مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى

يىغىندا «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»تىكى نۇقتىلىق ۋەزىپە، ئىش تەقسىماتى بېكىتىلىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۇختا، كۈچلۈك تۇتۇپ، ئىقتىسادنىڭ قىيىنچىلىقتىن ئۆتۈش داۋامىدىكى تەكشى، مۇقىم ئايلىنىشىنى ساقلاشقا تۈرتكە بولۇش تەلەپ قىلىندى

2022.03.16 09:45 مەنبە: خەلق تورى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 3-ئاينىڭ 14-كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»تىكى نۇقتىلىق ۋەزىپە، ئىش تەقسىماتى بېكىتىلىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىپۇختا، كۈچلۈك چىڭ تۇتۇپ، ئىقتىسادنىڭ قىيىنچىلىقتىن ئۆتۈش داۋامىدىكىتەكشى، مۇقىم ئايلىنىشىنى ساقلاشقا تۈرتكە بولۇش تەلەپ قىلىندى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئەمدىلا يېپىلغان 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5- يىغىنىدا قاراپ چىقىپ ماقۇللانغان «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»تا پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى نىشان-ۋەزىپىلەر بېكىتىلدى، جەزمەن سۈپەتكە، مىقدارغا كاپالەتلىك قىلىپ جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ خەلققە بەرگەن ۋەدىسىنى نەقلەشتۈرۈش كېرەك. يىغىندا «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»تا ئوتتۇرىغا قويۇلغان 44 جەھەتتىكى 52 تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەت گوۋۇيۈەن تارماقلىرى ۋە ئالاقىدار جايلارغا تەقسىملەندى ھەمدە ئۇلارنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە تاماملاش مۇددىتى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھازىر ئىقتىساد يېڭى تۆۋەنلەش بېسىمىغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ، قىيىنچىلىق، خىرىسلار كۆپىيىۋاتىدۇ. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، دەۋرىيلىك تەڭشەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مۇقىم ئاشۇرۇشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۈتۈن يىللىق نىشان-ۋەزىپىلەرنى تىرىشىپ ئورۇنداش كېرەك. بىرىنچىدىن، خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى، ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ ماكرو سىياسىتىنى تەڭشىشى، كۆپ مىقدارلىق تاۋارلارنىڭ يۈزلىنىشى قاتارلىقلار ۋە ئۇلارنىڭ دۆلىتىمىزگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى يېقىندىن ئىز قوغلاپ كۆزىتىپ، تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى، ئىشقا ئورۇنلىشىش، مال باھاسى قاتارلىقلارنىڭ مۇۋاپىق دائىرىدە مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ ئىككىنچىدىن، بازار سۇبيېكتىنى مۇقىملاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا كاپالەتلىك قىلىش ھەققىدىكى ماكرولۇق سىياسەتنى پۇختا، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. باجنى قايتۇرۇش، باجنى كېمەيتىش بۇ يىللىق ماكرولۇق ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق تەدبىر، قوشۇلما قىممەت بېجىنى تۇتۇپ قېلىپ باج قايتۇرۇشنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى تېزدىن ئىنچىكىلەشتۈرۈپ ۋە يولغا قويۇپ، قايتۇرۇشقا تېگىشلىك باج پۇلىنى تېزرەك قايتۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى تېزدىن قايتۇرۇپ، بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە كارخانىلارنىڭ ھېساباتىغا قايتۇرۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار، يەككە سودا –سانائەتچىلەرنى قوللايدىغان باشقا باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش سىياسەتلىرىگە قارىتا مۇددەتنى ئۇزارتىش، دائىرىنى كېڭەيتىش، كۈچ قوشۇش ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چىڭ تۇتۇپ تەتقىق قىلىش كېرەك. ئالاھىدە بەلگىلەنگەن دۆلەت پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ۋە مەخسۇس تىجارەت ئاپپاراتلىرىنىڭ قانۇن بويىچە تاپشۇرغان پايدىسىنى ۋاقتىدا ئامبارغا كىرگۈزۈشكە تۈرتكە بولۇپ، يەرلىكنىڭ باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش يۆتكىمە چىقىمىنىڭ شەھەر، ناھىيە ئاساسىي قاتلاملىرىغا ۋاقتىدا بىۋاسىتە يەتكۈزۈلۈشىنى قوللاپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ كارخانىلارغا ياردەم بېرىش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش مالىيە تىرىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. جايلار ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ، بازار سۇبيېكتى، بولۇپمۇ ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ساھەلەرگە قارىتا ئۆي ئىجارىسىنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش، ئېنېرگىيە ئىشلىتىش خىراجىتىنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق يۆلەش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشى كېرەك. پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى كونكرېت تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا يېتەكلەپ، ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشتىكى ئېرىشىشچانلىقىنى ئاشۇرۇش، ئۇنىۋېرسال مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش تەلىپىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىچكى ئېھتىياجنى پائال كېڭەيتىپ، ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى قويۇپ بېرىش ۋە ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى ئاشۇرۇش كېرەك. توك، كۆمۈر بىلەن مۇقىم تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ ئۈچىنچىدىن، نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنىڭ ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىپ، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش، كارخانا تىجارىتى ۋە ئاھالىلەرنىڭ ئىش بېجىرىشىگە قولايلىق يارىتىدىغان بىر تۈركۈم ئەمەلىي تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى باشقا جايدا بېجىرىش، توردا راۋان بېجىرىشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. كىملىكنى ئېلېكتىرونلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كود سىكاننېرلاش ئارقىلىق كىملىك ئىشلىتىشكە تېگىشلىك مۇلازىمەت ئىشلىرىنى بېجىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىلەن بىللە، ئاممىنىڭ ئۇچۇر بىخەتەرلىكى ۋە مەخپىيەتلىكىگە ياخشى كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئادىل رىقابەتنى قوغداش كېرەك. ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك. كارخانىلارنىڭ تەتقىق قىلىپ ئېچىش خىراجىتىنى قوشۇپ ھېسابلاپ تۇتۇپ قېلىش، ئاساسىي تەتقىقاتتا باجدا ئېتىبار بېرىش قاتارلىق رىغبەتلەندۈرۈش سىياسەتلىرىنى ياخشى يولغا قويۇپ، كارخانىلارنىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. تاشقى سودىنى مۇقىملاشتۇرۇش، تاشقى مەبلەغنى مۇقىملاشتۇرۇشتا دۇچ كەلگەن يېڭى ئەھۋاللارغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بېكىتىلىپ بولغان سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، تاشقى سودا، چەت ئەل مەبلىغى كارخانىلىرىنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ تۆتىنچىدىن، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشتىكى ئەمەلىي ئىشلارنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن كۆڭۈل قويۇپ ياخشى ئىشلەش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش كېرەك. مەجبۇرىيەت مائارىپى، ئاساسىي داۋالىنىش، ئاساسىي تۇرالغۇ قاتارلىق ئاساسىي خەلق تۇرمۇشى كاپالىتىنى كۈچەيتىش تەدبىرلىرىنى ياخشى يولغا قويۇپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ خەلق تۇرمۇشى تۆۋەن چېكىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك؛ بەشىنچىدىن، جايلار، تارماقلار تەخىرسىزلىك ئېڭىنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، بارلىق ئاكتىپ ئامىللارنى قوزغاپ، خىزمەتلەرنى ئىجادىي قانات يايدۇرۇشى كېرەك. ھەيدەكچىلىك قىلىپ تەكشۈرۈش، ھەيدەكچىلىك قىلىپ بېجىرىشنى داۋاملىق چىڭ تۇتۇپ، بىر-بىرىگە بەس سېلىپ، قۇرۇق تالاش- تارتىش قىلىدىغان، «ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەيدىغان»، بولۇپمۇ ئاممىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق –مەنپەئەتىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشى بىلەن كارى بولماسلىق قاتارلىق قىلىدىغاننى قىلماسلىق، ئىشنى قالايمىقان قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە تۈزىتىپ، خىزمەتلەردە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار تەتقىق قىلىندى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ