مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ تېلېگرامما ئەۋەتىپ، سەردار بەردىمۇھەممەدوفنىڭ تۈركمەنىستاننىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى

2022.03.16 20:22 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 16-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 3-ئاينىڭ 15-كۈنى سەردار بەردىمۇھەممەدوفقا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ تۈركمەنىستاننىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: مۇستەقىل بولغان 30 يىلدىن بۇيان، تۈركمەنىستاننىڭ دۆلەت قۇرۇلۇشى ۋە مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئىشلىرى تېز تەرەققىي قىلدى. دوستانە قوشنا ۋە ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلاردىن بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو بۇنىڭدىن ئىنتايىن خۇشال. مەن جۇڭگو- تۈركمەنىستان مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان سەردار بەردىمۇھەممىدوف بىلەن بىر يولدا تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، جۇڭگو-تۈركمەنىستان ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتۈشنى خالايمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ