مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ تۈركمەنىستاننىڭ زۇڭتۇڭى بەردىمۇھەممەدوف، سايلانغان زۇڭتۇڭى سەردار بەردىمۇھەممەدوف بىلەن تېلېفونلاشتى

2022.03.18 09:28 مەنبە: خەلق تورى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 3 - ئاينىڭ 16 - كۈنى چۈشتىن كېيىن تۈركمەنىستاننىڭ زۇڭتۇڭى بەردىمۇھەممەدوف، سايلانغان زۇڭتۇڭى سەردار بەردىمۇھەممەدوف بىلەن تېلېفونلاشتى.

  شى جىنپىڭ تۈركمەنىستان زۇڭتۇڭ سايلىمىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى تەبرىكلىدى، سەردار بەردىمۇھەممەدوفنىڭ تۈركمەنىستاننىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەبرىكلىدى، تۈركمەنىستاننىڭ «قۇدرەتلىك دۆلەتنىڭ يېڭى دەۋردىكى گۈللىنىشى» داۋامىدا يېڭى، تېخىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو - تۈركمەنىستان مۇناسىۋىتىدە ھالقىما تەرەققىيات ئىشقا ئاشۇرۇلدى، ئىككى تەرەپ ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتتى، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتتى. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو - تۈركمەنىستان مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، تۈركمەنىستان تەرەپنىڭ تۈرلۈك ئىچكى - تاشقى سىياسەتلىرىنى داۋاملىق قەتئىي قوللايدۇ، تاشقى كۈچلەرنىڭ تۈركمەنىستاننىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، تۈركمەنىستان تەرەپ بىلەن ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىش، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىش ئاساسىدا جۇڭگو - تۈركمەنىستان مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ تېخىمۇ قويۇق بولغان جۇڭگو - تۈركمەنىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو - تۈركمەنىستان ھەمكارلىقى ئىككى تەرەپنىڭ يۈكسەك دەرىجىدە ئۆزئارا ئىشىنىدىغانلىقى ۋە سەمىمىي دوستلۇقىنى تولۇق نامايان قىلدى. ئىككى تەرەپ ئىمزالىغان ھۆكۈمەتلەر ئارا بەش يىللىق ھەمكارلىق يىرىك پىلانىدا كەلگۈسى بىر مەزگىلدىكى جۇڭگو - تۈركمەنىستان ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىقىنىڭ يول خەرىتىسى تۈزۈپ چىقىلدى، نۇقتىلىق ھەمكارلىق ساھەلىرى ۋە ئالدىن ھەمكارلىشىش يۆنىلىشى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. ئىككى تەرەپ ئېنېرگىيە، تەبىئىي گاز قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى تۈركمەنىستان تەرەپنىڭ «يىپەك يولىنى گۈللەندۈرۈش» ئىستراتېگىيەسى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقى تورتىنى بارغانسېرى زورايتىپ، تېخىمۇ كۆپ يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇشى كېرەك. ھازىر خەلقئارا ۋە رايون ۋەزىيىتى مۇرەككەپ، سەزگۈر بولۇپ، ئىككى تەرەپ مۇھىم، زور مەسىلىلەردە ۋاقتىدا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، قويۇق ھەمكارلىشىپ، ئۆزئارا قوللاپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكتە چىڭ تۇرۇپ، خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ دېموكراتىيەلىشىشى ۋە خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشى كېرەك.

  بەردىمۇھەممەدوف بىلەن سەردار بەردىمۇھەممەدوف يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تۈركمەنىستان - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇۋەپپەقىيەتلەرگە يۈكسەك باھا بېرىپ، تۈركمەنىستان تەرەپنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان دوستانە ھەمكارلىق سىياسىتىگە داۋاملىق قەتئىي ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى، جۇڭگو تەرەپ بىلەن داۋاملىق ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەر تەرەپلىمە ئەمەلىي ھەمكارلىقنى پائال ئالغا سىلجىتىشنى خالايدىغانلىقىنى، تۈركمەنىستان - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ يەنىمۇ راۋاجلىنىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ