مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنىڭ ئاددىي نۇسخىسى كەلدى!

2022.03.05 14:40 مەنبە: خەلق تورى

  3- ئاينىڭ 5- كۈنى زۇڭلى لى كېچياڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەردى، ئۇنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى تۆۋەندىكىچە :

  1. بۇلتۇرقى خىزمەتلەرگە نەزەر

  ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى %8.1 ئاشتى

  ئاھالىلەرنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى ئەمەلىيەتتە %8.1 ئاشتى

  شەھەر-بازارلاردا 12 مىليون 690 مىڭ ئادەم يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتى

  يېڭىدىن كۆپەيگەن كېمەيتىلگەن باج، تۆۋەنلىتىلگەن ھەق سوممىسى 1 تىرىليون يۈەندىن ئاشتى

  پۈتۈن مۇساپىلىق ۋاكسىنا ئەملەشنىڭ قاپلاش نىسبىتى %85 تىن ئاشتى

  2. بۇ يىلقى ئاساسلىق كۆزلىمە نىشان

  ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى %5.5 ئەتراپىدا ئاشۇرۇش

  شەھەر- بازارلاردا 11 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش

  ئاھالە ئىستېمال باھاسىنىڭ ئۆسۈش نىسبىتىنى %3 ئەتراپىدا ئاشۇرۇش

  ئاشلىق مەھسۇلات مىقدارى 1 تىرىليون 300 مىليارد جىڭدىن يۇقىرى بولۇشنى ساقلاپ قېلىش

  3. بۇ يىلقى قىسمەن نۇقتىلىق خىزمەتلەر

  مالىيە: بۇ يىل قىزىل رەقەم نىسبىتى %2.8 ئەتراپىدا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، مەركەزنىڭ جايلارغا قىلىدىغان يۆتكىمە چىقىمى تەخمىنەن 1 تىرىليون 500 مىليارد يۈەن كۆپىيىدۇ، كۆلىمى 9 تىرىليون 800 مىليارد يۈەنگە يېقىنلىشىدۇ

  ھۆكۈمەت سېلىنمىسى: بۇ يىل 3 تىرىليون 650 مىليارد يۈەن يەرلىك ھۆكۈمەت مەخسۇس زايومى ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ

  باج كېمەيتىش: مۆلچەرلىنىشىچە، پۈتۈن يىلدا 2 تىرىليون 500 مىليارد يۈەن باج كېمەيتىلىدۇ، قايتۇرۇلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە قايتۇرۇلىدىغان باج سوممىسى 1 تىرىليون 500 مىليارد يۈەنگە يېتىدۇ

  ئىشقا ئورۇنلىشىش: 100 مىليارد يۈەن ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى فوندى ئارقىلىق ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە تەربىيەلەشكە مەدەت بېرىلىدۇ

  ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى: «ئۆلكە ھالقىپ بىر تۇتاش بېجىرىش» دائىرىسى كېڭەيتىلىپ، ئېلېكتىرونلۇق كىنىشكا ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ

  ئىستېمال: يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ئىستېمالىنى داۋاملىق قوللاپ، يەرلىكنىڭ يېشىل، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش ۋە كونىنى يېڭىغا ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ

  يېڭىلىق يارىتىش: ئۇل تەتقىقاتنىڭ ئون يىللىق يىرىك پىلانىنى يولغا قويۇپ، پەن-تېخنىكا تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنىڭ ئۈچ يىللىق ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش لايىھەسى يولغا قويۇلىدۇ

  يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بويىچە رايونلارنىڭ خاس كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا مەدەت بېرىپ، يېزا - كەنت قۇرۇلۇشى ھەرىكىتى باشلىنىدۇ

  ئېچىۋېتىش: تېخىمۇ كۆپ دۆلەت ۋە رايونلار بىلەن يۇقىرى ئۆلچەملىك ئەركىن سودا كېلىشىمى ئىمزالاشقا تۈرتكە بولىدۇ

  مۇھىت ئاسراش: ئېنېرگىيە، سۇ تېجەش، كېرەكسىز، كونا ماددىي ئەشيالاردىن ئايلانما پايدىلىنىش قاتارلىق مۇھىت ئاسراش كەسىپلىرىنى قوللاش سىياسىتى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ

  مائارىپ: مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى يۈكنى يېنىكلىتىش خىزمىتى داۋاملىق ياخشى ئىشلىنىدۇ

  داۋالىنىش سۇغۇرتىسى: ئاھالىلەرنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە ئاساسىي جامائەت سەھىيە مۇلازىمىتى خىراجىتىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان مالىيە ياردەم پۇلى ئۆلچىمى ئايرىم-ئايرىم ھالدا يەنە 30 يۈەن ۋە بەش يۈەن ئۆستۈرۈلىدۇ

  ئىجتىمائىي كاپالەت: ئۈچ پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتىنىڭ يانداش تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئومۇم مەنپەئەتدارلىقى ھاۋالىلىك تەربىيەلەش مۇلازىمىتى راۋاجلاندۇرۇلىدۇتۇرالغۇ: يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىجارە بازىرى تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، كاپالەتلىك تۇرالغۇ قۇرۇلۇشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ

  مەدەنىيەت ۋە تەنتەربىيە: ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى تەنتەربىيە مەيدانى ئەسلىھەلىرى قۇرۇلىدۇ

  شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن: شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىشىنى قوللاپ، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچىلىك قىلمىشلىرىغا قەتئىي قارشى تۇرۇلىدۇ

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ