي قىلىپ، كۈنلەر بارغانسېرى ياخشىلاندى، دېدى.

  قىسقىغىنە بىر نەچچە يىل، ئون نەچچە يىلدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى.

  2017-يىلى مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن»دا، باش شۇجى شى جىنپىڭ تىك يارلىق كەنتلەرگە ئالاقىدار ئاخبارات خەۋەرلىرى ئۈستىدە توختالغاندا، «كەنت ئاھالىلىرىنىڭ سەپەرگە چىقىش ھالىتىنى كۆرۈپ، ناھايىتى بىئارام بولدۇم» دېگەن بۇ سۆزلىرى ئېگىز تاغ ۋە جىلغىلارغا تارقالدى.

  يول بىر ئىخچام كۆرۈنۈش بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش دەۋر ئۆزگىرىشىنىڭ روشەن ئىزى ئىدى.

  يىشى داۋا ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «يىزۇ قېرىنداشلار ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناشتى، ‹كومپارتىيە ۋاجىۋا، باش شۇجى شى جىنپىڭ كاشاشا!›

  دالياڭشەن تېغىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، يۇرتداشلار ناخشا ئېيتىپ، باش شۇجىنى ئۇزىتىپ قويدى. ئۆتكەن ئىشلار ھەربىر كىشىنىڭ كۆز ئالدىدا ئىدى.

  «قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشىمىز، ئالاھىدە غەمخورلۇق قىلىشىمىز، ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشىمىز، ئۇلارنى غەم-ئەندىشىدىن خالاس قىلىشىمىز كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ مۇنداق دېدى: «نامراتلىق سوتسىيالىزم ئەمەس، نامراتلىقتىكى تەڭ تەقسىماتچىلىق سوتسىيالىزم ئەمەس، باي ئەمما تەكشى بولماسلىق، ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈنۈشمۇ سوتسىيالىزم ئەمەس. ئورتاق بېيىغاندا ئاندىن سوتسىيالىزم ھېسابلىنىدۇ.»

  بىر ئەزا ئورتاق بېيىش تېمىسىدىكى يېزا ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلۇشى مەسىلىسى ئۈستىدە توختالغاندا، «ئورتاق بېيىشتا ماددىي جەھەتتىنمۇ، مەنىۋى جەھەتتىنمۇ بېيىش تەلەپ قىلىنىدۇ» دېدى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ باش لىڭشىتىپ ماختىدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىلا كۆزلەشكە بولمايدۇ، يەنە يېزا ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى كۈچەيتىش، يەنە مەدەنىي يېزا ئىستىلى، ياخشى ئائىلە ئىستىلى، ساددا خەلق ئىستىلىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.

  باش شۇجى تەنتەنىلىك ھالدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «بۇ ئىشلارنى چوقۇم دائىملاشتۇرۇش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىدا كىچىك ئىش يوق. ئاممىنىڭ ھەربىر كىچىك ئىشىمۇ بىزنىڭ يۈرەك تارىمىزنى چېكىدۇ.»

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ