مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 5 - يىغىنى يېپىلدى

شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتناشتى ۋاڭ ياڭ سۆز قىلدى

2022.03.14 09:00 مەنبە: خەلق تورى

  3 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 5 - يىغىنى بېيجىڭدا يېپىلدى. شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىقلار رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى، ۋاڭ ياڭ يېپىلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى

  3 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 5 - يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا يېپىلدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يېپىلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى

  جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 5 - يىغىنى تۈرلۈك قارالمىلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، 3 - ئاينىڭ 10 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا يېپىلدى. يىغىندا مۇنداق چاقىرىق قىلىندى: خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرى، قاتناشقان ئورۇنلار ۋە كەڭ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىنتىلىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

  يىغىنغا مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن جاڭ چىڭلى، ليۇ چىباۋ، پابالا گېليېلاڭجيې، ۋەن گاڭ، خې خوۋخۇا، لۇ جەنگۇڭ، ما بياۋ، چېن شياۋگۇاڭ، لياڭ جېنيىڭ، شيا باۋلۇڭ، لى بىن، باتېر، ۋاڭ يۇڭچىڭ، خې لىفېڭ، سۇ خۇي، جېڭ جيەنباڭ، گۇ شېڭزۇ، ليۇ شىنچېڭ، خې ۋېي، شاۋ خۇڭ، گاۋ يۈنلۇڭ رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىنقى رېتىدىن ئورۇن ئالدى.

  شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىقلار رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.

  چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9دا يېپىلىش يىغىنى باشلاندى. ۋاڭ ياڭ جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 5 - يىغىنىغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ئەزا 2157 كىشى، ئەمەلىي قاتناشقىنى 1969 كىشى، بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن، دەپ ئېلان قىلدى.

  يىغىندا سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 5 - يىغىنىنىڭ دائىمىي كومىتېت خىزمىتىدىن دوكلات توغرىسىدىكى قارارى، سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 5 - يىغىنىنىڭ سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 4 - يىغىنىدىن بۇيانقى تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالىدىن دوكلات توغرىسىدىكى قارارى، سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى تەكلىپ كومىتېتىنىڭ سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 5 - يىغىنىدىكى تەكلىپلەرنى تەكشۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى، سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 5 - يىغىنىنىڭ سىياسىي قارارى ماقۇللاندى.

  ۋاڭ ياڭ سۆزىدە مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى يىغىن ئاكتىپ كۈچنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەپ، تولۇپ تاشقان جۇشقۇن، كۆتۈرەڭگۈ كەيپىياتتا ئېچىلدى، بۇ، بايراق ئېگىز كۆتۈرۈلگەن، دېموكراتىك، ئىتتىپاق، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل، ئىخچام، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان بىر قېتىملىق يىغىن بولدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ رەھبىرىي يولداشلىرى يىغىننىڭ ئېچىلىش يىغىنى ۋە يېپىلىش يىغىنىغا قاتنىشىپ، ساھە گۇرۇپپىلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ پىكىرلەرنى ئاڭلاپ، ئەزالار بىلەن دۆلەت ئىشلىرىنى ئورتاق كېڭەشتى. بارلىق ئەزالار ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات ۋە باشقا دوكلاتلارنى ئەستايىدىل مۇزاكىرە قىلىپ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتى خىزمىتىدىن دوكلات قاتارلىق ھۆججەتلەرنى قاراپ چىقتى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەركىزىي خىزمىتىنى چۆرىدەپ ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى چوڭقۇر كېڭەشتى. ئەزالار بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى ئىجادىي خاراكتېرلىك ئىدىيە، ئۆزگىرىش ياساش خاراكتېرلىك ئەمەلىيەت، بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەش، بەلگە خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنى چوڭقۇر تونۇپ، «ئىككىنى قوغداش»تىكى سىياسىي ئاڭلىقلىقىمىزنى ھەقىقىي كۈچەيتىشىمىز كېرەك. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 20 - قۇرۇلتىيىنى كۈتۈۋېلىش، 20 - قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى بۇ يىللىق مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئىدىيە جەھەتتە يېتەكچىلىك قىلىشتا ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، كېڭىشىش ۋە تەكلىپ بېرىشتە نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشتا نەتىجە يارىتىپ، تەكشى، مۇقىم، ساغلام بولغان ئىقتىسادىي مۇھىت، دۆلەت تىنچ، خەلق خاتىرجەم بولغان جەمئىيەت مۇھىتى، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي مۇھىتنى ساقلاش ئۈچۈن سىياسىي كېڭەشنىڭ كۈچىنى قوشۇش كېرەك.

  ۋاڭ ياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ يىل 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان ئەڭ ئاخىرقى بىر يىل. بۇ نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەش 1 - يىغىنىنىڭ يېپىلىش يىغىنىدا، بىز جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىدىن ئىبارەت بۇ سىياسىي تەشكىلات بىزگە يۈكلىگەن مەسئۇلىيەتنى دەل جايىدا ئىگىلەشنى ئوتتۇرىغا قويدۇق، جەزمەن بايراق روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىش، جەزمەن خەلقنى مەركەز قىلىپ مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىش، جەزمەن راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇپ كېڭىشىش ئىقتىدارىمىز ۋە سەۋىيەرىمىزنى ئۆستۈرۈشنى تەكىتلىدۇق. تۆت يىلدىن بۇيان، بىز بۇ خىزمەت پىرىنسىپى ۋە ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، سىياسىي ئىقتىدارىمىز، خەلقچىل ھېسسىياتىمىز ۋە كېڭىشىش ئىقتىدارىمىزنى كۈچەيتتۇق. يېڭى مۇساپىدە، بۇ پىرىنسىپ ۋە ئىدىيەنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشنى جەزمەن ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشىمىز، تېخىمۇ ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك. سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىمىز، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارىمىز، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىمىزنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئاڭلىق ھالدا ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ خىزمەتلىرىگە بولغان تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى مۇجەسسەملەشتىن ئىبارەت سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي زىممىمىزگە ئېلىشىمىز كېرەك. خەلق ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىمىزنى ئادا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە چوڭقۇر چۆكۈپ، خەلق ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇپ خەلقنى غەمدىن خالاس قىلىپ، باھاردىكى دەل ۋاقتىدا ياغقان يامغۇردەك خەلق قەلبىنى مۇجەسسەملەپ، خەلقنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىپ، خەلقنىڭ ئىلتىماس - تەلىپىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، خەلقنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان يېڭى ئارزۇسىنى چىڭ كۆزلەپ ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ ۋە تەكلىپ بېرىپ، ئەزالار تاپشۇرۇقىنى جۇڭخۇا زېمىنىغا يېزىشىمىز، ھەر ساھەدىكى ئامما ئېتىراپ قىلغۇدەك يېزىشىمىز كېرەك. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كېڭىشىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، كېڭىشىش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، كېڭىشىش مەدەنىيىتىنى يېتىلدۈرۈپ، يېڭى تەجرىبە ۋە ئۇسۇللارنى يەكۈنلەشكە دىققەت قىلىپ، مەسلىھەت بىلەن ئىش قىلىش، كۆپچىلىكنىڭ ئىشىنى كۆپچىلىك مەسلىھەتلىشىشتىن ئىبارەت تۈزۈملەشكەن ئەمەلىيەتنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، مەسىلىگە يولۇققاندا كۆپرەك كېڭىشىش، قوش يۆنىلىشلىك ھەمتۈرتكىلىك كېڭىشىش، سەمىمىي، ئوچۇق - يورۇق بولۇپ ھەقىقىي كېڭىشىش، تولۇق پىكىر ئالماشتۇرۇپ چوڭقۇر كېڭىشىشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

  ۋاڭ ياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، غايە - ئېتىقاد بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش يەلكىنىنى ئېگىز جەۋلان قىلدۇرۇپ، پۇختا قەدەمدە تەۋرەنمەي كۈرەش قىلىپ مەسئۇلىيەتنى تىرىشىپ ئادا قىلىپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، داۋاملىق سەھىپە پۈتۈپ، بەش يىللىق لاياقەتلىك جاۋاب قەغىزى تاپشۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك.

  يېپىلىش يىغىنىغا قاتناشقان رەھبىرىي يولداشلاردىن يەنە: دىڭ شۆشياڭ، ۋاڭ چېن، ليۇ خې، شۈ چىلياڭ، سۈن چۇنلەن، لى شى، لى چياڭ، لى خۇڭجۇڭ، ياڭ جيېچى، ياڭ شياۋدۇ، جاڭ يوۋشيا، چېن شى، چېن چۈەنگو، چېن مىنئېر، خۇ چۇنخۇا، گو شېڭكۇن، خۇاڭ كۇنمىڭ، سەي چى، يوۋ چۈەن، ساۋ جيەنمىڭ، جاڭ چۇنشيەن، شېن يۆيۆ، جى بىڭشۈەن، ئەركىن ئىمىرباقى، ۋەن ئېشياڭ، چېن جۇ، ۋاڭ دۇڭمىڭ، بەيما چىلىن، دىڭ جۇڭلى، خاۋ مىڭجىن، سەي دافېڭ، ۋۇ ۋېيخۇا، ۋېي فېڭخې، ۋاڭ يۇڭ، ۋاڭ يى، شياۋ جيې، جاۋ كېجى، جوۋ چياڭ، جاڭ جۈن قاتارلىقلار بار.جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار يېپىلىش يىغىنىغا سىرتتىن قاتناشتى. چەت ئەللەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى قاتارلىقلار تەكلىپ بىلەن يېپىلىش يىغىنىغا قاتناشتى.

  يىغىن ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە يېپىلدى.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ