مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەن جېڭ ئايرىم – ئايرىم ھالدا شياڭگاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى، ئاۋمېن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى

2022.03.10 16:51 مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ 3 – ئاينىڭ 7 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئايرىم - ئايرىم ھالدا 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شياڭگاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى، ئاۋمېن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. شياڭگاڭ، ئاۋمېن رايونىدىكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، خەن جېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۆتكەن بىر يىلدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئورتاق تىرىشىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەرەلىدە غەلىبە قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتنى قەرەلىدە قۇرۇپ چىقىپ، «14 - بەش يىل»نى ياخشى باشلاپ، دۆلىتىمىز تەرەققىياتىدا يەنە يېڭى، مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. مەركەزنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى، ئالاھىدە مەمۇرىي رايوننىڭ باش مەمۇرى ۋە ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتىنىڭ يىتەكچىلىكىدە، شياڭگاڭ، ئاۋمىنلار پائال تۈردە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغدايدىغان قانۇن - تۈزۈمى ۋە ئىجرا قىلىش مېخانىزمى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتى، سايلام تۈزۈمى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتى، «شياڭگاڭنى ۋەتەنپەرۋەرلەر ئىدارە قىلىش»، «ئاۋمېننى ۋەتەنپەرۋەرلەر ئىدارە قىلىش» پۇختا تۈزۈم كاپالىتىگە ئېرىشتى، ئالاھىدە مەمۇرىي رايوننىڭ دېموكراتىيە ئەمەلىيىتىدە يېڭى كەيپىيات نامايان قىلىندى. مەركەزنىڭ «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ئىرادىسى قەتئىي تەۋرەنمەيدۇ، «شياڭگاڭنى شياڭگاڭلىقلار ئىدارە قىلىش»، «ئاۋمېننى ئاۋمېنلىقلار ئىدارە قىلىش» يۈكسەك ئاپتونومىيە فاڭجېنىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمايدۇ. شياڭگاڭنىڭ نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىپىسى پۈتۈن كۈچ بىلەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بولۇپ، مەركەزدىكى ھەر قايسى ئالاقىدار تارماقلار ۋە يەرلىك پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللاپ، تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىپ، داۋالاش جەھەتتە ئادەم كۈچى ۋە ماددىي كۈچ بىلەن قوللاشنى كۈچەيتىپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ تىنچ ۋە ئىجتىمائىي ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئاۋمېن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى قەتئىي بوشاشماي ياخشى ئىشلەپ، تەستە قولغا كەلگەن ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىش نەتىجىلىرىنى ياخشى مۇستەھكەملىشى، قوغدىشى كېرەك. خەن جېڭ شياڭگاڭ، ئاۋمېن رايونىدىكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ خىزمىتىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، كۆپچىلىكنىڭ مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، باش مەمۇر ۋە ئالاھىدە رايون ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشىنى قەتئىي قوللاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ئىشلەپ، شياڭگاڭ خەلقئارا پۇل مۇئامىلە مەركىزى ۋە خەلقئارا يېڭىلىق يارىتىش بۆلۈمى مەركىزىنى ياخشى قۇرۇپ، خېڭچىن گۇاڭدۇڭ - ئاۋمېن چوڭقۇر ھەمكارلىق رايونى قۇرۇلۇشى پۇرسىتىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇملۇقىغا پائال سىڭىشىپ، دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ