مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 5 - يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

2022.03.06 09:03 مەنبە: خەلق تورى

  شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن يىغىنغا كېلىپ تەبرىكلىدى

  ​ۋاڭ ياڭ سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلات بەردى جاڭ چىڭلى رىياسەتچىلىك قىلدى ليۇ شىنچېڭ تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالىدىن دوكلات بەردى

  3 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 5 - يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى، ۋاڭ ياڭ سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن يىغىنغا خىزمەت دوكلاتى بەردى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى

  3 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 5 - يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن يىغىنغا خىزمەت دوكلاتى بەردى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى راۋ ئەيمىن فوتوسى

  قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئۇلۇغ ئارزۇنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش، كۆتۈرەڭگۈ روھ، جاسارەت بىلەن دەۋر شانلىق سەھىپىسىنى يەنە پۈتۈپ چىقىش. جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 5 - يىغىنى 3 - ئاينىڭ 4 - كۈنى چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. 2000غا يېقىن مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى زىچ چۆرىدەپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى چوڭقۇر كېڭىشىپ، مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل، تولۇق ئادا قىلىپ، ئورتاق تونۇشنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ توپلايدۇ.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن جاڭ چىڭلى، ليۇ چىباۋ، پابالا گېليېلاڭجيې، ۋەن گاڭ، خې خوۋخۇا، لۇ جەنگۇڭ، ما بياۋ، چېن شياۋگۇاڭ، لياڭ جېنيىڭ، شيا باۋلۇڭ، لى بىن، باتېر، ۋاڭ يۇڭچىڭ، خې لىفېڭ، سۇ خۇي، جېڭ جيەنباڭ، گۇ شېڭزۇ، ليۇ شىنچېڭ، خې ۋېي، شاۋ خۇڭ، گاۋ يۈنلۇڭ رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىنقى رېتىدىن ئورۇن ئالدى.

  پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىقلار رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئېلىپ، يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 5 - يىغىنىغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ئەزا 2157 كىشى، ئەمەلىي قاتناشقىنى 1988 كىشى بولۇپ، بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

  چۈشتىن كېيىن سائەت 3تە، جاڭ چىڭلى يىغىننىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى، ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، دۆلەت شېئىرىنى ئوقۇدى.

  يىغىندا ئالدى بىلەن سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 5 - يىغىنىنىڭ قارالمىسى قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى.

  ۋاڭ ياڭ سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن يىغىنغا خىزمەت دوكلاتى بەردى.

  ۋاڭ ياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: 2021 - يىلى پارتىيە ۋە دۆلەت تارىخىدىكى ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بىر يىل بولدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك كومىتېتى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىتتىپاقلىق ۋە دېموكراتىيەدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ باش تېمىدا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ خاراكتېرى ۋە ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي يېتەكچىلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «14 - بەش يىل»نىڭ ياخشى باشلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل، تولۇق ئادا قىلىپ، سىياسىي كېڭەش تۈزۈمىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى نىشان قىلىپ، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى تۆھپىلەرنى قوشتى.

  ۋاڭ ياڭ ئۆتكەن بىر يىللىق مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى بەش جەھەتتىن خۇلاسىلىدى. بىرىنچى، دىققەتنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخىنى مۇھىم نۇقتا قىلغان «تۆت تارىخ» تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، كەڭ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈشكە يېتەكلەپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى سىياسىي ئاڭلىقلىق، ئىدىيە ئاڭلىقلىقى، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىپ، ئورتاق ئىدىيەۋى - سىياسىي ئاساسنى مۇستەھكەملىدى. ئىككىنچى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ، ئەقىل كۆرسىتىپ، «14 - بەش يىل»نىڭ ياخشى باشلىنىشىغا كۈچ قوشتى. ئۈچىنچى، سىياسىي كېڭەشنىڭ كېڭىشىش ئىچكى خاس مەزمۇنىنى بېيىتىپ، مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ ئۇللۇق رولىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مۇتەخەسسىسلەر كېڭىشىش يىغىنى تەسىس قىلىپ، كېڭىشىش شەكلىدىكى نازارەتچىلىك خاسلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئەزالارنىڭ ئۆز ئالدىغا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، جەمئىيەت ئەھۋالى، خەلق رايى ئۇچۇرلىرىنى ئىنكاس قىلىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئۈنۈمىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇردى. تۆتىنچى، ئىتتىپاقلىق، بىرلەشمە دوستلۇق ئۇسۇلى، ۋاسىتىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سىردىشىش، سۆھبەتلىشىش، ئەزالار لېكسىيە سۆزلەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى پائال قانات يايدۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى دائىملاشتۇرۇش شەرتىدە تاشقى ئالاقە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ 110 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈپ، كەڭ دائىرىدە ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ توپلىدى. بەشىنچى، سىياسىي كېڭەشنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئۈنۈمىنى ھەقىقىي ئۆستۈردى.

  ۋاڭ ياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: 2022 - يىلى، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19 - قۇرۇلتىيى ۋە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەز سىياسىي كېڭەش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىتتىپاقلىق ۋە دېموكراتىيەدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ باش تېمىدا چىڭ تۇرۇپ، تەكلىپ بېرىش، سىياسىي مەسلىھەت بېرىش ۋە ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشتىن ئىبارەت قوش يۆنىلىشلىك كۈچەشتە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - قۇرۇلتىيىنى كۈتۈۋېلىش، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى پۈتۈن يىلغا سىڭدۈرۈلىدىغان مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئىدىيە جەھەتتىن يېتەكلەش، كۈچنى مۇجەسسەملەش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش، ئەقىل كۆرسىتىش، ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلىشى، تەكشى، مۇقىم، ساغلام بولغان ئىقتىسادىي مۇھىت، دۆلەت تىنچ، خەلق خاتىرجەم بولغان جەمئىيەت مۇھىتى، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي مۇھىتنى ساقلاش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

  ۋاڭ ياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئىتتىپاقلىق سەۋەبىدىن بارلىققا كەلگەن، ئىتتىپاقلىققا تايىنىپ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، ئىتتىپاقلىققا تايىنىپ گۈللىنىدۇ، بۈيۈك ئىتتىپاقلىق، بۈيۈك بىرلىشىشنىڭ سىمۋولى. جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشنىڭ يېڭى دەۋردىكى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ تارىخىي مەسئۇلىيىتى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، بىردەكلىك بىلەن كۆپ خىللىقنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى ئۈنۈملۈك قوللىنىپ ئەڭ چوڭ ئورتاقلىق ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئەڭ چوڭ مەركەزداش چەمبەرنى سىزىپ چىقىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەتراپىغا ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ كۈچنى گۈللىنىش ئۇلۇغ ئىشىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تارىخىي مۇساپىسىگە مۇجەسسەملەش كېرەك. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ كېڭىشىش ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئىدىيەدە، يۆنىلىشتە بىردەك بولۇپ سەمىمىي كېڭىشىش ئارقىلىق، ئەزالارنى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات ۋەزىيىتىگە توغرا مۇئامىلە قىلىشقا يېتەكلەپ، پارتىيەنىڭ فاڭجېن - سىياسەتلىرىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەيپىياتنى راۋانلاشتۇرۇش، كۆزلىمىنى يېتەكلەش، ئىشەنچنى چىڭىتىش خىزمىتىنى دەل جايىدا، ئۈنۈملۈك ياخشى ئىشلەپ، كېڭىشىش ئارقىلىق ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، ئورتاق تونۇش ئارقىلىق ئىتتىپاقلىقنى مۇستەھكەملەش كېرەك. ئىتتىپاقلىقنىڭ چەمبەر مەركىزى بولۇشى كېرەك، چەمبەر مەركىزىنى چىڭ ساقلىغاندىلا، ئاندىن ھەممە بىر نىيەتتە بولغىلى بولىدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنىڭ چەمبەر مەركىزى بولۇشى تارىخنىڭ تاللىشى، خەلقنىڭ تاللىشى. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، بولۇپمۇ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە بايرىقى ئاستىدا ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپىنى مۇستەھكەملەپ ۋە زورايتىپ، جۇڭگو خەلقى ۋە مەملىكەت ئىچى - سىرتىدىكى جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ ئەقىل - پاراسىتى، كۈچىنى ئۈنۈملۈك مۇجەسسەملەپ، ھەقىقىي، كەڭ، زىچ بولغان بۈيۈك ئىتتىپاقلىقنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ليۇ شىنچېڭ سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، يىغىنغا سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 4 - يىغىنىدىن بۇيانقى تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالىدىن دوكلات بەردى. سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزالىرى، سىياسىي كېڭەشكە قاتناشقان ھەرقايسى ئورۇنلار بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، «14 - بەش يىل»دا ئىش باشلاش، قەدەم ئېلىش ۋە خەلق ئاممىسى ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى زىچ چۆرىدەپ، 6117 پارچە تەكلىپ تاپشۇردى، 5039 پارچە تەكلىپ ئەنگە ئېلىندى، %99.8ى بېجىرىلدى ھەم جاۋاب قايتۇرۇلدى. تەكلىپلەرنى بېجىرىشكە تاپشۇرۇش مېخانىزمى تاكامۇللاشتۇرۇلدى، ھەرقايسى بېجىرگۈچى ئورۇنلار سىياسىي كېڭەشنىڭ تەكلىپلىرىنى بېجىرىشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، تەكلىپلەرنى بېجىرىش، كېڭىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇردى، بېجىرىش سۈپىتى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۆستۈرۈلدى. تەكلىپتە ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىر - تەكلىپلەر پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تەدبىر بەلگىلىشىگە مۇلازىمەت قىلىش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاش، تۈرلۈك ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۆھپە قوشۇش ئۈچۈن كۈچ قوشتى.

  رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالغان رەھبىرىي يولداشلاردىن يەنە دىڭ شۆشياڭ، ۋاڭ چېن، ليۇ خې، شۈ چىلياڭ، سۈن چۇنلەن، لى شى، لى چياڭ، لى خۇڭجۇڭ، ياڭ جيېچى، ياڭ شياۋدۇ، جاڭ يوۋشيا، چېن شى، چېن چۈەنگو، چېن مىنئېر، خۇ چۇنخۇا، گو شېڭكۇن، خۇاڭ كۇنمىڭ، سەي چى، يوۋ چۈەن، ساۋ جيەنمىڭ، جاڭ چۇنشيەن، شېن يۆيۆ، جى بىڭشۈەن، ئەركىن ئىمىرباقى، ۋەن ئېشياڭ، چېن جۇ، ۋاڭ دۇڭمىڭ، بەيما چىلىن، دىڭ جۇڭلى، خاۋ مىڭجىن، سەي دافېڭ، ۋۇ ۋېيخۇا، ۋېي فېڭخې، ۋاڭ يۇڭ، ۋاڭ يى، شياۋ جيې، جاۋ كېجى، جوۋ چياڭ، جاڭ جۈن قاتارلىقلار بار.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار تەكلىپ بىلەن ئېچىلىش يىغىنىغا سىرتتىن قاتناشتى. چەت ئەللەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى قاتارلىقلار تەكلىپ بىلەن ئېچىلىش يىغىنىغا قاتناشتى.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ