مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يېڭى مۇساپىدە، جەزمەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش شەرت

—— باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

2021.07.07 12:35 مەنبە: خەلق تورى

  «جۇڭگونىڭ ئىشلىرىنى ياخشى قىلىشنىڭ ئاچقۇچى __ پارتىيەدە.» جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيەمىزنىڭ 100 يىللىق كۈرەش شانلىق مۇساپىسىنى چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن ئەسلەپ ئۆتۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۆزلەپ، تارىخنى ئۆرنەك قىلىپ، كەلگۈسىنى يارىتىشتا جەزمەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى.

  ھەيۋەتلىك تاغلارنىڭمۇ جەزمەن بىر ئاساسىي چوققىسى بولىدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى دۆلەتنىڭ ئالىي سىياسىي رەھبەرلىك كۈچى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تۈپ كاپالىتى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ يېقىنقى زاماندىن بۇيانقى 180 نەچچە يىللىق تارىخى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ قۇرۇلغاندىن بۇيانقى 100 يىللىق تارىخى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغاندىن بۇيانقى 70 نەچچە يىللىق تارىخى بىردەك جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بولمىسا، يېڭى جۇڭگونىڭ بولمايدىغانلىقىنى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ بولمايدىغانلىقىنى تولۇق ئىسپاتلىدى.»

  جۇڭگونىڭ يېقىنقى زاماندىن بۇيانقى تارىخىنى چوڭقۇر چۈشىنىش ئارقىلىق شۇنى بايقاش تەس ئەمەسكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى بولمىسا دۆلىتىمىز، مىللىتىمىز بۈگۈنكىدەك نەتىجىلەرگە ئېرىشەلمەيدۇ، بۈگۈنكىدەك خەلقئارا ئورۇنغا ئىگە بولالمايدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى ھىمايە قىلىشى ۋە قوللىشى بولغاچقا، جۇڭگو دۇنيادا ئاز كۆرۈلىدىغان ئىقتىسادىي تېز تەرەققىيات مۆجىزىسى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىق مۆجىزىسىنى ياراتتى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى كۈتۈۋالدى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كەينىگە ياندۇرغىلى بولمايدىغان تارىخىي مۇساپىگە قەدەم قويدى. تارىخ ۋە رېئاللىق بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، تارىخ ۋە خەلقنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش ئىشلىرىغا رەھبەرلىك قىلىشىنى تاللىشى توغرا، ئۇنىڭدا جەزمەن ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش، مەڭگۈ تەۋرەنمەسلىك شەرت.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈپ ئاساسى، جان تومۇرى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك، تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك.» بۇ، پارتىيەنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشىدىكى ئەڭ قىممەتلىك تەجرىبىسى. ھازىر بىز بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جاسارەت بىلەن ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ ئىلگىرىلەۋاتىمىز. مۇرەككەپ ۋەزىيەت ۋە مۈشكۈل ۋەزىپە ئالدىدا، بىز دۇنيادا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش ئىستراتېگىيەسى ئومۇمىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، زور خىرىسلارغا كۈچلۈك تاقابىل تۇرۇپ، ئېغىر، زور خەۋپ-خەتەرگە تاقابىل تۇرۇپ، زور توسالغۇلارنى يېڭىپ، زور زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىپ، نۇرغۇن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى ئېلىپ بېرىشىمىز كېرەك، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئەڭ تۈپ كاپالىتى يەنىلا پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى. پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشتىن ئىبارەت پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان زور پىرىنسىپال مەسىلىدە، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت جەزمەن يۈكسەك ئىدىيەۋى ئاڭلىقلىق، سىياسىي ئاڭلىقلىق، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى ساقلاپ، قىلچە تەۋرەنمەسلىكى كېرەك. بىز پارتىيە رەھبەرلىكىدە باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرساقلا، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى ھەرقانداق جاپا-مۇشەققەت ۋە خەۋپ-خەتەر ئۈستىدىن چوقۇم غەلىبە قىلىپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرالايمىز.

  پارتىيە، ھۆكۈمەت، ھەربىي، خەلق، ئوقۇغۇچىلار، شەرق، غەرب، جەنۇب، شىمال، مەركەز ھەممىسىگە پارتىيە رەھبەرلىك قىلىدۇ. پارتىيە رەھبەرلىكى جەزمەن ئەتراپلىق، سىستېمىلىق، بىر پۈتۈن بولۇشى شەرت. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «يېڭى مۇساپىدە، بىز جەزمەن پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ‹تۆت ئاڭ›نى كۈچەيتىپ، ‹تۆت ئىشەنچ›نى چىڭىتىپ، ‹ئىككىنى قوغداش›نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ‹دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى›نى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيەنىڭ ئىلمىي ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، دېموكراتىك ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنىڭ پۈتۈن ۋەزىيەتنى تولۇق ئىگىلەش، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرۇشتىكى رەھبەرلىك يادروسىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشىمىز كېرەك!» پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشتا ئالدى بىلەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغداشنى ئېنىق سىياسىي مىزان ۋە تۈپ سىياسىي تەلەپ قىلىپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق، ئىچكى ئىشلار، دىپلوماتىيە، دۆلەت مۇداپىئەسى، پارتىيەنى، دۆلەتنى، ئارمىيەنى ئىدارە قىلىش قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردە ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشتا جەزمەن پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنى ئەمەلىيەت، دەۋر، خەلقنىڭ تەلىپىگە تېخىمۇ ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ، ئومۇمىيەتنى ئىگىلەيدىغان، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرىدىغان پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك تۈزۈم سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك ئۇسۇلى ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئۇسۇلىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى ۋە رەھبەرلىك سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنىڭ يۆنىلىشنى ئىگىلەش، ئومۇمىيەتنى كۆزلەش، سىياسەت بەلگىلەش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىقتىدارى ۋە ئىرادىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

  سۇمۇرغ ئۇچار ھامان بىر كۈن شوخ شامالغا جور بولۇپ، پەرۋاز قىلار ئاسماندا ھەيۋەت بىلەن قانات قېقىپ. ئۆتمۈشنى ئەسلىسەك جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلققە، تارىخقا ئەلا جاۋاب بېرىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخى ۋە ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا شانلىق سەھىپە ياراتتى. كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىپ، تېخىمۇ شەرەپلىك بۇرچنى زىممىمىزگە ئېلىشىمىز، تېخىمۇ ئۇلۇغ مۆجىزىلەرنى يارىتىشىمىز كېرەك. پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، ۋەزىيەتكە قاراپ ئىلگىرىلەپ، بوران-چاپقۇنغا قارىماي ئالغا ئىلگىرىلىسىلا، ھېچقانداق قىيىنچىلىق بىزنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويالمايدۇ، ھېچقانداق كۈچ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مەزمۇت قەدىمىنى توسۇپ قالالمايدۇ!

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ