مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

100 يىللىق شانلىق مۇساپىنى يارىتىش مىڭ يىللىق ئۇلۇغۋار ئىشلارنى پۈتۈش

​− جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

2021.07.02 08:27 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بىر ئەسىردىن بۇيان بوران - چاپقۇنغا باش ئېگىلمىدى، 90 مىڭ گەز كۆكتە سۇمۇرغ پەرۋاز قىلدى. سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسى ئوڭۇشلۇق باشلانغان مۇھىم پەيتتە، بىز جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق تۇغۇلغان كۈنىنى كۈتۈۋالدۇق. بۇ مۇھىم، زور تارىخىي تۈگۈن نۇقتىسىدا تۇرۇپ، ئىلگىرىكى كۈرەش يولىغا قايتا نەزەر سالساق، ئالدىمىزدىكى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش يولىغا قارىساق، قەلبىمىزدىكى ھاياجانلىق ھېسسىياتىمىز ئۇرغۇپ، ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىغا چۆمىمىز!

  2021 − 1921، 100 يىلدا شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. پارتىيە قۇرۇلغان مىسلى كۆرۈلمىگەن بۈيۈك ئىشتىن يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشكىچە، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ يەر - جاھاننى زىلزىلىگە كەلتۈرۈشىگىچە، يەنە پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشنى بارلىققا كەلتۈرۈشكىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئەسلىي مەقسەت، بۇرچىنى چىڭ ساقلاپ، خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، «دۇنيانى ھەيران قالدۇرىدىغان» تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى يارىتىپ، ئىنسانىيەت تەرەققىيات تارىخىدىكى ئۇلۇغ داستاننى پۈتۈپ چىقتى، سوتسىيالىستىك جۇڭگو تېخىمۇ ھەيۋەتلىك قىياپەت بىلەن دۇنيانىڭ شەرقىدە قەد كۆتۈردى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى كۈتۈۋالدى.

  2021 − 1921، 100 يىل قاينام - تاشقىنلىق يىللار بولدى. شىكۇمېندىن تيەنئەنمېنغىچە، شىڭيې يولىدىن فۇشىڭ يولىغىچە، كىچىككىنە قىزىل كېمىدىن ھەيۋەتلىك زور پاراخوتقىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جاپالىق ۋە شانلىق ئۆتمۈشنى بېسىپ ئۆتۈپ، كۈنسايىن يېڭىلىنىۋاتقان ھازىردىن پارلاق، ئۇلۇغۋار كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، تەرەققىي قىلىپ ئەڭ چوڭ سوتسىيالىستىك دۆلەتتە 70 يىلدىن ئارتۇق ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن، 95 مىليوندىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسى بار دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ماركسىزملىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيەگە ئايلىنىپ، 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگو خەلقىنىڭ ئەڭ كەڭ كۆلەمدە قوللىشى ۋە ھىمايىسىگە ئېرىشتى.

  2021 − 1921، 100 يىللىق مۇساپە ھەيۋەتلىك مۇساپە بولدى. جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، شۇنداقلا ئىنسانىيەت تەرەققىيات ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى دۇنيانىڭ بۈيۈك بىرلىكىنى كۆزلەشتەك پۈتۈن دۇنياغا بولغان مۇھەببىتىدە چىڭ تۇرۇپ، تىنچلىق، تەرەققىيات، ئادىللىق، ھەققانىيلىق، دېموكراتىيە، ئەركىنلىكتىن ئىبارەت پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممىتىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا پائال تۈرتكە بولۇپ، باشتىن - ئاخىر دۇنيا تىنچلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى، يەر شارىۋى تەرەققىياتنىڭ تۆھپىكارى، خەلقئارا تەرتىپنىڭ قوغدىغۇچىسى بولۇپ، ئىنسانىيەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن جۇڭگو ئەقىل - پاراسىتى ۋە جۇڭگو لايىھەسىنى تەقدىم قىلىپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكى ۋە تەرەققىيات ئىشلىرى ئۈچۈن قالتىس تۆھپە قوشتى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: «پارتىيەمىزنىڭ تارىخى جۇڭگونىڭ يېقىنقى زامان، ھازىرقى زاماندىن بۇيانقى تارىخىدىكى ئەڭ تىللاردا داستان بولغان سەھىپە، تارىخ خەلقنىڭ ئىزدىنىشى ۋە كۈرەش قىلىشى داۋامىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى بارلىققا كەلتۈردى، پارتىيەمىز خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، يەنە ئۇزاق تارىخقا ئىگە جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ يېڭى تارىخىي شانلىق مۇساپىسىنى ياراتتى.» 100 يىل داۋاملاشتۇرۇپ كۈرەش قىلىش داۋامىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ ئۇلۇغ يولنى ئېچىپ، ئۇلۇغ تۆھپە يارىتىپ، ئۇلۇغ روھنى تاۋلاپ، قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى توپلاپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخى، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا كىشىلەر يېڭىچە نەزەر بىلەن قارايدىغان مۆجىزىلەرنى ياراتتى.

  بۇ، مىسلىسىز جاپالىق، تاغنى تالقان قىلغان سەلتەنەتلىك تارىخىي داستان. دۇنيادا ھېچقانداق پارتىيە پارتىيەمىزدەك بۇنداق كۆپ جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەر، توسالغۇلارغا ئۇچرىغان ئەمەس، بۇنداق كۆپ ھايات - ماماتلىق سىناقلارنى باشتىن كەچۈرگەن ئەمەس، بۇنداق كۆپ ئېچىنىشلىق قۇربانلىقلارنى بەرگەن ئەمەس. 100 يىلدىن بۇيان، تۈرلۈك قىيىنچىلىق، خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش داۋامىدا، پارتىيەمىز كۈچلۈك دۈشمەندىن قورقماي، خەۋپ - خەتەردىن قورقماي، كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، باتۇرلۇق بىلەن غەلىبە قىلىپ، خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، قارىماققا ھۇجۇم قىلىپ ئالغىلى بولمايدىغان قىيىن ئۆتكەللەرنى بىر - بىرلەپ ئېلىپ، قارىماققا مۇمكىن بولمايدىغان ئۇلۇغ غەلىبىلەرنى بىر - بىرلەپ قولغا كەلتۈردى. 100 يىللىق كۈرەش ئارقىلىق، بىز نەچچە مىڭ يىللىق فېئوداللىق جەمئىيەت تارىخىغا ئىگە دۆلەتتە ئەڭ كەڭ بولغان خەلق دېموكراتىيەسىنى ئىشقا ئاشۇردۇق، خەلق دۆلەت، جەمئىيەت ۋە ئۆز تەقدىرىنىڭ ھەقىقىي ئىگىسىگە ئايلاندى؛ بىز ھەم نامرات، ھەم قالاق بولغان مۇشۇنداق ئاساستا ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىدەك مۆجىزىنى ياراتتۇق، نەچچە ئون يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر نەچچە يۈز يىلدا بېسىپ ئۆتكەن سانائەتلىشىش مۇساپىسىنى تاماملاپ، دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىگە ئايلاندۇق، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچىمىز، پەن - تېخنىكا ئەمەلىي كۈچىمىز، دۆلەت مۇداپىئە ئەمەلىي كۈچىمىز، مەدەنىيەت تەسىر كۈچىمىز، خەلقئارا تەسىر كۈچىمىز كۆرۈنەرلىك ئاشتى؛ دۆلىتىمىز خەلقىنىڭ تۇرمۇشى كىيىنىش - تويۇنۇش يېتەرلىك بولماسلىقتىن ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يېتىپ، ئومۇمىي جەھەتتىن مۇتلەق نامراتلىقتىن ئۈزۈل - كېسىل قۇتۇلۇپ، دۆلىتىمىز دۇنيادىكى ئوتتۇرا ھال كىرىملىك، نوپۇسى ئەڭ كۆپ دۆلەتكە ئايلاندى؛ دۆلىتىمىز جەمئىيەت ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇش مۆجىزىسىنى يارىتىپ، جەمئىيەت ئىناق، مۇقىم بولغان، خەلق خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان ھالەتنى ئۇزاققىچە ساقلاپ، خەلقئارا جەمئىيەت ئومۇميۈزلۈك ئېتىراپ قىلغان ئەڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى. بۈگۈنكى كۈندە، پارتىيەنىڭ قىياپىتى، دۆلەتنىڭ قىياپىتى، خەلقنىڭ قىياپىتى، ئارمىيەنىڭ قىياپىتى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قىياپىتىدە مىسلىسىز ئۆزگىرىش بولدى، ھەرقانداق كۈچ ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ ئورنىنى تەۋرىتەلمەيدۇ، ھەرقانداق كۈچ جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش قەدىمىنى توسۇيالمايدۇ.

  بۇ، پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسىتى، بۇرچىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكەن شانلىق تارىخ. جۇڭگو سىياسىي سەھنىگە چىققان ئاشۇ دەقىقىدىن باشلاپ، پارتىيەمىز باشتىن - ئاخىر جۇڭگو خەلقىنىڭ بەختىنى كۆزلىدى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گۈللىنىشىنى كۆزلىدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، جۇڭگو خەلقى روھىي جەھەتتە پاسسىپلىقتىن تەشەببۇسكارلىققا ئۆتۈشكە باشلىدى، جۇڭخۇا مىللىتى جاپالىق، ئەمما ئارقىغا قايتمايدىغان ئۇلۇغ گۈللىنىشكە قاراپ ئاتلاندى. 100 يىلدىن بۇيان، ۋەزىيەت ۋە ۋەزىپىدە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشتىن، قانداق دەھشەتلىك دولقۇنلارغا دۇچ كېلىشتىن قەتئىينەزەر، پارتىيەمىز باشتىن - ئاخىر تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى ئىگىلەپ، كۈرەش نىشانىنى بېكىتىپ، توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ قەتئىي ئالغا ئىلگىرىلىدى. خەلق دېمەك ھاكىمىيەت دېمەكتۇر، پارتىيەمىزنىڭ ھاكىمىيەتنى قولغا ئېلىشى، ھاكىمىيەتنى ساقلاپ قېلىشىدا، ئەمەل قىلغىنى بولسا خەلقنىڭ رايى، بۇنىڭدىكى مەقسەت خەلقنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈشتىن ئىبارەت. مەيلى قانچىلىك زور خىرىس ۋە بېسىمغا دۇچ كېلىشتىن قەتئىينەزەر، مەيلى قانچىلىك زور قۇربان بېرىش ۋە بەدەل تۆلەشتىن قەتئىينەزەر، بۇ نۇقتىدىن قىلچە تەۋرەنمىدى. 100 يىللىق كۈرەش ئارقىلىق، پارتىيەمىز خەلققە تايىنىپ تارىخىي ئۇلۇغ ئىشلارنى يارىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت پارلاق ئىستىقبالنى كۈتۈۋېلىپ، يۈز مىليونلىغان خەلقنى يېتەكلەپ ئۈزلۈكسىز تېخىمۇ بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇش ياراتتى. خۇددى باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر كۆرسەتكەندەك: «پارتىيە تارىخىنى ئەسلىسەك، نېمە ئۈچۈن پارتىيەمىز شۇنچە ئاجىز، كىچىك ئەھۋالدىمۇ پەيدىنپەي راۋاجلىنىپ زورىيالىدى، قانلىق قىرغىنچىلىقتا ھەر قېتىم ھالاكەت گىردابىغا بېرىپ قالغاندا قايتا ھاياتلىققا ئېرىشەلىدى، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقنى يېڭىش داۋامىدا ئۈزلۈكسىز غەلىبىدىن غەلىبىگە قاراپ ماڭالىدى، بۇنىڭدىكى تۈپ سەۋەب شۇكى، مەيلى ئوڭۇشلۇق ياكى ئوڭۇشسىز ئەھۋالدا بولسۇن، پارتىيەمىز جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى باشتىن - ئاخىر چىڭ ساقلاپ، ھەققانىيەت يولىدىن قايتماي، بۇ نىشانغا قاراپ ئالغا ئىلگىرىلىدى، شۇ ئارقىلىق خەلقنىڭ چىن قەلبىدىن ھىمايە قىلىشى ۋە قەتئىي قوللىشىغا ئېرىشتى.» 100 يىللىق ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرگەن جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ئەسلىي مەقسىتىنى ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەملەپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىپ، كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن يېڭى ئۇلۇغ مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە!

  بۇ ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈش، ئاممىبابلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى ئۇلۇغ مۇساپە. يېقىنقى زاماندىكى جۇڭگونىڭ ئەڭ خەتەرلىك پەيتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ماركسىزم - لېنىنىزمنى تاپتى ھەم ماركسىزم - لېنىنىزمنى جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ماركسىزملىق ھەقىقەتنىڭ كۈچى ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتى نەچچە مىڭ يىلدا ياراتقان ئۇلۇغ مەدەنىيلىكنى قوزغىتىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچىنى يەنە بىر قېتىم ئۇرغۇتتى. 100 يىلدىن بۇيان، ماركسىزم جۇڭگونى چوڭقۇر ئۆزگەرتتى، جۇڭگومۇ ماركسىزمنى ئىنتايىن زور دەرىجىدە بېيىتتى. پارتىيەمىز ئىدىيەدە ئازاد بولۇش ۋە ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشنىڭ بىرلىكىدە، روھنى يېتىلدۈرۈپ ئاساسنى پۇختىلاش بىلەن توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىشنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ماركسىزمنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئۈزلۈكسىز ئېچىپ، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى شەكىللەندۈرۈپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلمىي نەزەرىيە يېتەكچىلىكى بىلەن تەمىنلىدى. پارتىيەمىزنىڭ تارىخى ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىش تارىخى، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، نەزەرىيە يارىتىشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىش تارىخى. بۈگۈنكى كۈندە، ماركسىزم 21 - ئەسىردىكى جۇڭگودا يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى، 21 - ئەسىردىكى جۇڭگو ماركسىزمى تېخىمۇ قۇدرەتلىك، تېخىمۇ قايىل قىلىش كۈچىگە ئىگە ھەقىقەت كۈچىنى نامايان قىلماقتا!

  بۇ، ئۇل سېلىپ نەتىجە ياراتقان، كەلگۈسىگە يول ئاچقان ھەيۋەتلىك مۇساپە. مىللەتنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە خەلقنىڭ ئازادلىقى، دۆلەتنىڭ بېيىپ قۇدرەت تېپىشى ۋە خەلقنىڭ بەختىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ھەققانىيەت يولىدىن قايتماي، ئىرادىسىدىن يانماي، داۋاملاشتۇرۇپ كۈرەش قىلدى. 100 يىلدىن بۇيان، پارتىيەمىز خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، 30 يىلغا يېقىن ۋاقىت سەرپ قىلىپ يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلابنى تاماملاپ، يېڭى جۇڭگونى قۇردى، جۇڭگو خەلقى شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئورنىدىن دەس تۇردى؛ پارتىيەمىز خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇش ئاساسىدا 40 نەچچە يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يولغا قويۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ئۇلۇغ تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇردى. كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، 2035 - يىلىغا بارغاندا، پارتىيەمىز خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرىدۇ ھەم مۇشۇ ئاساستا يەنە 15 يىل كۈرەش قىلىپ، مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا بارغاندا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىدۇ. ھازىر، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىش بۇرغىسى چېلىندى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، يېڭى دەۋردىكى ئۇلۇغ مۇساپىدە بوران - چاپقۇندىن قورقماي، قەيسەرلىك بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتىن ئىبارەت تارىخىي ئۇلۇغ ئارزۇ ئۈچۈن كۈرەش قىلماقتا.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغاندىن بۇيانقى 100 يىل − جۇڭگو خەلقى تارىخىي تەقدىرىنى تۈپتىن ئۆزگەرتكەن 100 يىل، جۇڭخۇا مىللىتى ئۇلۇغ گۈللىنىشكە ئاتلانغان 100 يىل، جۇڭگو پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن قالتىس تۆھپە قوشقان 100 يىل. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ بېسىپ ئۆتكەن شانلىق مۇساپە ئىسسىق قان، جاپالىق تەر، كۆز ياش بىلەن پۈتۈلگەن، ئۇ جاپا - مۇشەققەت ۋە شانلىق نەتىجە، ئەگرى - توقايلىق ۋە غەلىبە، بەدەل ۋە ھوسۇلغا تولغان بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدىكى سەلتەنەتلىك سەھىپە. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ قولغا كەلتۈرگەن ئۇلۇغ غەلىبىنىڭ تۈرتكىسىدە جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى زامانىۋىلىشىش مۇساپىسىدە يېڭى جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى، ئىلمىي سوتسىيالىزم 21 - ئەسىردە يېڭى جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى، جۇڭخۇا مىللىتى يېڭى جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى، بۇ، جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىگەنلىكىنىڭ رېئال ئاساسى.

  ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ يۆلەنچۈكى، پەقەت جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىلا جۇڭگوغا رەھبەرلىك قىلالايدۇ، پەقەت سوتسىيالىزملا جۇڭگونى قۇتقۇزالايدۇ، پەقەت ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشلا جۇڭگونى تەرەققىي قىلدۇرالايدۇ، سوتسىيالىزمنى تەرەققىي قىلدۇرالايدۇ، ماركسىزمنى تەرەققىي قىلدۇرالايدۇ، پەقەت جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىلا جۇڭگونى گۈللىنىش، بېيىش، قۇدرەت تېپىشقا يېتەكلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ.

  بۈگۈنكى دۇنيا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى باشتىن كەچۈرمەكتە، دۆلىتىمىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە تۇرماقتا، پارتىيەمىز خەلقنى يېتەكلەپ نۇرغۇن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى ئېلىپ بارماقتا، ۋەزىيەت، مۇھىتتىكى ئۆزگىرىشنىڭ تېزلىكى، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسىنىڭ ئېغىرلىقى، زىددىيەت، خەۋپ - خەتەر، خىرىسنىڭ كۆپلۈكى، پارتىيەمىزنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە دۇچ كەلگەن سىناقنىڭ زورلۇقى مىسلىسىز بولدى. بىز شۇنى چوڭقۇر بىلىمىزكى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ تاڭ نۇرى ئالدىمىزدا، ئىستىقبالىمىز پارلاق، لېكىن بۇنى ھەرگىزمۇ ئاسانلا، داقا - دۇمباق چېلىپلا ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدۇ. بىز تەس تېپىلىدىغان پۇرسەتكە دۇچ كېلىۋاتىمىز، شۇنداقلا كەسكىن خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتىمىز. «ئىككى 100 يىل»نىڭ تارىخىي كېسىشىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، 100 يىللىق كۈرەش مۇساپىسىنى ئەسلەپ، ئۇلۇغ گۈللىنىش كېلەچىكىگە نەزەر سالساق، پۇرسەت ۋە ۋەزىيەت بىز تەرەپتە، بۇ، بىزنىڭ ئىرادىمىز ۋە جاسارىتىمىزنىڭ ئاساسى، شۇنداقلا غەيرىتىمىز ۋە ئىشەنچىمىزنىڭ ئاساسى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: «ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈرەش تارىخى، يېڭى جۇڭگونىڭ تەرەققىيات تارىخى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەدەنىيلىك تارىخىدا ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىز جەزمەن شۇنى تونۇپ يېتىشىمىز كېرەككى، بۇ پەقەت بىزنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىگە ئاتلىنىشىمىزدىكى ئاچقۇچلۇق بىر قەدەم، بىز مەغرۇرلىنىپ ئۆز - ئۆزىمىزدىن قانائەتلىنىپ قالساق، بىر ئىزدا توختاپ قالساق قەتئىي بولمايدۇ، داۋاملىق كەمتەر، ئېھتىياتچان بولۇپ، مەغرۇرلۇق، ئالدىراقسانلىقتىن ساقلىنىپ، داۋاملىق جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن جاسارەت بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىپ، ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىدىن ئىبارەت ئالىيجاناب ئىشلار ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك!» سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە يول ئېچىپ ئالغا ئىلگىرىلەشتە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا جەزمەن چىڭ تۇرۇپ، ماركسىزم، كوممۇنىزمغا بولغان ئېتىقادنى كۈچەيتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمغا بولغان ئەقىدىنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا بولغان ئىشەنچنى كۈچەيتىپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، «ئىككى جەزمەن»دە چىڭ تۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، كۈرەش قىلىش روھىنى ساقلاپ، قوزغىتىشقا بولىدىغان بارلىق ئاكتىپ ئامىللارنى قوزغىتىپ، ئىتتىپاقلىشىشقا بولىدىغان بارلىق كۈچلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، كىرىزىس ئىچىدە پۇرسەت يېتىلدۈرۈپ، ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، ئۆز ئىشىمىزنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ياخشى قىلىپ، تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە تۇرۇپ، قەتئىي بوشاشماي ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ غەلىبىلىك يۈرۈش قىلىپ، «ئىمتىھانغا بېرىش»تەك سەگەكلىك ۋە قەتئىيلىك بىلەن يېڭى دەۋرنىڭ ئىمتىھان قەغىزىگە ياخشى جاۋاب بېرىپ، دۇنيا چوڭ ۋەزىيىتىگە ماسلىشىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مىڭ يىللىق ئۇلۇغۋار ئىشلىرىنى پۈتۈپ چىقىشىمىز كېرەك.

  يول ئۇزۇن، كۈرەش داۋاملىشىدۇ. بىز كۈرەش قىلىش ئارقىلىق توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، كۈرمىڭلىغان تاغ - دەريالارنى بېسىپ ئۆتتۇق. بىز يەنە داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، تېخىمۇ شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىشىمىز كېرەك. مىڭ يىللىق ئۇلۇغۋار ئىشلارنى قەلبكە پۈكۈش دەل 100 يىللىق سالاپەت. پارتىيەمىز باشتىن - ئاخىر دەۋر ئېقىمىنىڭ ئەڭ ئالدىدا تۇرسىلا، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرسىلا، ئەڭ كەڭ خەلق ئارىسىدا تۇرسىلا، مۇقەررەركى مەڭگۈ يېڭىلمەس ئورۇندا تۇرالايدۇ. يېڭى ئۇلۇغ مۇساپىدە، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، يول ئېچىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشى كېرەك!

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تېلېگراممىسى)

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ