شى جىنپىڭ سىياسىي كېڭەش يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان يېزا ئىگىلىك ساھەسى، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ساھەسىدىكى ئەزالارنى يوقلىغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئىجتىمائىي كاپالەت ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا سىجىل كۈچەش كېرەك

ۋاڭ ياڭ يوقلاشقا ۋە مۇزاكىرىگە قاتناشتى

2022.03.08 17:23 مەنبە: خەلق تورى

  3 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 5 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان يېزا ئىگىلىك ساھەسى، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ساھەسىدىكى ئەزالارنى يوقلىدى ھەم بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتنىشىپ، پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئاڭلىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يوقلاشقا ۋە مۇزاكىرىگە قاتناشتى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى

  ■ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتا، جەزمەن مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، بولۇپمۇ ئاشلىق تەمىناتىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، «ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى يەرگە باغلاش، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى تېخنىكىغا باغلاش»نى ھەقىقىي جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئىجتىمائىي كاپالەت ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا سىجىل كۈچەپ، ئىجتىمائىي كاپالەت بىخەتەرلىك تورىنى زىچ توقۇپ، خەلق تۇرمۇشىنىڭ تىنچ - خاتىرجەم ئۆتۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ■ ھازىر، خەلقئارا ۋەزىيەتتە داۋاملىق چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىش يۈزبېرىۋاتىدۇ، 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى بىلەن ئەسىر يۇقۇمى ئۆزئارا گىرەلىشىپ كەتتى، ئىقتىسادنىڭ يەر شارىۋىلىشىشى تەتۈر ئېقىمغا دۇچ كەلدى، چوڭ دۆلەتلەرنىڭ تىركىشىشى كۈنسېرى كەسكىنلەشتى، دۇنيا يېڭى داۋالغۇش، ئۆزگىرىش ياساش مەزگىلىگە كىردى، دۆلەت ئىچىدىكى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى مۈشكۈل، ئېغىر. بىز شۇنى كۆرۈشىمىز كېرەككى، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى يەنىلا نۇرغۇن ئىستراتېگىيەلىك پايدىلىق شارائىتقا ئىگە. بىرىنچى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى بولغاچقا، پۈتۈن ۋەزىيەتنى ئىگىلەپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرۇپ، تۈرلۈك زور خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا سالماقلىق بىلەن تاقابىل تۇرۇشنى تۈپ سىياسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى. ئىككىنچى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئەۋزەللىكى بولغاچقا، دۆلىتىمىزنىڭ سىياسىي تۈزۈمى ۋە ئىدارە قىلىش سىستېمىسى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش قاتارلىق ئەمەلىيەت داۋامىدا كۆرۈنەرلىك ئەۋزەللىكىنى يەنىمۇ نامايان قىلدى، «جۇڭگونىڭ ئىدارە قىلىنىشى» بىلەن «غەربتىكى مالىمانچىلىق»نىڭ سېلىشتۇرمىسى تېخىمۇ روشەن بولدى. ئۈچىنچى، سىجىل، تېز تەرەققىيات داۋامىدا توپلانغان پۇختا ئاساس بولغاچقا، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى، پەن - تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى، دۆلەت مۇداپىئە ئەمەلىي كۈچى، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى، ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ سانى كۆپ، ئايلىنىش ئىمكانىيىتى كەڭ، يەنە دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۆلەملىك بازار بار، ئۇزاققىچە ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش ئاساسى ئۆزگەرمەيدۇ، كۈچلۈك ئېلاستىكلىققا ۋە ھاياتىي كۈچكە ئىگە. تۆتىنچى، ئۇزاققىچە مۇقىم بولغان جەمئىيەت مۇھىتى بولغاچقا، خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى، جەمئىيەت ئىدارە قىلىش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ، جەمئىيەت ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشتەك مۆجىزە داۋاملىق پۈتۈلدى. بەشىنچى، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزىدىغان مەنىۋى كۈچ بولغاچقا، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقى يەنىمۇ قوزغىتىلدى، ئىرادىسى، شىجائىتى، غەيرىتى مىسلىسىز كۈچەيدى، پارتىيە رايى، ئارمىيە رايى، خەلق رايى يۈكسەك دەرىجىدە ئۇرغۇدى. بىز ھەم قىيىنچىلىققا توغرا قاراپ، ھەم ئىشەنچنى چىڭىتىپ، تارىخىي تەشەببۇسكارلىق روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قىيىنچىلىققا قارشى ئالغا ئىلگىرىلەپ، دادىل كۈرەش قىلىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، جاسارەتلىك، غايىلىك بولۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 6 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 3 - ئاينىڭ 6 - كۈنى چۈشتىن كېيىن مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 5 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان يېزا ئىگىلىك ساھەسى، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ساھەسىدىكى ئەزالارنى يوقلىدى ھەم بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتنىشىپ، پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتا، جەزمەن مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، بولۇپمۇ ئاشلىق تەمىناتىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، «ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى يەرگە باغلاش، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى تېخنىكىغا باغلاش»نى ھەقىقىي جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئىجتىمائىي كاپالەت ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا سىجىل كۈچەپ، ئىجتىمائىي كاپالەت بىخەتەرلىك تورىنى زىچ توقۇپ، خەلق تۇرمۇشىنىڭ تىنچ - خاتىرجەم ئۆتۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  «8 - مارت» خەلقئارا ئەمگەكچى ئاياللار بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن»غا قاتنىشىۋاتقان ئايال ۋەكىللەر، ئايال ئەزالار، ئايال خىزمەتچى خادىملار، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھە ئاياللار، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ۋە تەيۋەن رايونىدىكى ئايال قېرىنداشلار، مەملىكەت سىرتىدىكى ئايال چياۋمىن قېرىنداشلارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى ۋە ئۇلارغا گۈزەل تىلەك تىلىدى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يوقلاشقا ۋە مۇزاكىرىگە قاتناشتى.

  بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىدا، ياڭ فېڭجى، ۋاڭ جىڭ، تاڭ جۈنجيې، مو رۇڭ، يىشى داۋا، ۋەن جيەنمىن، ۋاڭ خەيجىڭ قاتارلىق يەتتە ئەزا يېزا - كەنت كەسىپلىرىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇش، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى ئاساسىنى پۇختىلاش، ئۇرۇقچىلىقتا ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئىشلىرىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش، ئىجتىمائىي كۈچلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ ئورتاق بېيىشنى ئالغا سىلجىتىش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ سۆز قىلدى.

  شى جىنپىڭ كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ يېزا ئىگىلىك ساھەسى، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ساھەسىدىكى ئەزالارنى يوقلاپ، بىرلەشمە گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىگە قاتنىشىپ، ئىنتايىن خۇشال بولدۇم. ئۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن شۇ يەردە ئولتۇرغان ھەرقايسى ئەزالار، پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىدىن سەمىمىي ئەھۋال سورىدى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ يېزا ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق خىزمەتچىلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئۆتكەن بىر يىلدا، مۇرەككەپ، چىگىش، كەسكىن خەلقئارا ۋەزىيەت، دۆلەت ئىچىدىكى مۈشكۈل، ئېغىر ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى، بولۇپمۇ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئېغىر زەربىسى ئالدىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىپ، قىيىنچىلىققا قارشى ئالغا ئىلگىرىلەپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلىدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەرەلىدە غەلىبە قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتنى قەرەلىدە قۇرۇپ چىقىپ، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلىدى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا يېڭى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، «14 - بەش يىل»دا ياخشى باشلىنىشنى ئىشقا ئاشۇردى. بۇ نەتىجىلەر تەستە قولغا كەلدى، بۇ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ قەيسەرلىك بىلەن جان تىكىپ ئېلىشقانلىقىنىڭ نەتىجىسى، شۇنداقلا كەڭ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىر، خەلقئارا ۋەزىيەتتە داۋاملىق چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىش يۈزبېرىۋاتىدۇ، 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى بىلەن ئەسىر يۇقۇمى ئۆزئارا گىرەلىشىپ كەتتى، ئىقتىسادنىڭ يەر شارىۋىلىشىشى تەتۈر ئېقىمغا دۇچ كەلدى، چوڭ دۆلەتلەرنىڭ تىركىشىشى كۈنسېرى كەسكىنلەشتى، دۇنيا يېڭى داۋالغۇش، ئۆزگىرىش ياساش مەزگىلىگە كىردى، دۆلەت ئىچىدىكى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى مۈشكۈل، ئېغىر. بىز شۇنى كۆرۈشىمىز كېرەككى، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى يەنىلا نۇرغۇن ئىستراتېگىيەلىك پايدىلىق شارائىتقا ئىگە. بىرىنچى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى بولغاچقا، پۈتۈن ۋەزىيەتنى ئىگىلەپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرۇپ، تۈرلۈك زور خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا سالماقلىق بىلەن تاقابىل تۇرۇشنى تۈپ سىياسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى. ئىككىنچى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئەۋزەللىكى بولغاچقا، دۆلىتىمىزنىڭ سىياسىي تۈزۈمى ۋە ئىدارە قىلىش سىستېمىسى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش قاتارلىق ئەمەلىيەت داۋامىدا كۆرۈنەرلىك ئەۋزەللىكىنى يەنىمۇ نامايان قىلدى، «جۇڭگونىڭ ئىدارە قىلىنىشى» بىلەن «غەربتىكى مالىمانچىلىق»نىڭ سېلىشتۇرمىسى تېخىمۇ روشەن بولدى. ئۈچىنچى، سىجىل، تېز تەرەققىيات داۋامىدا توپلانغان پۇختا ئاساس بولغاچقا، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى، پەن - تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى، دۆلەت مۇداپىئە ئەمەلىي كۈچى، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى، ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ سانى كۆپ، ئايلىنىش ئىمكانىيىتى كەڭ، يەنە دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۆلەملىك بازار بار، ئۇزاققىچە ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش ئاساسى ئۆزگەرمەيدۇ، كۈچلۈك ئېلاستىكلىققا ۋە ھاياتىي كۈچكە ئىگە. تۆتىنچى، ئۇزاققىچە مۇقىم بولغان جەمئىيەت مۇھىتى بولغاچقا، خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى، جەمئىيەت ئىدارە قىلىش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ، جەمئىيەت ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشتەك مۆجىزە داۋاملىق پۈتۈلدى. بەشىنچى، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزىدىغان مەنىۋى كۈچ بولغاچقا، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقى يەنىمۇ قوزغىتىلدى، ئىرادىسى، شىجائىتى، غەيرىتى مىسلىسىز كۈچەيدى، پارتىيە رايى، ئارمىيە رايى، خەلق رايى يۈكسەك دەرىجىدە ئۇرغۇدى. بىز ھەم قىيىنچىلىققا توغرا قاراپ، ھەم ئىشەنچنى چىڭىتىپ، تارىخىي تەشەببۇسكارلىق روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قىيىنچىلىققا قارشى ئالغا ئىلگىرىلەپ، دادىل كۈرەش قىلىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، جاسارەتلىك، غايىلىك بولۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئاشلىق بىخەتەرلىكى «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى». تۈمەنلىگەن ئىشلار ئىچىدە تاماق مەسىلىسى ھەممىدىن مۇھىم. خەلق ئۈچۈن ئاشلىق ھەممىدىن مۇھىم. جاپالىق تىرىشىش ئارقىلىق، دۆلىتىمىز دۇنيادىكى %9نى ئىگىلەيدىغان تېرىلغۇ يەر، %6نى ئىگىلەيدىغان تاتلىق سۇ بايلىقى بىلەن دۇنيادىكى بەشتىن بىرگە يېقىن نوپۇسنى بېقىپ، ئەينى يىلىدىكى 400 مىليون كىشى تويغۇچە تاماق يېيەلمەسلىكتىن بۈگۈنكى 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق كىشى ياخشى يېيەلەيدىغان ھالەتنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، «جۇڭگونى كىم باقىدۇ» دېگەن مەسىلىگە كۈچلۈك جاۋاب بەردى. بۇ نەتىجە تەستە قولغا كەلدى، ئۇنى داۋاملىق مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش كېرەك. ئاشلىق بىخەتەرلىكىدىن ئىبارەت بۇ مەسىلىدە قىلچە بىخۇدلۇق قىلىشقا بولمايدۇ، سانائەتلىشىشكە قەدەم قويۇپ، تاماق مەسىلىسىنى بولسىمۇ - بولمىسىمۇ بولىدىغان مەسىلە دەپ قاراشقا بولمايدۇ، شۇنداقلا خەلقئارا بازارغا تايىنىپ ھەل قىلىشتىن ئۈمىد كۈتمەسلىك كېرەك. سۇ كەلگۈچە توغان سېلىپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىدىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى باشتىن - ئاخىر چىڭىتىپ، ئۆزىمىزنى ئاساس قىلىش، مەۋقەنى دۆلەت ئىچىگە قويۇش، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، مۇۋاپىق ئىمپورت قىلىش، پەن - تېخنىكىنى تىرەك قىلىشتا باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى تەكشۈرۈپ باھالاشنى چىڭىتىپ، ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونى، ئاساسلىق سېتىش رايونى، ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش تەڭپۇڭ رايونلارنىڭ ھەممىسىدە تاماق قاچىسىنى تەڭ تۇتۇش، مەسئۇلىيەتنى تەڭ زىممىگە ئېلىش كېرەك. ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئاشلىقنى مۇقىملاشتۇرۇپ، كۆممىقوناقنى مۇقىملاشتۇرۇپ، دادۇر ئىشلەپچىقىرىشنى كېڭەيتىپ، ياغلىق زىرائەت ئىشلەپچىقىرىشنى كېڭەيتىپ، يىللىق ئاشلىق مەھسۇلات مىقدارىنىڭ 1 تىرىليون 300 مىليارد جىڭدىن يۇقىرى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، جۇڭگولۇقلارنىڭ تاماق قاچىسىغا ئاساسلىقى جۇڭگو ئاشلىقىنىڭ قاچىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. دېھقانلارنىڭ ئاشلىق تېرىش ئاكتىپلىقىنى قوغداپ، مۇۋاپىق كۆلەملىك ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دېھقانلارنى پايدىغا ئېرىشەلەيدىغان، كۆپ پايدا ئالالايدىغان قىلىش كېرەك. يېمەك - ئىچمەك ئىسراپچىلىقىنى توسۇش بىر تۈرلۈك ئۇزاق مۇددەتلىك ۋەزىپە، قەتئىي بوشاشماي چىڭ تۇتۇپ، تېجەشلىك جەمئىيەت بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: تېرىلغۇ يەر ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشتىكى جان تومۇر، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەڭگۈ تەرەققىي قىلىشىدىكى ئاساس. ئېتىز چوقۇم ئېتىز بولۇشى كېرەك، ئۇنى پەقەت تېرىقچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇشقا، بولۇپمۇ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشقىلا ئىشلىتىشكە بولىدۇ، ئەڭ قاتتىق بولغان تېرىلغۇ يەرنى قوغداش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشلىتىلىش ئورنىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلەش بىلەن تولۇقلاشنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، يەرنىڭ ئوبوروت قىلىپ ئىشلىتىلىش ئورنىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاق تاشلىۋېتىلگەن يەرلەردىن پايدىلىنىشنى ئالغا سىلجىتىپ، تېرىلغۇ يەرنى «يېزا ئىگىلىكىدىن باشقا ئىشلارغا ئىشلىتىش»نى، ئاساسىي ئېتىزلارنى «ئاشلىقتىن باشقا ئىشلارغا ئىشلىتىش»نى قەتئىي توسۇش كېرەك. ئېتىز جەزمەن مۇنبەت ئېتىز بولۇشى كېرەك، دۆلەت ئاشلىق بىخەتەرلىكى كەسىپ بەلبېغى قۇرۇپ، ئېتىز - ئېرىق سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، قارا تۇپراقنى قوغداش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، شورلۇق يەرلەرنى تۈرگە ئايرىپ ئۆزگەرتىپ، تىرىشىپ 1 مىليارد مو يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز بەرپا قىلىش كېرەك. ئەڭ ئۆتكۈر بولغان قاتتىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ھەر دەرىجىلىك يەرلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ تېرىلغۇ يەرنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك چىڭىتىش كېرەك، مەركەز ھەرقايسى جايلار بىلەن تېرىلغۇ يەرنى قوغداش «ھەربىي بۇيرۇق ۋەدىنامىسى»نى ئىمزالاپ، قاتتىق تەكشۈرۈپ باھالاپ، مەسئۇلىيەتنى ئۆمۈرلۈك سۈرۈشتۈرۈپ، 1 مىليارد 800 مىليون مو تېرىلغۇ يەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ھەقىقىي بار بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: تاماق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ تۈپ چىقىش يولى پەن - تېخنىكىدا. ئۇرۇقلۇق مەنبەسىنىڭ بىخەتەرلىكى دۆلەت بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك، جەزمەن دۆلىتىمىزنىڭ ئۇرۇقچىلىق كەسپىنى يۈكسەلدۈرۈشكە ئىرادە باغلاپ، ئۇرۇقچىلىق پەن - تېخنىكىسىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئۇرۇقلۇق مەنبەسىنى ئۆز ئالدىغا كونترول قىلالايدىغان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. دۆلىتىمىزنىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەۋزەل بايلىقلارنى ئىلمىي تەقسىملەپ، ئۇرۇقچىلىق كەسپى ساھەسىدىكى دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئۇللۇق، ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان تەتقىقاتنى كۈچەيتىپ، ئۇرۇقلۇق سۈپىتى بايلىقىنى يىغىش، قوغداش ۋە ئېچىپ پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، بىيولوگىيەلىك سورت يېتىشتۈرۈشنى كەسىپلەشتۈرۈش قەدىمىنى تېزلىتىش كېرەك. يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشتىكى سۇبيېكتلىق ئورنىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سورتلارنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش ۋە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرى قۇرۇلۇشىنى تۇتقا قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئۇرۇقچىلىق كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: چوڭ يېمەكلىك قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇشنى چىقىش قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ يېمەكلىك قۇرۇلمىسىدىكى ئۆزگىرىش يۈزلىنىشىنى ئىگىلەپ، ئاشلىق تەمىناتىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىللە، گۆش تۈرى، كۆكتات، مېۋە - چېۋە، سۇ مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق تۈرلۈك يېمەكلىكلەر بىلەن ئۈنۈملۈك تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، ئۇنىڭ بىرىمۇ كەم بولسا بولمايدۇ. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشى قوغداش ئالدىنقى شەرتىدە، تېرىلغۇ يەر بايلىقىنى پۈتكۈل دۆلەت زېمىن بايلىقىغا كېڭەيتىپ، ئاشلىق تېرىشقا ماس كەلسە ئاشلىق تېرىپ، ئىقتىسادىي زىرائەت تېرىشقا ماس كەلسە ئىقتىسادىي زىرائەت تېرىپ، چارۋا بېقىشقا ماس كەلسە چارۋا بېقىپ، بېلىق بېقىشقا ماس كەلسە بېلىق بېقىپ، ئورمان بىنا قىلىشقا ماس كەلسە ئورمان بىنا قىلىپ، بازار ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلاشقان، بايلىق، مۇھىتنىڭ بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىغا ماس كېلىدىغان زامانىۋى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلمىسى ۋە رايون ئورۇنلاشتۇرمىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ئورماندىن يېمەكلىككە ئېرىشىش، دەريا، كۆل، دېڭىزلاردىن يېمەكلىككە ئېرىشىش، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىدىن يېمەكلىككە ئېرىشىش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئەنئەنىۋى دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى ۋە چارۋا، ئۆي قۇشلىرى بايلىقىدىن تېخىمۇ مول جانلىقلار بايلىقىغا كېڭىيىپ، بىيو پەن - تېخنىكا، جانلىقلار كەسىپلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئۆسۈملۈك، ھايۋانات، مىكرو ئورگانىزملاردىن ئىسسىقلىققا ئېرىشىش، ئاقسىلغا ئېرىشىش كېرەك. يېزا ئىگىلىكىدىكى تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، يېمەكلىك بايلىقىنى ھەر تەرەپلىمە، كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق ئېچىپ، مول، كۆپ خىل يېمەكلىك تۈرلىرىنى ئېچىپ، تۈرلۈك يېمەكلىك تەمىناتى بىلەن ئېھتىياجنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ كۈنسېرى كۆپ مەنبەلىشىۋاتقان يېمەكلىك ئىستېمال ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىلا كۆزلەشكە بولمايدۇ، يەنە جەزمەن يېزا ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، دېھقانلارغا بولغان ئىدىيە - ئەخلاق تەربىيەسىگە ئەھمىيەت بېرىپ، قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىپ، يېزا - كەنت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆزىنى ئىدارە قىلىش ئەمەلىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كەنت قائىدىسى، ئاھالىلەر ئەھدىنامىسى، ئائىلە تەربىيەسى، ئائىلە ئىستىلىنىڭ رولىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇپ، مەدەنىي يېزا ئىستىلى، ياخشى ئائىلە ئىستىلى، سەمىمىي خەلق ئىستىلىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. يېزىلاردا قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىشنى دائىملاشتۇرۇش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، يېزىلاردىكى قارا، رەزىل كۈچلەر، ئۇرۇقداش رەزىل كۈچلەرگە سىجىل زەربە بېرىش، يېزىلاردىكى شەھۋانىيلىق، قىمارۋازلىق، زەھەر چېكىشكە ۋە ئاياللار، بالىلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىگە دەخلى - تەرۇز قىلىدىغان قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارغا قانۇن بويىچە زەربە بېرىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: دۆلىتىمىز دۇنيادىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلدى. ئىجتىمائىي كاپالەت ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا سىجىل كۈچەپ، تۈزۈمنىڭ بىردەكلىكى ۋە قېلىپلىشىشىنى كۈچەيتىپ، كۆپ قاتلاملىق، كۆپ تىرەكلىك ياشانغانلار كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى سىستېمىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىغا كىرگۈزۈش كېرەك. جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئىشسىزلىق، ئىشتا يارىلىنىش، تۇغۇت سۇغۇرتىسى بىلەن قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشىنىڭ تېخىمۇ ئادىل، قاپلاش دائىرىسىنىڭ تېخىمۇ كەڭ بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنىڭ تىنچ - خاتىرجەم ئۆتۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئىجتىمائىي كاپالەت فوندىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، تۈرلۈك ئىجتىمائىي كاپالەت مەبلىغىنى ھىيلە ئىشلىتىپ ئالداپ ئېلىۋېلىش، كۆز بويامچىلىق قىلىپ ئېلىۋېلىش ياكى يۆتكەپ ئىشلىتىۋېلىش، قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىشتەك قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىپ، خەلق ئاممىسنىڭ ھەربىر پۇڭ «ياشانغانلار كۈتۈنۈش پۇلى»، «جان ساقلاش پۇلى»نى ياخشى قوغداش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: خەلق تۇرمۇشىدا كىچىك ئىش يوق، ھەربىر شاخ، ھەربىر يوپۇرماققىمۇ كۆيۈنۈش كېرەك. قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا قارىتا، بىز ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، ئالاھىدە كۆيۈنۈپ، ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارنىڭ غەم - ئەندىشە، قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىشىمىز كېرەك. جەمئىيەت قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاساسىي تۇرمۇش قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش، مەخسۇس تۈر بويىچە جەمئىيەت قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش، جىددىي ئەھۋالدىكىلەرنى، قىيىنچىلىقتا قالغانلارنى جەمئىيەت قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان، ئىجتىمائىي كۈچلەر قاتنىشىش تولۇقلىما قىلىنغان، قاپلاش ئومۇميۈزلۈك بولغان، قاتلام ۋە تۈرگە ئايرىلغان، ئۇنىۋېرسال، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان جەمئىيەت قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلارنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئېھتىياجىغا ئاساسەن دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، تۈرلۈك قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش مەبلىغىنى ۋاقتىدا، تولۇق تارقىتىپ، ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تۆۋەن چەكنى ساقلاش، تۆۋەن چەكنى دەل ساقلاش، تۆۋەن چەكنى ياخشى ساقلاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يېزىلارنىڭ ئىجتىمائىي پاراۋانلىقىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، يېزىلاردىكى ياشانغانلار، بالىلار، «ئۆيىدە قالغان ئۈچ خىل كىشىلەر» قاتارلىق ئالاھىدە ۋە قىيىنچىلىقى بار توپلارغا كۆڭۈل بۆلۈش، كۆيۈنۈشنى كۈچەيتىش كېرەك. يۇقۇم، ئاپەت سەۋەبىدىن قىيىنچىلىقتا قالغان ئاممىنى ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش سالمىقىنى زورايتىپ، مېيىپلەرنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، تەربىيەلەش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، سەرگەردان، تىلەمچىلەرنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكى ۋە ئاساسىي تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، روھىي توسالغۇغا ئۇچرىغانلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ، كۆيۈنۈپ، ئاياللار، بالىلار، ياشانغانلار، مېيىپلەرنى بوزەك قىلىش، خورلاش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى قەتئىي تۈگىتىش كېرەك.

  دىڭ شۆشياڭ، جاڭ چىڭلى، لى بىن، ۋاڭ يۇڭچىڭ، گۇ شېڭزۇ قاتارلىقلار بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتناشتى.

  مەنبە: خەلق يورى

  
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ