مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 - يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى دائىمىي رەئىسلىرىنىڭ 1 – قېتىملىق يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

لى جەنشۇ رىياسەتچىلىك قىلدى

2022.03.10 11:03 مەنبە: خەلق تورى

  13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 - يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى دائىمىي رەئىسلىرىنىڭ 1 - قېتىملىق يىغىنى 3 - ئاينىڭ 8 - كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى، يىغىننىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى ياڭ جېنۋۇ بەرگەن يىغىن كاتىبات باشقارمىسىنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى قاراپ چىقىش ۋە تۈزىتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنىڭ ۋاكالىتەن تەييارلانغان نۇسخىسى قاراپ چىقىلدى.

  يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى شۈ شاۋشى بەرگەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ 2021 - يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى بىلەن 2022 - يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى لايىھەسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئائىت ئالاقىدار ئەھۋاللار توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ئىككى تەكشۈرۈش نەتىجىسى دوكلاتى قاراپ چىقىلدى.

  يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى شى ياۋبىن بەرگەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ 2021 - يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوتىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى بىلەن 2022 - يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوت لايىھەسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئائىت ئالاقىدار ئەھۋاللار توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، تەكشۈرۈش نەتىجىسى دوكلاتى قاراپ چىقىلدى.

  يىغىندا ياڭ جېنۋۇ بەرگەن يىغىن كاتىبات باشقارمىسىنىڭ 2021 - يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى بىلەن 2022 - يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنىڭ ۋاكالىتەن تەييارلانغان نۇسخىسى، 2021 - يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوتىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى بىلەن 2022 - يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوتى قارار لايىھەسىنىڭ ۋاكالىتەن تەييارلانغان نۇسخىسى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ئىككى قارار لايىھەسىنىڭ ۋاكالىتەن تەييارلانغان نۇسخىسى قاراپ چىقىلدى.

  يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلار كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى لى فېي بەرگەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلار كومىتېتىنىڭ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تەشكىلىي قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ سانى ۋە سايلام مەسىلىسىگە ئائىت قارار لايىھەسى، شياڭگاڭ ۋە ئاۋمېننىڭ 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلاش چارىسى لايىھەسىگە قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ئالاقىدار لايىھە ۋە لايىھەلەرنىڭ تۈزىتىلمە نۇسخىسى قاراپ چىقىلدى.

  يىغىندا يۇقىرىقى لايىھەلەر، دوكلاتلار، بېكىتمە لايىھەلەر، لايىھەلەرنىڭ تۈزىتىلمە نۇسخىسى قاتارلىقلارنى يىغىن ھەيئەت رىياسىتى 2 - قېتىملىق يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش ماقۇللاندى.يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرىدىن ۋاڭ چېن، ساۋ جيەنمىڭ، جاڭ چۇنشيەن، شېن يۆيۆ، جى بىڭشۈەن، ئەركىن ئىمىرباقى، ۋەن ئېشياڭ، چېن جۇ، ۋاڭ دۇڭمىڭ، بەيما چىلىن، دىڭ جۇڭلى، خاۋ مىڭجىن، سەي دافېڭ، ۋۇ ۋېيخۇا يىغىنغا قاتناشتى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ