شى جىنپىڭ كورېيەنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغان يىن شىيۆگە تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى
2022.03.14 09:13 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
3 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يىن شىيۆگە تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ كورېيەنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن كورېيە ئۆزئارا يېقىن قوشنا ۋە مۇھىم ھەمكارلىق ھەمراھلىرى. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، جۇڭگو - كورېيە مۇناسىۋىتى تېز تەرەققىي قىلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە ئەمەلىي نەپ ئېلىپ كېلىپ، رايون، ھەتتا دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى، گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پائال تۆھپە قوشتى. بۇ يىل جۇڭگو - كورېيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقى، بۇ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. جۇڭگو تەرەپ كورېيە تەرەپ بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان ئەسلىي مەقسەتتە چىڭ تۇرۇپ، دوستانە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو - كورېيە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ