بېيجىڭ 2022 - يىللىق قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى داغدۇغىلىق باشلاندى

2022.03.06 08:48 مەنبە: خەلق تورى

  ​شى جىنپىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم بېيجىڭ قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى

  ​لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن، خەلقئارا مېيىپلەر ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى پارسونس قاتناشتى

  3 - ئاينىڭ 4 - كۈنى كەچتە، بېيجىڭ 2022 - يىللىق قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى دۆلەت تەنتەربىيە مەيدانىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم بېيجىڭ 2022 - يىللىق قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يۆ يۆۋېي فوتوسى

  3 - ئاينىڭ 4 - كۈنى كەچتە، بېيجىڭ 2022 - يىللىق قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى دۆلەت تەنتەربىيە مەيدانىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى

  ھاياتلىقتىكى قالتىسلىقنى جۇلالاندۇرۇش، توختىماي ئۆزىنى كۈچەيتىشكە مەدھىيە ئوقۇش. بېيجىڭ 2022 - يىللىق قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى 3 - ئاينىڭ 4 - كۈنى كەچتە دۆلەت تەنتەربىيە مەيدانىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم بېيجىڭ قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى.

  لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى، خەلقئارا مېيىپلەر ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى پارسونس باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  مېيىپلەر پۈتۈن يەر شارى ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ تەخمىنەن %15ىنى ئىگىلەيدۇ، ئۇلار مەنپەئەتداش ۋە تەقدىرداش ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. بېيجىڭ 2022 - يىللىق قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بېيجىڭ 2008 - يىللىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىن كېيىن جۇڭگو ئۆتكۈزگەن يەنە بىر قېتىملىق يەر شارىۋى مېيىپلەر تەنھەرىكەت كاتتا مەرىكىسى.

  دۆلەت تەنتەربىيە مەيدانىدا رەڭگارەڭ چىراغلار كۆزنى قاماشتۇراتتى، رەڭگارەڭ نۇرلار چاقناپ تۇراتتى. سائەت 19دىن 57 مىنۇت ئۆتكەندە، بېيجىڭ قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇسابىقە بەلگىسى تەنتەربىيە مەيدانىنىڭ مەركىزىدىكى غايەت زور يەر ئېكراندا نامايان بولدى. «تىنچلىق − تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى» ناملىق مۇزىكا ساداسى ئىچىدە شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن پارسونس قاتارلىقلار بىلەن بىللە رەئىس سەھنىسىگە چىقىپ، تاماشىبىنلارغا قول ئىشارىسى قىلىپ ئېھتىرام بىلدۈردى. پۈتۈن مەيداندا ئۇزاققىچە قىزغىن ئالقىش ۋە تەنتەنە ساداسى ياڭرىدى.

  مەيدان مەركىزىدە، پارلاپ تۇرغان يۇلتۇزلار ئارىسىدا، 12 نۆۋەتلىك قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن شەھەرلەر نامى نامايان بولۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا «2022 بېيجىڭ»دا توختىدى. قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئالتە چوڭ مۇسابىقە تۈرىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان تەنھەرىكەتچىلەر قار يولىدىن ئۇچقاندەك تېيىلىپ چۈشۈپ، مەيدانغا كىردى. مەيدان مەركىزىدە بىر مۇز چەينەك مۇسابىقە يولى پەيدا بولۇپ، مۇز چەينەكنىڭ سىيرىلىپ چىقىشىغا ئەگىشىپ، تەتۈر ساناق رەقىمى مەيدان ئىچىدە چاقنىدى: 10، 9، 8، 7، 6، 5، 4، 3، 2، 1 ... پۈتۈن مەيداندىكىلەر تەنتەنە قىلىشتى.

  دىكتور تاماشىبىنلارغا جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ، خەلقئارا مېيىپلەر ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى پارسونسنى تونۇشتۇردى، شى جىنپىڭ بىلەن پارسونس كۆپچىلىككە قول ئىشارىسى قىلىپ ئېھتىرام بىلدۈردى، پۈتۈن مەيداندا يەنە بىر قېتىم قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

  مېيىپلەر خور ئۆمىكى ئورۇنلىغان «مەن ۋە مېنىڭ ۋەتىنىم» ناملىق چوڭقۇر ھېسسىياتلىق ناخشا ساداسى ئىچىدە، سەككىز نەپەر جۇڭگولۇق مېيىپ تەنھەرىكەتچى ۋە مېيىپلەر ئىشلىرى ئۈچۈن تۆھپە قوشقان زاتلار ۋەكىلى بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنى مۇھاپىزەت قىلىپ، تەنتەربىيە مەيدانىدىكى بايراق چىقىرىش رايونىغا كەلدى. سائەت 20دىن 8 مىنۇت ئۆتكەندە، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە، بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق ئاستا - ئاستا كۆتۈرۈلدى.

  بېيجىڭ قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تۆت سەبىي ۋە ئوماق قۇت بەلگىسى «شۆرۇڭرۇڭ»نىڭ مەيداننىڭ مەركىزىگە تېيىلىپ كىرىشى بىلەن، تەنھەرىكەتچىلەر مەيدانغا كىرىش مۇراسىمى باشلاندى. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تەنھەرىكەتچىلەر ۋەكىللىرى كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن تەنتەربىيە مەيدانىغا كىردى. نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلار قىزغىن ئالقىش ۋە تەنتەنە سادالىرى بىلەن ئۇلارنى قارشى ئالدى ۋە ئۇلارغا ھۆرمەت بىلدۈردى. بۇ نۆۋەتلىك قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە جەمئىي 46 دۆلەت (رايون)تىن كەلگەن ۋەكىللەر ئۆمىكى قاتناشتى. كەلگۈسى توققۇز كۈن ئىچىدە 600گە يېقىن مېيىپ تەنھەرىكەتچى ئالتە چوڭ تۈردىكى مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ.

  «ۋەتەننى كۈيلەيمىز» ناملىق ناخشىنىڭ مېلودىيەسىگە جور بولۇپ، ساھىبخانا جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەڭ ئاخىرىدا مەيدانغا كىردى. مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ دالىدا قار تېيىلىش ۋە قىشلىق ئىككى تۈر تەنھەرىكەتچىسى گو يۈجيې، مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇز توپ تەنھەرىكەتچىسى ۋاڭ جىدۇڭ قىپقىزىل بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنى كۆتۈرۈپ، سەپنىڭ ئەڭ ئالدىدا ماڭدى. بۇ نۆۋەتلىك قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكىدە جەمئىي 217 ئادەم بار، بۇنىڭ ئىچىدە تەنھەرىكەتچى 96 بولۇپ، بارلىق ئالتە چوڭ تۈر، 73 كىچىك تۈر بويىچە مۇسابىقىلىشىدۇ. بۇ، دۆلىتىمىز قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشقاندىن بۇيان، ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ كۆلىمى ئەڭ چوڭ، تەنھەرىكەتچىلەر سانى ئەڭ كۆپ، مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان تۈرلەر ئەڭ تولۇق بولغان بىر نۆۋەتلىك مۇسابىقە ھېسابلىنىدۇ.

  تەنھەرىكەتچىلەر مەيدانغا كىرىپ بولغاندىن كېيىن، چوڭ ئېكراندا خەلقئارا مېيىپلەر ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ «بىز بۇ %15 كىشىلەر» ناملىق قىسقا فىلىمى قويۇلۇپ، مېيىپلەرنىڭ ئىشەنچ ۋە ھاياتىي كۈچكە تولغان سالاپىتى نامايان قىلىنىپ، پۈتۈن يەر شارىدىكى 1 مىليارد 200 مىليون مېيىپكە بولغان كۆڭۈل بۆلۈش دەرىجىسى، سىغدۇرۇشچانلىق ۋە توسالغۇسىز بولۇش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش مۇراجىئەت قىلىندى.

  ئارقىدىن، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى سەي چى سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئۆزى تۈرتكە بولۇشى ۋە جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، بىز يېشىل، ھەمبەھرە، ئوچۇق، پاك بولۇشتىن ئىبارەت ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، خەلقئارا مېيىپلەر ئولىمپىك كومىتېتى قاتارلىق تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە كۈچ چىقىرىپ ھەمكارلىشىپ، بېيجىڭ قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق كۆرۈش خىزمىتىنى ئىنچىكىلىك بىلەن ياخشى ئىشلەپ، «ئىككى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئوخشاشلا قالتىس» بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز. مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئەزىمەتلىرىنىڭ قالتىس ئىپادىسىگە ئىنتىزارمىز، بىز مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكىتى ئېلىپ كەلگەن ماھارەت كۆرسىتىش گۈزەللىكى، مەنىۋى گۈزەللىك، ھاياتلىق گۈزەللىكىدىن بەھرىلىنەيلى. ئىشىنىمەنكى، بېيجىڭ قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى دۇنياغا ئىشەنچ، دوستلۇق ھەم ئۈمىد يەتكۈزۈپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش گۈزەل ئارزۇسىنى نامايان قىلىدۇ. بىز قول تۇتۇشۇپ بىرلىكتە كەلگۈسىگە ئاتلىنىپ، مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتەيلى.

  خەلقئارا مېيىپلەر ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى پارسونس سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: بېيجىڭ قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مەيدان - ساراي ئەسلىھەلىرى تولىمۇ ئۆزگىچە بېزىلىپتۇ، مۇسابىقە كاپالىتى پۇختا، ئىنچىكە بوپتۇ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىشلىنىپتۇ، جۇڭگو خەلقى قىزغىن، مېھماندوست بولۇپ، ئوخشاش بولمىغان دۆلەت (رايون) تەنھەرىكەتچىلىرىگە مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكىتىنىڭ سېھرىي كۈچىنى تولۇق نامايان قىلىدىغان سەھنە ھازىرلاپ بېرىپتۇ. جۇڭگو تەرەپنىڭ مېيىپلەرنى قىشلىق تەنھەرىكەتكە قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇش ۋە سەپەرۋەر قىلىش خىزمىتىنىڭ نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بوپتۇ.

  سائەت 21دىن 02 مىنۇت ئۆتكەندە، باشلىنىش مۇراسىمى كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان دەقىقىنى كۈتۈۋالدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ: بېيجىڭ 2022 - يىللىق قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى باشلاندى! دەپ جاكارلىدى، شۇ ھامان، قار ئۇچقۇنى شەكلىدىكى سۆسۈن رەڭلىك ساليۇتلار كېچە ئاسمىنىدا چاقناپ، ئولىمپىك باغچىسىنى ئالاھىدە گۈزەل تۈسكە كىرگۈزدى.

  ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى كەسىپلەردىن كەلگەن ۋەكىللەر مېيىپلىك بىلەن ساغلاملىق ئورتاق يۇغۇرۇلغان مېھىر - مۇھەببەت پەيتىنى ئورتاق نامايان قىلدى. سەككىز نەپەر بايراقچى خەلقئارا مېيىپلەر ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ مۇسابىقە بايرىقىنى كۆتۈرۈپ مەيدانغا كىردى. ئۇلار: جۇڭگو ئاياللار چاقلىق ئورۇندۇق ۋاسكېتبول دۆلەت كوماندىسىنىڭ تىرېنېرى چېن چى، ئەمالار قاپقا توپ مۇسابىقىسىنىڭ خەلقئارا دەرىجىلىك رېپىرى خاۋ گوخۇا، مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى پەي توپ تۈرىنىڭ ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكۈچىسى ليۇ يۈتۇڭ، مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئېتىش تۈرىنىڭ ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكۈچىسى ياۋ جۈەن، مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى سۇ ئۈزۈش تۈرىنىڭ ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكۈچىسى جاڭ لى، مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى چاقلىق ئورۇندۇق قىلىچۋازلىق تۈرىنىڭ ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكۈچىسى سۇن گاڭ، مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تىكتاك توپ تۈرىنىڭ ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكۈچىسى شۆ جۈەن، مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى چاقلىق ئورۇندۇق قىلىچۋازلىق تۈرىنىڭ ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكۈچىسى لى خاۋ. كۆرۈش قۇۋۋىتى مېيىپ ئوقۇغۇچىلاردىن تەشكىللەنگەن تۇرۇبىلىق چالغۇ ئوركېستىرى خەلقئارا مېيىپلەر ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ مۇسابىقە ناخشىسىنى ئورۇنلىدى. خەلقئارا مېيىپلەر ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ مۇسابىقە بايرىقى ئاستا - ئاستا كۆتۈرۈلۈپ، بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق بىلەن بىرلىكتە ئېگىز جەۋلان قىلدى.

  ئارقىدىن، جۇڭگو مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېگىز تاغدا قار تېيىلىش تەنھەرىكەتچىسى جاڭ مېڭچيۇ، چاقلىق ئورۇندۇق مۇز چەينەك تەنھەرىكەتچىسى چېن جيەنشىن مۇسابىقىگە قاتناشقان بارلىق تەنھەرىكەتچىلەرگە ۋاكالىتەن، جۇڭگو مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مۇز توپ تۈرىنىڭ رېپىرى جاڭ لىخېڭ بارلىق رېپىرلارغا ۋاكالىتەن، جۇڭگو چاقلىق ئورۇندۇق مۇز چەينەك تىرېنېرى يۆ چىڭشۇاڭ بارلىق تىرېنېرلار ھەم باشقۇرغۇچىلارغا ۋاكالىتەن ئايرىم - ئايرىم قەسەم بەردى.

  چوڭ ئېكراندا، «پورەكلەپ ئېچىلىش» ناملىق قىسقا فىلىم پۈتۈن مەيداندىكى تاماشىبىنلارنى جەلپ قىلدى. بىرنەچچە ئوماق ئەما بالا تەبەسسۇم جىلۋىلىنىپ تۇرغان چىراينى سىزىپ چىقتى. مەيداننىڭ مەركىزىدە خىلمۇخىل يارقىن رەڭلەر نامايان بولدى، بۇ، ئەما بالىلار قەلبىدىكى يورۇقلۇق ئارقىلىق سىزىپ چىققان گۈزەل كۆرۈنۈش ئىدى. «قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ۋالىس مۇزىكىسى»نىڭ مېلودىيەسىگە جور بولۇپ، ئاڭلاش سېزىمى توسالغۇغا ئۇچرىغان بىر توپ ئۇسسۇل ئارتىسلىرى بارماق تىلى ئوقۇتقۇچىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ساغلام ئۇسسۇل ئارتىسلىرى بىلەن زىچ ماسلىشىپ، لەرزان ئۇسسۇلغا چۈشۈپ، كىشىلەر ئارىسىدىكى دوستلۇق، ھاياتلىقنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى نامايان قىلدى.

  سائەت 21دىن 23 مىنۇت ئۆتكەندە، بېيجىڭ قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مەشئىلى يىغىن مەيدانىغا ئېلىپ كىرىلدى. بېيجىڭ قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ چوغى مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلانغان جايى بولغان ئەنگلىيە ماندېۋىل ۋە بېيجىڭ، يەنچىڭ، جاڭجياكوۋدىن ئىبارەت ئۈچ مۇسابىقە رايونىدىكى جەمئىي توققۇز جايدىكى چوغنى يىغىش ئارقىلىق ھاسىل قىلىنغان. 3 - ئاينىڭ 2 - كۈنىدىن 4 - كۈنىگىچە، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مەشئىلىنى يەتكۈزۈش بېيجىڭ، يەنچىڭ، جاڭجياكوۋدىن ئىبارەت ئۈچ مۇسابىقە رايونىدا ئېلىپ بېرىلدى. دۆلەت تەنتەربىيە مەيدانىدا پىڭچاڭ قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېگىز تاغدا قار تېيىلىش بويىچە ئاياللار ئولتۇرۇش قىياپىتى گۇرۇپپىسىنىڭ ماھىرى ليۇ سىتۇڭ، رىئودې ژانېيرو مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە توكيو مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ يېنىك ئاتلېتىكا تۈرىدە 5 ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكۈچى ۋېن شياۋيەن، توكيو مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ سۇ ئۈزۈش تۈرىدە 2 ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكۈچى ما جيا، توكيو مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ چاقلىق ئورۇندۇق ۋاسكېتبول تۈرىدە 2 - لىككە ئېرىشكۈچى جاڭ شۆمېي، رىئودې ژانېيرو مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە توكيو مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ يېنىك ئاتلېتىكا تۈرىدە 4 ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكۈچى ليۇ سۈيچىڭ، ئۇدا ئۈچ نۆۋەتلىك مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ قارىغا ئېتىش تۈرىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكۈچى دۇڭ چاۋ، ئۇدا ئۈچ نۆۋەتلىك مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئولتۇرۇش شەكلىدىكى ۋالىبول تۈرىدە مېدالغا ئېرىشكۈچى تاڭ شۆمېي قاتارلىق يەتتە نەپەر مەشئەل يەتكۈزگۈچى قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مەشئىلىنى بىر - بىرىگە يەتكۈزۈپ، كۈچ ئۇلاپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، پۈتۈن مەيداندىكى تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى.

  ھەممە كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتقان ئەڭ ئاخىرقى مەشئەل يەتكۈزگۈچى − ئافېنا مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە بېيجىڭ مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ يىراققا سەكرەش، ئۈچ ئاتلاپ يىراققا سەكرەش تۈرىدە چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن ھەم دۇنيا رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغان لى دۇەن قولىدىكى مەشئەلنى «چوڭ قار ئۇچقۇنى» شەكلىدىكى ئاساسىي مەشئەل مۇنارىنىڭ ئوتتۇرىسىغا كىرگۈزدى. بېيجىڭ قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئاساسىي مەشئىلىنى لايىھەلەش شەكلىدىن پايدىلىنىپ، يېشىل بولۇش، مۇھىت قوغداش ئىدىيەسىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلدى.

  رەڭگارەڭ ساليۇتلار بوشلۇققا كۆتۈرۈلدى، كىشىلەر قەلبىدىكى قايناق ھېسسىيات ئۇرغۇدى، تەنتەربىيە مەيدانى قاينام - تاشقىنلىققا چۆمدى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرى، دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارلىرى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى ھەمدە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرى باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  خەلقئارا مېيىپلەر ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ مەسئۇللىرى قاتارلىقلار باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ