مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ ھىندونېزىيە زۇڭتۇڭى جوكو بىلەن تېلېفونلاشتى

2022.03.18 09:23 مەنبە: خەلق تورى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 3 - ئاينىڭ 16 - كۈنى چۈشتىن كېيىن ھىندونېزىيە زۇڭتۇڭى جوكو بىلەن تېلېفونلاشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ھىندونېزىيە ئوخشاشلا تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەت ۋە يېڭىدىن گۈللەنگەن ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ ۋەكىلى بولۇپ، دۇنيانىڭ 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى ۋە ئەسىر يۇقۇمى ئالدىدا، ئىككى دۆلەت قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، قىيىنچىلىققا قارشى ئىلگىرىلەپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدە سىياسىي، ئىقتىساد، ئادىمىيەت، دېڭىز ئۈستى ھەمكارلىقىدىن ئىبارەت «تۆت چاق ھەرىكەتلىنىدىغان» يېڭى ئەندىزىنى بەرپا قىلدى، ئىتتىپاقلىشىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ۋە ئورتاق تەرەققىي قىلىش ئاساسىي مېلودىيەسىنى ياڭراتتى، جۇڭگو - ھىندونېزىيە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىش چوڭ يۆنىلىشىنى ئايدىڭلاشتۇردى، تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەتلەرنىڭ سەمىمىي ھەمكارلىشىش ئۈلگىسىنى تىكلىدى. جۇڭگو تەرەپ ھىندونېزىيە بىلەن قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ، جۇڭگو - ھىندونېزىيە دوستانە ھەمكارلىقىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى تەرەققىياتقا ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، رايون ۋە يەر شارىۋى تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە تېخىمۇ كۆپ مۇقىملىق ۋە ئاكتىپ كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىككى تەرەپ بىزنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇشىمىزنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنى داۋاملىق كۈچەيتىشى كېرەك. جاكارتا - ۋەنلۇڭ گاۋتيېسىنىڭ قەرەلىدە پۈتۈپ قاتناش باشلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، «رايون ئۇنىۋېرسال ئىقتىساد كارىدورى»، «ئىككى دۆلەت قوش كەسىپلەر رايونى» قاتارلىق نۇقتىلىق تۈرلەرنى ياخشى يولغا قويۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق قۇرۇپ، ھىندونېزىيەنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنى سۈرئەتنى تېزلىتىش بىلەن تەمىنلەش كېرەك. ھىدونېزىيەنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق بولغان، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىغا پايدىلىق بولغان تۈرلەر بولسىلا، جۇڭگو تەرەپ ھەممىسىگە ئاكتىپ پوزىتسىيە تۇتىدۇ. ئىككى تەرەپ يەر شارىۋى بازارنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەمىنات زەنجىرىنىڭ راۋانلىقىنى قوغداپ، يەر شارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىنىڭ پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنى مەركەز قىلغان، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان رايون رامكىسىنى قەتئىي قوغداپ، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ھىندونېزىيەنىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ رەئىس دۆلىتىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، دىققەتنى «ئورتاق جانلىنىش، كۈچلۈك جانلىنىش» باش تېمىسىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بالى ئارىلى باشلىقلار يىغىنىنى ياخشى ئۆتكۈزۈشىنى قوللايدۇ.

  جوكو مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنىنىڭ ئوڭۇشلۇق يېپىلغانلىقىنى تەبرىكلەيمەن، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى تەبرىكلەيمەن. ھازىر ھىندونېزىيەنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان ئىككى تەرەپلىك سودىسى، سېلىنما ھەمكارلىقى تېز سۈرئەتتە ئاشماقتا. ھىندونېزىيە جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، جاكارتا - ۋەنلۇڭ گاۋتيېسىنى قەرەلىدە پۈتكۈزۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىشنى خالايدۇ. ھىندونېزىيە جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئۈچ تەرەپ ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇپ، ھىندونېزىيەنىڭ يېڭى پايتەخت قۇرۇلۇشىغا كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. جۇڭگو تەرەپنىڭ ھىندونېزىيەنىڭ «رايون ئۇنىۋېرسال ئىقتىساد كارىدورى» قۇرۇلۇشى ۋە يېشىل سانائەت رايونى قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق قوللىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان يەر شارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030 - يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشىدۇ، ھىندونېزىيە پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن قويۇق ئالاقىلىشىپ، تەشەببۇسنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، يەر شارىۋى ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ. ھىندونېزىيە جۇڭگو تەرەپ بىلەن قويۇق ئالاقىلىشىپ، ماسلىشىپ، 20 دۆلەت گۇرۇھى خىزمىتىدە دىققەتنى ئىقتىسادنىڭ جانلىنىشى ۋە يەر شارىۋى تەرەققىياتقا مەركەزلەشتۈرۈپ، تەخىرسىز يەر شارىۋى مەسىلىلەرنى ھەمكارلىشىپ ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  ئىككى تەرەپ ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، بىردەك مۇنداق قارىدى: ھەرقايسى تەرەپلەر ياراشتۇرۇش ۋە سۆھبەتلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، كەڭ كۆلەملىك ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسى يۈزبېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، جازالاشنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىغا كۆرسىتىدىغان سەلبىي تەسىرىنى كونترول قىلىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىش مۇساپىسىگە توسالغۇ بولۇشىدىن ساقلىنىشى كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ