مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى باخقا جاۋاب خەت يازدى

2022.03.08 17:27 مەنبە: خەلق تورى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 6 - كۈنى تېلېگراممىسى 3 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى باخقا جاۋاب خەت يازدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بېيجىڭ 2022 - يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتى. جۇڭگو تەرەپ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش ۋەدىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدە كۆرسىتىپ، دۇنياغا بىر نۆۋەتلىك تېجەشلىك، بىخەتەر، قالتىس ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى كاتتا مەرىكىسىنى تەقدىم قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يۈكسەك باھاسىغا ئېرىشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ جۇڭگو خەلقىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى. جۇڭگو خەلقى بىزنىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشىمىزدىكى كۈچ مەنبەيىمىز. بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئارقىلىق، جۇڭگودا 300 مىليوندىن ئارتۇق كىشى قار - مۇز تەنھەرىكىتىگە قاتنىشىپ، ساغلام جۇڭگو قۇرۇش، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى، شۇنداقلا يەر شارىۋى قار - مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ كەڭ مەنزىل ئاچتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ، دۇنيا خەلقىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئولىمپىك ئەزىمەتلىرى بەش ھالقىلىق بايراق ئاستىغا جەم بولۇپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، بىر - بىرىگە ئىلھام بېرىپ، ئاخىرقى چەكنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، ئۆزىدىن ھالقىپ، «تېخىمۇ تېز، تېخىمۇ يۇقىرى، تېخىمۇ كۈچلۈك بولۇش − تېخىمۇ ئىتتىپاقلىشىش»تىن ئىبارەت ئولىمپىك يېڭى ھېكمەتلىك سۆزىنى مۇكەممەل نامايان قىلىپ، دۇنيا خەلقىگە ئىللىقلىق ۋە ئۈمىد بېغىشلاپ، دۇنياغا تىنچلىق ۋە دوستلۇق ئۇرۇقىنى چېچىپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقلارنى ئورتاق يېڭىش، بىرلىكتە كەلگۈسىگە ئاتلىنىش قۇدرەتلىك كۈچىنى ئۇرغۇتتى.شى جىنپىڭ رەئىس باخ ۋە خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى قەتئىي قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىپ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى بىلەن زىچ ھەمكارلىقنى ساقلاپ، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ خىزمىتىنى ئىلگىرىكىدەكلا قوللاپ، ئولىمپىك روھىدا چىڭ تۇرۇپ، ئولىمپىك تەنھەرىكىتىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنىڭ يېپيېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتۈشنى خالايدۇ.

  يېقىندا، باخ رەئىس شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، بېيجىڭ 2022 - يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك يېپىلغانلىقىنى تەبرىكلەپ مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ قالتىس رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو قىشلىق تەنھەرىكەت دۆلىتى قاتارىغا ئۆتۈپ، 300 مىليوندىن ئارتۇق كىشى قار - مۇز تەنھەرىكىتىگە قاتناشتى. بۇ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ياراتقان قىممەتلىك بايلىق بولۇپ، يەر شارىۋى قىشلىق تەنھەرىكەتنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئاچتى. بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەنتەنىلىك ۋەدىسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، مۇسابىقە ئۆتكۈزۈش نىشانىنى ئەڭ يۇقىرى ئۆلچەمدە ئىشقا ئاشۇرۇپ، مۇسابىقىگە قاتناشقان بارلىق خادىملارنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ