مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13-نۆۋەتلىك دائىمىي كومىتېتىنىڭ 21-قېتىملىق يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

ۋاڭ ياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى

2022.03.14 21:54 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سىياسىي كېڭەش 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 21-يىغىنى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا سىياسىي كېڭەش 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 5-يىغىنىنىڭ ئالاقىدار ھۆججەت لايىھەلىرىنى مۇزاكىرە قىلىش ۋە تۈزىتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى؛ سىياسىي كېڭەش 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 5-يىغىنىنىڭ دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارارى (لايىھە)، سىياسىي كېڭەش 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 5-يىغىنىنىڭ سىياسىي كېڭەش 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 4-يىغىنىدىن بۇيانقى تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى توغرىسىدىكى قارارى (لايىھە)، سىياسىي كېڭەش 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى تەكلىپ كومىتېتىنىڭ سىياسىي كېڭەش 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 5-يىغىنىنىڭ تەكلىپلەرنى تەكشۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى (لايىھە)، سىياسىي كېڭەش 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 5-يىغىنىنىڭ سىياسىي قارارى (لايىھە) ماقۇللاندى. يۇقىرىقى ھۆججەتلەرنىڭ لايىھەلىرىنى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلىدىغان سىياسىي كېڭەش 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 5-يىغىنىنىڭ يېپىلىش يىغىنىدا قاراپ چىقىشقا سۇنۇش قارار قىلىندى.

  يىغىندىن ئىلگىرى، ۋاڭ ياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ 69-قېتىملىق رەئىسلەر يىغىنى ئېچىلىپ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى 5-يىغىنىنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئۇنىۋېرسال دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، تۈرلۈك دوكلات ۋە قارار (لايىھە)لەر قاراپ چىقىلدى.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن جاڭ چىڭلى، ليۇ چىباۋ، پابالا گېليېلاڭجيې، ۋەن گاڭ، خې خوۋخۇا، لۇ جەنگۇڭ، ما بياۋ، چېن شياۋگۇاڭ، لياڭ جېنيىڭ، شيا باۋلۇڭ، لى بىن، باتېر، ۋاڭ يۇڭچىڭ، خې لىفېڭ، سۇ خۇي، جېڭ جيەنباڭ، گۇ شېڭزۇ، ليۇ شىنچېڭ، خې ۋېي، شاۋ خۇڭ، گاۋ يۈنلۇڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ