مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 - يىغىنى 2 - قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى

2022.03.10 10:55 مەنبە: خەلق تورى

  شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىقلار قاتناشتى

  لى جەنشۇ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى خىزمىتىدىن دوكلات بەردى

  ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى خىزمىتىدىن دوكلات ھەم ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى خىزمىتىدىن دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە قاراپ چىقىلدى

  3 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 - يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا 2 - قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، كومىتېت باشلىقى لى جەنشۇ يىغىنغا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى خىزمىتىدىن دوكلات بەردى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ليۇ ۋېيبىڭ فوتوسى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 8 - كۈنى تېلېگراممىسى 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 - يىغىنى 3 - ئاينىڭ 8 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا 2 - قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزۈپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى خىزمىتىدىن دوكلات ۋە ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى خىزمىتىدىن دوكلات، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى خىزمىتىدىن دوكلاتنى ئاڭلاپ ئۆتتى ۋە قاراپ چىقتى.

  شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، كومىتېت باشلىقى لى جەنشۇ يىغىنغا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى خىزمىتىدىن دوكلات بەردى. لى جەنشۇ دوكلاتتا مۇنداق كۆرسەتتى: 2021 - يىلى خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى تارىخىدا ئالاھىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تۇنجى قېتىم خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنى ئاچتى، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينى راۋاجلاندۇرۇش، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە دائىر بىر قاتار مۇھىم، زور نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىگە چوڭقۇر جاۋاب بېرىپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىز ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.

  لى جەنشۇ دوكلاتتا مۇنداق دېدى: بىر يىلدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا يېقىندىن ئەگىشىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئارزۇسىغا زىچ يېقىنلىشىپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش ئېھتىياجىنى مەھكەم ئىگىلەپ، مەسئۇلىيىتىمىزنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىپ، مەسئۇلىيەتچان بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، ئاساسلىقى تۆۋەندىكى خىزمەتلەرنى ئىشلىدۇق: بىرىنچى، ئاساسىي قانۇنغا ئالاقىدار قانۇنلارنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسىي قانۇننىڭ ئالىي قانۇنلۇق ئورنى، نوپۇزى ۋە كۈچىنى قوغدىدۇق. شياڭگاڭ نېگىزلىك قانۇنىنىڭ 1 - قوشۇمچە ھۆججىتى ۋە 2 - قوشۇمچە ھۆججىتىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، شياڭگاڭنىڭ قانۇنىي ئورنى ۋە ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان بىر يۈرۈش دېموكراتىك سايلام تۈزۈمىنى شەكىللەندۈردۇق. ئاساسىي قانۇنغا، قانۇنلارغا خىلاپ قىلمىشلارنى تۈزىتىپ، دۆلەت قانۇنچىللىقىنىڭ بىرلىكىنى قوغدىدۇق. ئىككىنچى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خىزمەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى چۆرىدەپ، قانۇن چىقىرىش، قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش قەدىمىنى تېزلىتىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنى قانۇن كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدۇق. بىر يىلدىن بۇيان، 17 قانۇن تۈزدۇق، 22 قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزدۇق، ئالاقىدار قانۇن مەسىلىلىرى ۋە مۇھىم، زور مەسىلىلەر توغرىسىدا ئون قارار چىقاردۇق. ئۈچىنچى، نازارەتچىلىك سالمىقى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «بىر ھۆكۈمەت، بىر كومىتېت، ئىككى مەھكىمە»نىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشىنى نازارەت قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئىزچىللىشىشى ۋە ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلدۇق. تۆتىنچى، ۋەكىللەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشىنى قوللاپ ۋە كاپالەتلەندۈرۈپ، ۋەكىللەرنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشىنىڭ مۇھىم ئىپادىسىگە ئايلاندۇردۇق. بەشىنچى، دۆلەتنىڭ ئومۇمىي دىپلوماتىيە نىشان - ۋەزىپىلىرىنى زىچ چۆرىدەپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تاشقى ئىشلار خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتتۇق. ئالتىنچى، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئاساسىي ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتتۇق.

  دوكلاتتا لى جەنشۇ مۇنداق كۆرسەتتى: بىر يىلدىن بۇيان، دائىمىي كومىتېت خىزمىتىدىن ئالغان ئەڭ چوڭ ئىلھامىمىز شۇكى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسىلىق، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى قەتئىي قوغداپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ پارتىيەنىڭ دۆلەت ھاكىمىيەت ئورگىنىغا رەھبەرلىك قىلىشىدىكى مۇھىم تۈزۈم ۋاسىتىسى بولۇش رولىنى، دۆلىتىمىزنىڭ پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم تۈزۈم ۋاسىتىسى بولۇش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى كۆرسەتكەن يۆنىلىش بويىچە راۋاجلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن يولنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق.

  لى جەنشۇ دوكلاتتا مۇنداق كۆرسەتتى: دائىمىي كومىتېت خىزمىتىدە يەنە پەرق ۋە يېتەرسىزلىكلەر مەۋجۇت، ئۆز ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، خىزمەت سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ياخشىلاپ، ئۆستۈرۈپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلار يۈكلىگەن شەرەپلىك مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي زىممىگە ئالىمىز.

  دوكلاتتا، لى جەنشۇ مۇنداق كۆرسەتتى: 2022 - يىللىق مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، مەركەز خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇپ، قانۇن چىقىرىش، نازارەت قىلىش، ۋەكىللەر خىزمىتى، تاشقى ئىشلار خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، دائىمىي كومىتېتنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇش.

  لى جەنشۇ دوكلاتتا بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر يىللىق ئاساسلىق ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى: پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ۋە مەركەز خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش؛ سىستېمىلىق، مۇكەممەل بولغان تۈزۈم سىستېمىسى ئارقىلىق ئاساسىي قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش؛ قانۇن چىقىرىش خىزمىتىنىڭ سىستېمىلىقلىقى، بىر پۈتۈنلۈكى، ماسلىشىشچانلىقىنى كۈچەيتىش؛ قانۇن نازارەتچىلىكى ۋە خىزمەت نازارەتچىلىكىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەش؛ خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش؛ خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تاشقى ئىشلار خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەش؛ «تۆت ئورگان» تەلىپى بويىچە دائىمىي كومىتېتنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش.

  ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقى جوۋ چياڭ ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى خىزمىتىدىن دوكلاتتا مۇنداق كۆرسەتتى: 2021 - يىلى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن، قانۇنلار يۈكلىگەن مەسئۇلىيىتىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى 33 مىڭ 602 دېلونى قوبۇل قىلىپ، 28 مىڭ 720 دېلونى سوتلاپ ئاياغلاشتۇردى، يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرى ۋە مەخسۇس خەلق سوت مەھكىمىلىرى 33 مىليون 516 مىڭ دېلونى قوبۇل قىلىپ، 30 مىليون 104 مىڭ دېلونى سوتلاپ ئاياغلاشتۇردى، ئىجرا قىلىپ ئاياغلاشتۇردى، دېلو ئاياغلاشتۇرۇش نىشان سوممىسى 8 تىرىليون 300 مىليارد يۈەنگە يەتتى.

  دوكلاتتا، جوۋ چياڭ ئالتە جەھەتتىن 2021 - يىللىق ئاساسلىق خىزمەتلەرنى خۇلاسىلىدى: بىرىنچى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغدىدۇق؛ ئىككىنچى، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا پائال مۇلازىمەت قىلدۇق؛ ئۈچىنچى، خەلقنى مەركەز قىلىشتا باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇردۇق؛ تۆتىنچى، ئەدلىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى ۋە ئاقىل سوت مەھكىمىسى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتتۇق؛ بەشىنچى، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئاڭلىق ھالدا ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزدۇق؛ ئالتىنچى، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان سوت مەھكىمىسى پولات قوشۇنىنى كۈچەپ قۇردۇق.

  جوۋ چياڭ دوكلاتتا مۇنداق بىلدۈردى: 2022 - يىلى، خەلق سوت مەھكىمىلىرى پارتىيەنىڭ قانۇن يۈرگۈزۈش خىزمىتىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتە سادىق بولۇشنى مۇستەھكەملەپ، باشتىن - ئاخىر «تىرىشىپ خەلق ئاممىسىغا ھەربىر قانۇن يۈرگۈزۈش دېلوسىدىن ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ھېس قىلدۇرۇش»نى سوت مەھكىمىلىرىنىڭ بارلىق خىزمەتلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ؛ خەۋپسىزلىك، مۇقىملىقنى قوغداپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك تىنچ - ئامان جۇڭگو، قانۇنچىل جۇڭگو قۇرۇش ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدۇ؛ تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش»قا دەل جايىدا مۇلازىمەت قىلىدۇ؛ خەلق تۇرمۇشى ھوقۇق - مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىققا بولغان تېخىمۇ يۇقىرى ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرىدۇ؛ ئىسلاھات نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، ئىسلاھاتنىڭ تېخىمۇ سىستېمىلىق توپلىنىشى، ماس يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ؛ سوت مەھكىمىلىرى پولات قوشۇنىنى تاۋلاپ چىقىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش، ساقچىلار قوشۇنىنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق سوت مەھكىمىلىرى خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى جاسارەت بىلەن كۈچەپ ئالغا سىلجىتىدۇ.

  ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى جاڭ جۈن ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى خىزمىتىدىن دوكلاتتا مۇنداق كۆرسەتتى: 2021 - يىلى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ھەم ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك نازارەتچىلىكىدە، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى دۆلەتنى ئىدارە قىلىشقا تېخىمۇ ئاڭلىق سىڭىپ، مەسئۇلىيەتنى قانۇن بويىچە پائال ئادا قىلىپ، جىنايى ئىشلار، ھەق تەلەپ، مەمۇرىي، ئاممىۋى پاراۋانلىق دەۋاسى قاتارلىق تۈرلۈك تەپتىش خىزمىتىدە يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى. پۈتۈن مەملىكەتتىكى تەپتىش ئورگانلىرى تۈرلۈك دېلودىن جەمئىي 3 مىليون 637 مىڭنى بېجىردى، بۇ ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %20.9 ئاشتى. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى 19 ئەدلىيەلىك ئىزاھات تۈزۈپ چىقتى، سەككىز تۈركۈمدە 37 يېتەكچى خاراكتېرلىك دېلو مىسالىنى، 76 تۈركۈمدە 563 تىپىك دېلو مىسالىنى تۈزۈپ تارقاتتى.

  دوكلاتتا جاڭ جۈن 2021 - يىللىق خىزمەتلەرنى ئەسلەپ ئۆتتى: بىرىنچى، ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىپ، تەپتىشلىك مەسئۇلىيىتىمىزنى ئادا قىلىش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولدۇق؛ ئىككىنچى، خەلق ئۈچۈن قانۇن يۈرگۈزۈپ، تەپتىشلىك مەسئۇلىيىتىمىزنى ئادا قىلىش ئارقىلىق ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، ئەندىشە قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلدۇق؛ ئۈچىنچى، نازارەتچىلىكنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەپتىشلىك مەسئۇلىيىتىمىزنى ئادا قىلىش ئارقىلىق ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغدىدۇق؛ تۆتىنچى، دەۋانى مەنبەدىن تۈزەپ، تەپتىشلىك مەسئۇلىيىتىمىزنى ئادا قىلىش ئارقىلىق يۇقىرى سەۋىيەلىك خەۋپسىزلىككە كاپالەتلىك قىلدۇق؛ بەشىنچى، تەپتىش قوشۇنىنى قاتتىق ئىدارە قىلىپ، تەپتىشلىك مەسئۇلىيىتىمىزنى ئادا قىلىش ئارقىلىق تەپتىش پولات قوشۇنىنى تاۋلاپ چىقتۇق.

  جاڭ جۈن دوكلاتتا مۇنداق كۆرسەتتى: 2022 - يىلى، تەپتىش ئورگانلىرى مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، «مۇقىم ئىلگىرىلەش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئۆستۈرۈش»نى قويۇۋەتمەي چىڭ تۇتۇپ، مەسئۇلىيەتنى قانۇن بويىچە پائال ئادا قىلىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك تىنچ - ئامان جۇڭگو، قانۇنچىل جۇڭگو قۇرۇشقا تۈرتكە بولىدۇ. مۇقىم ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىش ۋە كاپالەتلىك قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي زىممىگە ئالىدۇ؛ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش يېڭى مۇساپىسىگە تۈرتكە بولۇشتىكى قانۇنچىللىق مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي زىممىگە ئالىدۇ؛ خىزمەتلەرنى سىجىل يۈكسەلدۈرۈپ، تەپتىشلىك خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى تەپتىشلىك مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي زىممىگە ئالىدۇ. سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئومۇمىي ۋەزىيەتنى نەزەرگە ئېلىپ، تەرەققىياتنى كۆزلەپ، ئۆزىنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، قانۇن نازارەتچىلىكى فۇنكسىيەسىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشىدۇ.

  يىغىنغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ۋەكىل 2951 كىشى، قاتناشقانلار 2761 كىشى، قاتنىشالمىغانلار 190 كىشى بولۇپ، قاتناشقانلارنىڭ سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

  يىغىنغا يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى، ئىجرائىيە رەئىسى ۋاڭ چېن رىياسەتچىلىك قىلدى.

  بۈگۈن «8 - مارت» خەلقئارا ئەمگەكچى ئاياللار بايرىمى، يىغىن يىغىن ھەيئەت رىياسىتى نامىدا ھەرقايسى ئايال ۋەكىللەر، ئايال ئەزالار، ئايال خىزمەتچى خادىملارنىڭ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھە ئاياللار، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئاياللارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى ۋە ئۇلارغا گۈزەل تىلەك تىلىدى.

  يىغىن ئىجرائىيە رەئىسلىرىدىن ۋاڭ جۈنجېڭ، يىن خۇڭ، ليۇ نىڭ، شۈ چىلياڭ، شۈ چىن، لى فېي، ۋۇ جېڭلۇڭ، خې يىتىڭ، جاڭ يېسۈي، جاڭ چىڭۋېي، جاڭ شۈەن، جاڭ گوچىڭ، چېن رۇنئېر، لىن ۋۇ، يى ليەنخۇڭ، جېڭ شەنجيې، دۈەن چۇنخۇا، شۈ شاۋشى، گاۋ خۇچېڭ، چېن يىچىن، لوۋ ياڭشېڭ رەئىس سەھنىسىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسلىرى ئورنىدىن ئورۇن ئالدى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ